-
ۋەتەن ۋە ئىمان - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]2008-10-29
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/30738084.html
ۋەتەن ۋە ئىمان
ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟
قەلەمنى مەشئەل قىپ مۈدۈرۈپ ئۆتتۈڭ،
ئۆپكەڭمۇ يوغىناپ ، يۆتىلىپ ئۆتتۈڭ .ۋەتەنگە ئىخلاستا باقساڭ ئېڭىشىپ،
قۇۋمىڭنىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ،
چاقنايدۇ مازاردا فوسفور يالقۇنى،
كۆكتىكى يۇلتۇزلاربىلەن سىردىشىپ.
بۇ يەردە بۇغرا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،
قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.سەپ تۈزۈپ ھەررەڭدە پەسىللەر ئۆتتى ،
«ۋەتەن » دەپ باھادىر نەسىللەر ئۆتتى .
ئەۋلادقا پەقەتلا ۋەتەن قالىدۇ
باشلاردىن نى ئەقىل
نەقىللەر ئۆتتى .
ۋەتەن چۆچەك ئەمەس، سەجدىگاھىڭدۇر،
ۋەيا ئەرمەك ئەمەس، باشپاناھىڭدۇر.«ۋەتەن __ جانان » دېدىڭ ، جانان تېپىلار ،
ۋەتىنىڭ بولسىلا ھامان تېپىلار،
غۇربەتتە تېنىگەن ساياقلارغىمۇ ،
شاھانە قەسىر ھەم ئايۋان تېپىلار .
بەزىدە ۋەتەنسىز سۇلتان بولىدۇ،
ئۆزىنىڭ گۆشىگە ئوتۇن بولىدۇ .ۋەتەن ئەسقاتىدۇئۆلگەنلەرگىمۇ،
نەپسىنىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەرگىمۇ ،
ھەتتا ئوسمىسىنى سېتىپ خوتۇنىنىڭ ،
بىر ئۆمۈر تاماشا كۆرگەنلەرگىمۇ .
لېكىن ھاقارەتتە قالدى قەبرىسى،
تالاي ئاھانەتتە قالدى نەۋرىسى.ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن ئەمەسمۇ؟
ۋەتەن ئىمانسىزغا ماتەم ئەمەسمۇ؟
1999-يىلى ، ئۈرۈمچى( ئابدۇقادىر جالالىدىن )
随机文章:
ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىقى 2010-01-20Government of Canada Tables 2010 Immigration Planكانادانىڭ 2010 يىللىق كۆچمەن قوبۇل قىلىش پىلانى 2009-11-16تورونتوغا ساياھەت1(مەنزىرلەر) 7days Toronto 2009-02-02
收藏到:Del.icio.us
评论
مەن كاناداغا كۆچمەنلىككە ئىلتىماس قىلغىلى خىلى بولۇپ قالدى. ئەگەر خۇدايىم بۇيرۇپ پۈتۇپ قالسا ئۇ يەردە ئالى مەكتەپتىكى كەسپىم بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقوي دىگەن ئىدىم.كەسپىم شەھەر قۇرۇلىشى مەدىنىيەت سەۋىيەم ئالى تىخنىكۇم . ئالى تىخنىكۇم دىن بىۋاستە ئاسپىرانتلىق ئوقىغىلى بولامدۇ؟ ياردەم قىلىپ مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەرنىڭ ئادىرىسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار!
305123846 چ چ نومۇرۇم .ئىشىنىمەنكى بىز سىرداشلاردىن بولالايمىز.