
-
(1)كاناداغا قاراپ يولغا چىقتىمAnjur007 - [چەتئەل تەسىراتلىرى]2008-10-20
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
مانا بۈگۈن مەن كۆڭلۇمگە پۇككەن ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىدىغان كۈنمۇيېتىپ كەلدى.بۇ 1-2 ھەپتە خۇددى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندەكلا ئۆتۈپ كەتكەندەك تۇيۇلدى..ھەيرانمەن.....بۇرۇندىن كۇتكەن ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقىت كېلۋاتىسىمۇ كۆڭلۈم بىر خىللا يېرىم تۇراتتى لېكىن ئۆيدىكىلەرگە بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈمنى شۇنداق خوشال تۇتۇشقا ئۇرۇندۇم......ئۆسۈپ چوڭ بولغان بۇ شەھەرمۇ ئەمدى ئۆزىنى تونۇتقىلى تۇردى...بىرخىللا قىيالماسلىق نەزىرىم بىلەن قاراپ قوياتتىم.ئۈرۈمچى ئايروپورتقا شۇنچە كۆپ چىقىپ تۇرىدىغان بولساممۇ ،بۇگۇنكى يول بەكلا قىسقا تۇيۇلىۋاتاتتى.نەس باسقاندەك بۇگۇن مەن ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا قاراپ ئۇچماقچى بولغان ئايروپىلان كېچىكىپ ئەتىگە سۇرۇلۇپتۇ...بىر ھىساپتا خوش بولدۇم 1 كۈن ئارتۇق تۇرۋالىدىغان بولدۇم دەپ بىراق دادام< سەپەرنىڭ 1-قەدىمى مۇھىم> دەپ بۇگۇن مېڭىشنىڭ ئامالىنى قىلدى شۇنڭى بىلەن ئاكىلىرىم بىردەمدىلا بېلىتىمىزنى ئاماشتۇرغۇزۇپ كەپتۇ.....ھەي...... دادام مەن بىلەن بېيجىڭغا بارماقچى بولسىمۇ لېكىن ئۆيدىكى ئاچا ئۇكىللىرىمغا مېىرىبان ئاپامغا ۋە تۇققانلارغا قاراپ كۆڭلۇم شۇنچىلىك يېرىم بولۇپ كەتتى.نەۋرە ئاكىللىرىم روھىمنى كوتىرىدىغان گەپلەرنى قىلۋاتاتتى....ئۆزۇمنى شۇنچىلىك تۇتىۋالغان بولساممۇ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ كەينىمگە ئۆرۇلۇپلا بىلىپ بىلمەي كۆزۈمگە لىقلا ياش كەلدى..توۋا ئائىلە مېھرى دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن.كەينىمگە ئورۇلگۈم كەلمىدى..دادامنىڭ كورۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم.......ھەرخىل تەكشۇرۇشلەردىنمۇ ئۇتۇقلۇق ئۆتتۇق.شۇنىڭ بىلەن بېيجىڭغا قاراپ يول ئالدۇق....بېيجىڭ ئايرودورمىدا ئاكاملار ساقلااپ تۇرۇپتىكەن ئۇلاربىلەن كورشۇپلا ئويگە يول ئالدۇق...ئىچىمدە< مانا سېنىڭ مۇساپىر تۇرمۇشۇڭ باشلاندى. جانلىق بول سەن ئاز ئۈمۈدلەر بىلەن يولغا چىقمىدىڭ تېخى قىيىنچىلىق ئالدىڭدا دەپ ئۆزۇمگە تەسەللى بېرەتتىم..دادام بىلەن خۇددى يېقىن دوستلاردەك نەگىلا بولسا تەڭ باراتتۇق، داداممۇ ھېس قىلغان بولسا كېرەك چاقچاق قىلىپ بۇرۇنقى بېيجىڭدىكى ۋە شاڭخەيدىكى چاغلىرىنى سۆزلەپ روھىمنى كوتۈرۈپ تۇراتتى. ....بېيجىڭدىكى دادام بىلەن بولغان 2كۇنلۇك ساياھىتىمىزمۇ شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتتى..ئەمدى يىراققا ئۆكيان ئاتلايدىغان سەپەر باشلانماقچى......بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودورۇمىددىكى رەسمىيەتلەرنى ئۇزۇن ئۆچۈرەتلەرنى ساقلاپ يۈرۈپ ئاخىر تۈگەتتىم.ئەمدى ئاخىرقى چىگرادىىن چىقىش رەسمىيىتى قالدى. بۇنى تۈگەتسەملا ھەقىقى يالغۇز سەپەرگە ئاتلىناتتىم.خىزمەتچى خادىم پاسپورت قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى سورىدى ھەممىنى كۆرسەتتىم.لېكىن نېمىشقىكىن ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ ، بىر مۇنچە سۇئاللارنى سورىدى...گەپ خوش ياقمىغاندا تۇز-تۇزلا جاۋاپ بەردىم..لېلىن ئۇلار رەسمىيەتلىرىمدىن چاتاق چىققاندەك مۇنازىرە قىلشىپ كەتتى.ئەمدى نىمە بولغاندۇ دەپ ئەنسىرگەىلى تۇردۇم..چوڭراق بىرسى كېلىپ 2سۇئال سورىۋېتىپ بولدى ماڭساڭ بولىدۇ دىدى.ھە دەپلا كەينىمگە ئۆرۈلۈپ دادام ۋە ئاكىللىرىمى بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتىم. ئۆيدىن تۇنقى قېتىم ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئايرىلىش بولغاچكىمىكىن دادامنى چىڭ قۇچاقلىۋالغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە ، ئالدىراپلا ماڭدىم توساقتىن ئۆتۈپ بولۇپ كەينىمگە نەچچە قېتىم دادامنى كۆرۋېلىش ئۇچۇن قارىساممۇ كۆرەلمىدىم..كېيىن كۈتۈش ئورنىغا كەلسەم 1سائەت بالدۇر كېلۋاپتىمەن.ئىچىمدە ئىسىت دادام بىلەن جىقراق تۇرۋالسامچۇ دىدىم....ئۇنى قىلىپ بۇنى قىلىپ 1 سائەتمۇ ئۆتتى...مۇلازىمەتچى قىز ئايروپىلاننىڭ 2سائەت كېچىككەنلىكىنى دىدى....كېيىن بىزگەچۈشلۈك تاماق ئۈچۈن بولكا سۇتتەك نەرسىلەنى بەردى.بۇ نەرسىلەر قانداق تېتىسۇن بولكا دىگەن بىلەن خوشامنىڭ يوقلۇقى لېكىن ئۇكام ئامراق ئىدى...ئۇنى بۇنى خىيال قىلىپ ئاخىرى ئايروپىلانمۇ قوزغالدى..ئېگىز كوتۇرۇلگەندە ئۈرۈمچىدىن بىر ئۇچۇپ ئوتسە بوپتىكەن دەپ ئويلاپ كەتتىم..15سائەتلىك ئۇچۇش قاچانمۇ تۈگەر.ئېچىمدە سۇرە-ئايەتلەرنى بىر ئوقۇۋەتتىم...كېيىن بىر ئۇيقۇ تۇتۇپ كەتتى.6سائەتتىن كېيىن ئويغانسام تېخى يەنىلا يورۇقچىلىق،ۋاقىت پەرقى ئېسمگە كەلدى.يېنىمدىكى بىر كانادالىق ئوغۇل بالا بىلەن پاراڭلىشىپ خېلى ۋاقىت ئۆتكۇزۇپتىمەن.كېيىن ئۇمۇ ئۇخلىدى.ئەتراپىمغا قارىسام 50%بىزنىڭ جوڭگولۇقلار ئىكەن.خۇددى ھازىر قۇرلۇشتىن كەلگەنلەردەكلا كۆرنۈپ كەتتى،كانادادىكى يولداشلارنىڭ سانىنى پەرەز قىلىپ بولدۇم.تورونتو ئايروپورت قىمۇ يېتىپ كەلدۇق.ئۈرۈمچىدە ئايروپورتقا تولا چىقىپ كونۇپ كەتكچكىمىكىن بۇ يەردىكى نەرسىلەمۇ ئانچە يېڭىلىق بىلىنىپ كەتمىدى.رەسمىيەتلەرنىمۇ قىينالمايلا بېجىرىۋالدىم.شۇ بېيجىڭ ئايروپورتىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.لېكىن بۇ يەردىكى ،مۇلازىمەتچىلەرنىڭ مۇئامىلىسى بەكلا سىلىق –سىپايە ئىدى.بىرەر نەرسىنى سورىسىڭىز شۇنداق مەسئۇلىيەتچىنلىق بىلەن جاۋاپ بېرىدىكەن.بۇ يەردە يۇك تاق توشۇيدىغان ھارۋۇ نىمۇ پۇلغا ئالىدىكەن.2$.لېكىن مەن پارچە پۇل ئالماپتىكەنمەن شۇڭا يېنىمدىكى جوڭگو پۇلىنى دوللەرگە ئالماشتۇردۇم.يۇك-تاقلارنى ئىلىپ چىقىش ئېغزىغا قاراپ ماڭدىم.تورونتو دىكى ئەلشىر دىگەن ئاكاش مېنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن.بىر كۆرۈپلا تونۇۋالدى ۋە شۇنداق قىزغىن كۆرۈشتۇق.ئاندىن ھەدەمنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتۇق.بۇ يەردە ماشىنا ئۈرۈمچىدىن ئزراق ئىكەن كىشىلەرمۇ ماشىنىنى بەكلا تېز ھەيدەيدىكەن. ...
http://www.blogbus.com/uyghurstudent-logs/30418720.html
评论
سىزنىڭ ئاخىرقى سەرگۈزەشتىڭىزنى بىلگىلىم كىلىۋاتىدۇ ، ئاخىرى قانداق بولدى ؟؟؟؟؟؟؟