• كانادالىق ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئالغان تەسىراتى - [چەتئەل تەسىراتلىرى]2008-10-29

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/30738306.html

    كانادالىق ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئالغان تەسىراتى

    سالام تورداشلار:
    بۇ يازما كانادادىن بىر ئۇيغۇر قىزى ۋەتەنەگە 14يىل كىيىن تۇققان يوقلاش  ئۈچۈن  كىلىپ ئالغان تەسراتلىرنى بۇنداق يىزىپتۇ.
    1.ھىچكىم يانفۇننى« چوڭ بىلىپ كەتمەيدىكەن »مەن ماڭغاندا تېخى بىزنىڭ باشلىقنىڭ ب پ ئاپپاراتىمۇ يوقتى.
    2.تۇرمۇش ياخشىلىنىپتۇ، لېكىن بايلار باي بوپتۇ، كەمبەغەللەر تالادا قاپتۇ.
    3.مۇھىت خېلىلا بۇلغىنىپتۇ لىكىن ھىچكىمنىڭ كارى يوقكەن ،ھەممىسى «ئامال يوق» دىيشىدىكەن.
    4.يېڭى سۆزلەر بارلىققا كەپتۇ ،مەسلەن«رەڭلىك ئولتۇرۇش»«ئا ئا چە پۇل تۆلەش»دىگەندەك.
    5.خەنزۇچە سەۋىيە كۆتۈرلۈپتۇ ھەممە ئادەم سىزگە تېلفۇن نۇمۇرىنى«ياۋ سەن سەن  جيۇ»دەپ ئېيتىپ بېرىدىكەن.
    6.ئۇيۇن تاماشا دۆڭلىشىپتۇ ،ئەرلەرنىڭ سورۇندىن يانغاندىن قىلدىغان بىرىنجى ئىشى تېلفۇن ئۇرۇپ«چىقىڭە»دىيش ئىكەن،سورۇننىڭ يېرىمىغا كەلگەندە «دوستىلىرىڭىزنى ئېلىپ كىلڭە بىز XXXرىستۇراندا »دەيدىكەن.
    7.چەتئەللىكىلەر كۆپىيىپتۇ ،ھىچكىم پاكىستانلىقلارنى كۆزگە ئىلمايدىكەن ،ئەزەربەيجانلىقلارغا قىزلار ئامىراق ئىكەن «قاش كۆزى جايىدا»مىش،غەرىپتىن كەلگەنلەرگە يەنىلا ھۆرمەت يۇقىرى كەن .
    8.«قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان »«پىچىغى كەسمەيدىغان »باشلىقلارنى بۇنداق دىيىش ئازىيىپتۇ ھازىر«بىڭسى باركەن»دىيشىدىكەن.
    9.بۇرۇن «گۇيرۇ لەغمەن» تى ھازىر «ئۆي لەغمىنى» دەپ ئاشخانلاردا بۇيرۇتىدىكەن.
    10.ياشلارنىڭ ئىچىدە «قەنىت سىيىش كىسلى »«جىگىرىنى ماي قاپلاپ كىتىش كىسلى»كۆپىيىپتۇ.
    11.ھەممە ئادەم تاماكا چىكىدىغان ھاراق ئىچىدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ .
    12.ناماز ئۇقۇيدىغان ئادەملەر كۆپىيىپتۇ ،ياغلىق چىگىدىغان ئاياللارمۇ كۆپىيىپتۇ،
    13.«ماشىنا ئالاي دىگەنتىم »بۇ سورۇنلاردا دىيلىدىغان مۇھىم گەپكەن.
    14.«دا بازا» دىگەن جاي پەيدا بوپتۇ.
    15.جەنۇپتىن چىققان ئۇيغۇرلار كۆپىيىپتۇ ،ئۈرۈمچىلىكلەر ئۇچىرغان ئادەمنى «ئالتە شەھەرلىكلەر»دىيشىدىكەن.
    16.ئۆپكە ھىسىپنى ئۆيدە قۇيىدىغان ئىشلار ئاساسەن تۈگەپتۇ ،بازارغا بىرىپ يەيدىكەنمىز.
    17.توي-تۆكۈنلەر رىستۇراندا بولىدىكەن.
    18.ھەممە نەرسە«Jia جا »دىيشىدىكەن،ئالدى بىلەن «“ Jingimuجىڭمۇ” “ Jiasimu”»دەپ سورايدىكەنمىز.
    19. ھەممە ئادەم بالامىنى چەتئەلدە ئۇوقۇتىمەن دىيىشىدىكەن.
    20.بۇرۇن سورۇندا يىگىتلەر «شاڭخو ئوينايتى»ھازىر سورۇنلاردا «لەتىپە »ئېيتىشىدىكەن.
    21. بىرسىنىڭ ئېرىنى بىرسى تارتىۋالسا بۇرۇن نۇمۇس قىلاتتى ،ھازىر «بىڭسىم بارمىكەن »دىيشىدىكەن.
    22.كورىيە دۇنيادىكى «ئەڭ مودادۆلەت»  مىش،«كارامەت تەرەققىي قىلغان» مىش،ئادەملىرى بەك «ئەدەپلىك»مىش.
    23.«خوڭفاڭ»ۋە«خىيفاڭ»(Black Label, Red Label Scotch) چەتئەل ھاراقلىرنىڭ سىموۋىلى ئىكەن.
    24.قارا ئاداش ئاۋۇ كۈنى «دىبا»دا دەپ گەپ باشلايدىكەنمىز،«Diba-night club».
    25.ئۆزبەكچە ئاھاڭدىكى ناخشىلار مۇڭلۇق ناخشىلاركەن.
    26.Huo go( hot pot)غا ئۇيغۇرلار دۈم چۈشۈپتۇ ،خەنزۇلار ئىچكىردىن مىھمانلىرى كەلسە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانلىرىغا ئاپارماي قويمايدىكەن.
    27.قاچا لەغمەن دۆڭكۆۋرۈكتىن چىكىنىپتۇ ،تاپماق تەسكەن .
    28.ھەممىسى «بېسىم ئېغىرلاپ كەتتى»دىيشىدىكەن.
    29.ھەممە ئادەم دەم بىر ئاي توڭلاتقۇغا قويمىسىمۇ بۇزۇلمايدىغان سۈت ئىچىدىكەن.
    30. بىر سورۇندا ئولتۇرغان 10ئادەمنىڭ 8نىڭ بالىلىرى خەنزۇچە مەكتەپتە ئۇقۇيدىكەن.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بەك ياخشى كۇزىتىپسىز~~~شۇخىل جەمىيئەتكە سىڭىپ كەتكەچكە ئۆزىمىز يا ھس قىلىمىز يا ھىس قىلىپ بولالمايمىز~~~لىكىن ھەرھالدا چوقۇم ياشىلىنىپ كېتىدۇ~~~:)
  • بۇ تىمىنى شۇندا ياخشى يىزىپسىز، رەھمەت!
  • ياقشمۇسېز! بەك ياخشې يۇللاپسڭز......
  • بەك ياقشې يۇللاپ سېز.....

发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我