-
1كاناداغا كۆچمەنلىككە ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇللىرى2010-03-23
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/60985781.html
Bu tema oqurmenlarning talipiga asasen Bilik toridin kochurulup elindi.KLMXX namliq tor dishimizgha kop rehmet bildurimiz.
مىنىڭ كاناداغا كەلگىنىمگە 2 يىلدەك بولۇپ كالدى، بۇ جەرياندا ھاياتنى يىڭىدىن قايتىدىن باشلاش ،ئوقۇش خىزمەت ئىشلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئۆتتى ، كونىلار دىگەندەك خۇشاللىققا داۋاملىق قايغۇ ھەمرا بولىدىكەن، نۇرغۇن تاتلىق ۋە ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى باشتىن كەچۇردۇم ، لېكىن بۇ يەرگە كەلگىنىمگە پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم، ئەكسىچە يىڭى ھايات تۇيغۇسى بارغانسىرى مىنى ۋە ئائىلەمنى خۇشاللىققا، بەخىتكە ئىنتىلدۇردى....
مەن كاناداغا ئۆزۈم ئولتۇراقلىشىش ئىلتىماسى سۇنۇپ ھەممەئىشلارنى ئۆزۈم قىلغان ، شىركەتلەرگە يۇقۇرى سوممۇلۇق بىجىرىش ھەققى تاپشۇرمۇدۇم، بارلىق چىقىملارنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە كونتىرول قىلدىم .مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزۈمنىڭ كانادادىكى ئوتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشىش ،كاناداغا كىلىش ،خىزمەت ئىزلەش ۋە ئوقۇش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم ،بۇ يولدا مېڭىۋاتقان ياكى بۇ يولغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋە ياكى كاناداغا چىقىىپ ئوقۇش ئارزۇسى بار ئوقۇرمەنلەرگە ئاز تولا پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس.كانادا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى باغچىسى
كانادا يەر زىمىن جەھەتتە شىمالى ئامرىكىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەت، ئىقتىسادى جەھەتتە 2- ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئاھالىسى بولسا ئەڭ ئاخىرىدا .... پۇتۇن كانادا نوپۇسى 34 مىلليۇن بولۇپ شاڭخەي شەھرىنىڭ ئاھالىسىدىن سەل جىقراق . لېكىن شۇنچە ئاز كانادا پۇقراسىنىڭ ياراتقان قىممىتى بۇ دۆلەتنى دۇنيادىكى ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرغان .بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا كانادا داۋاملىق ئادەمگە مۇھتاج....
كىتەرلىك ماتىرىياللار ۋە جەدىۋەللەرنى تەييارلاش ئۇسۇلى
يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك كىبەك كۆچمىنىنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن فىرانسوزچە بىلىش كېرەك ، ئادەتتە ئوتتۇرا دەرىجە سەۋىيىسىدە سۆزلىشەلەيدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، كۆپۈنچە خەنزۇلار 500 سائەت ئەتراپىدا ئۆگەنگەندىن كىيىن بۇ سەۋىيىگە يىتەلەيدۇ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن فرانسوز تىلىنى ئۈگۈنۈش تېخىمۇ ئاسان توختايدۇ. مىنىڭ شەخسەن تەجرىبەم : 100 سائەت ئۈرۈمچى خۇڭسەندىكى يۈەنياڭ ياسى تىل مەركىزىدە فرانسوزچە ئۈگەندىم ،ئاندىن ئۆيدە ئۆزلىكىمدىن ئۈگەندىم(كۈندە دىگىدەك 2 سائەتتىن)، بۇنى قوشقاندا جەمى 1000 سائەت ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن، ئىنتېرۋىۋدا ئەلچىخانا خادىمى بىلەن بىمالال سۆزلىشەلىدىم ، شۇڭا بۇ سەۋىيەگە يەتمەك بەك تەس ئەمەس دەپ ئويلايمەن . ئېنتىرۋىۋدا ئاساسى تەلەپ----- سۇرىغان سۇئاللارنى چۈشۈنۈش ۋە شۇنىڭغا توغرا, قىسقا جاۋاب بېرىش. بەك ئەندىشە قىلىش بىھاجەت.
كۆچمەن ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار ئۆزىڭىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ، تىل سەۋىيىڭىزگە قاراپ نومۇر قويىدۇ ، نۇمىرىڭىز يەتسە CSQ بېرىدۇ . بىر ئائىلە ئۈچۈن 63 نومۇر ، بويتاقلار ئۈچۈن 55 نومۇر ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
نومۇر قويۇش ئۇسۇلى ۋە شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە
1. تەربىيەلىنىش ئەھۋالى(ئەڭ يۇقۇرى نومۇر 28 ، ئەڭ تۆۋەن نومۇر 2 ):
1.1 مەكتەپتە ئوقۇش ئەھۋالى :
ئوتتۇرا مەكتەپ 2 نومۇر
كەسپى مەكتەپ 6 نۇمۇر
2 يىللىق ئادەتتىكى تېخنىكوم 4 نومۇر
1،2 يىللىق كەسپى تېخنىكوم 6 نومۇر
3 يىللىق كەسپى تېخنىكوم 8 نومۇر
جىددى كەسىپلەر تېخنىكومى 10 نومۇر
ئالى مەكتەپ 1 يىللىقى 4 نومۇر
ئالى مەكتەپ 2 يىللىقى 6 نومۇر
ئالى مەكتەپ 3 يىللىقى 10 نومۇر
باكلاۋېر ئۇنۋانى 12 نومۇر
1.2 كەسىپلەر بويىچە قوشۇمچە تەربىيەلىنىش ئەھۋالى :
A تۈردىكى كەسىپلەر 16 نومۇر ، B تۈردىكى كەسىپلەر 12 نومۇر
C تۈردىكى كەسىپلەر 6 نومۇر ، D تۈردىكى كەسىپلەر 2 نومۇر
2. خىزمەت تارىخى :
6 ئايغا توشمىسا 0 نومۇر ، 6- 23 ئايغىچە 4 نومۇر ،
24- 47 ئايغىچە 6 نومۇر ، 48 ئايدىن يۇقۇرىلار 8 نومۇر ،
3. ياش ( 43 ياشتىن يۇقۇرىلار 0 نومۇر)
18- 35 ياشقىچە 16 نومۇر، 36 ياش 14 نومۇر، 37 ياش 12 نومۇر ،
38 ياش 10 نومۇر ، 39 ياش 8 نومۇر ، 40 ياش 6 نومۇر ،
41 ياش 4 نومۇر ، 42 ياش 2 نومۇر.
4. تىل قابىلىيىتى :
فىرانسوز تىلى (ئېغىزچە ئىپادىلەش ۋە چۈشۈنۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن) 0- 16 نومۇر؛
ئىنگىلىز تىلى (ئېغىزچە ئىپادىلەش ۋە چۈشۈنۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن) 0- 6 نومۇر؛
5. كىبەكتە تۇرغان ئەھۋالى:
كىبەكتە 3 ئايدىن يۇقۇرى خىزمەت قىلغان بولسا 6 نومۇر
كىبەكتە 3ئايدىن يۇقۇرى تۇرغان بولسا: 2 نومۇر
6. كىبەكتە بىۋاستە تۇققانلىرى بولسا: 3 نومۇر
7. كىبەكتە ئاللىقاچان خىزمەت ئۇقۇشقان بولسا :
مونترېرىيال شەھرى : 6 نومۇر، باشقا شەھەرلەر 10 نومۇر،
8. بالىلارغا بېرىلىدىغان نومۇرلار:
12 ياشتىن تۆۋەن ھەر بالىغا 4 نومۇر، 12 -21 ياشقىچە 2 نومۇر؛
9. ئۈچ ئايغىچە ئۆزىنى باققىدەك ئىقتىسادى ئەھۋالى : 1 نومۇر؛
10. مۇھىتقا ماسلىشىش ئەھۋالى: (سۆھبەت جەريانىدا بەلگىلىنىدۇ ) 0- 6 نومۇرغىچە
11. قوشۇمچە كاندىداتقابىرىلىدىغان نومۇر؛
11.1 مەكتەپتە ئوقۇش ئەھۋالى :
ئوتتۇرا مەكتەپ 1 نومۇر
كەسپى مەكتەپ 2 نۇمۇر
2 يىللىق ئادەتتىكى تېخنىكوم 1 نومۇر
1،2 يىللىق كەسپى تېخنىكوم 2 نومۇر
3 يىللىق كەسپى تېخنىكوم 3نومۇر
ئالى مەكتەپ 1 يىللىقى 1 نومۇر
ئالى مەكتەپ 2 يىللىقى 2 نومۇر
ئالى مەكتەپ 3 يىللىقى 3 نومۇر
باكلاۋېر ئۇنۋانى 3 نومۇر
11.2 كەسىپلەر بويىچە قوشۇمچە تەربىيەلىنىش ئەھۋالى :
A تۈردىكى كەسىپلەر 4 نومۇر ، B تۈردىكى كەسىپلەر 3 نومۇر
C تۈردىكى كەسىپلەر 2 نومۇر ، D تۈردىكى كەسىپلەر 1 نومۇر
12. ياش ( 43 ياشتىن يۇقۇرىلار 0 نومۇر)
18- 35 ياشقىچە 3 نومۇر، 36 - 39ياشقىچە 2 نومۇر، 40 -42 ياشقىچە 1 نومۇر ،
13. تىل قابىلىيىتى :
فىرانسوز تىلى (ئېغىزچە ئىپادىلەش ۋە چۈشۈنۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن) 0- 6 نومۇر؛随机文章:
2010-05-03 2010-05-03كانادالىقلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى(2) 2008-12-18يات ئەلدە ئوقۇۋاتقان ۋەتەنداشلار A.ellik 2008-11-01
收藏到:Del.icio.us