
-
يات ئەلدە ئوقۇۋاتقان ۋەتەنداشلار A.ellik2008-11-01
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/uyghurstudent-logs/30883145.html
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يات ئەلدە ئوقۇۋاتقان قىرىداشلار.سىلەرگە ئازراق كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە .سىلەرنىڭ ھېسىياتىڭلارنى شېئىر ئارقىلىق بايان قىلدىم.
سېنى ئەسلىسەم
<يات ئەلدە ئوقۇۋاتقان ۋەتەنداشلار ئاغزىدىن>
چۈشلىرىمدىن ئېزىپ كېتىمەن ،
ئانا ۋەتەن سېنى ئەسلىسەم.
شاھ بولساممۇ قۇلدەك سېزىمەن،
ئانا ۋەتەن سېنى ئەسلىسەم.
شاماللاردىن پۇراپ ھېدىڭنى،
ئۇپۇقلاردىن سوراپ سىرىڭنى.
ھەر دەقىقە قىلىپ غېمىڭنى،
ئانا ۋەتەن سېنى ئەسلىسەم.
يۈرۈگۈمدە پۇچۇلغان ھېجران،
سېغىنىشىم قەلبىمدە پىنھان.
كۆرۈشۈشكە بولارمۇ ئىمكان،
ئانا ۋەتەن سېنى ئەسلىسەم.
ئاللا سىلەرگە سۇلماس ئىرادە ئاتا قىلغاي،قىرىنداشلىرىم.............
ھۆرمەت بىلەن :
ئا.ئىلىلىق
评论
بۇ شىئرنى ئۇقۇپ شۇنداق تەسرلەندىم ....
يۈرۈگۈمدە پۇچۇلغان ھېجران،
سېغىنىشىم قەلبىمدە پىنھان.
كۆرۈشۈشكە بولارمۇ ئىمكان،
ئانا ۋەتەن سېنى ئەسلىسەم.
بۇ مىسرالار ماڭا بەكلا تەسىر قىلىدى...ئىنشائاللا بىز خەقنىڭ يۇرتىدا بۇنداق مۇساپىر بولۇپ ياشاۋەرمەسمىز..ئىشقىلىپ ۋەتەننى بەكلا سىغىنىپ كەتتىم.......^_^ I want to cry...
يىقىندا بىر دوستۇم چەت ئەلگە ئوقۇشقا ماڭماقچىتى...........
بىر قىسىم كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ كىتىۋاتىدۇ........
قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت تىلەيمەن ، قېرىندىشىم ....
داۋاملىق تىرىشىڭ !!!! ھەم بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .