• سۇئال-جاۋابلار - [سۇئال-جاۋاب]2008-11-24

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/31703577.html

     سۇئال:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مەن يېقىندىن نۇرغۇن تور بەتلەردىن فورد ئوقۇش مۇكاپاتى توغرۇلۇق ئاز بولمىغان ماتىرىياللارنى كۆرۈپ شۇنداق قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن، بەلكىم مەندەك قىزىققۇچىلارمۇ ئاز بولمىسا كېرەك...
    مەن ھازىر مالايسىيادا بىر ئونۋىرستتا تۇلۇق كۇرس بويىنچە تەبىي پەن بىئولوگىيە تېخنىلوگىيسىدا ئوقۇۋاتىمەن، تېخى بىر مەۋسۈم بولدى...ئوقۇش پۇلىمۇ گەرچە ياۋرۇ-ئامىركىلاردىكى مەكتەپلەردىكىدەك يوقىرى بولمىسىمۇ ئىشقىلىپ يوقىرى...
    مەن ۋەتەندە شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىدا بىر يىل ئوقۇپلا مالايسىغا كېلىپ ئوقۇش پۇرسىتى بوپ قېلىپ بۇ يەرگە كەلگىلىمۇ 3 يىلچە بولدى...ھازىرقى يېشىم 25، ئونۋىرستنىڭ ئىنگىلىزچە ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن ھەم دەرسلەرمۇ ئىنگىلىزچە ئۆتىلىدۇ...
    ئەمدى ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەك فورد ئوقۇش مۇكاپىتى مەندەك شارائىتتىكى باللارغا بېرىلىش مۈمكىنچىلىكىمۇ بارمىدۇ؟
    جاۋاپ:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام...بۇ يەردە ۋاقىتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بەك قىس بولغانلىقى ئۈچۈن خېتىڭىزنى ۋاقتىدا كۆرەلمىدىم.ئەسلى مەنمۇ بىئولوگىيە ئوقۇغان.ھازىر مۇشۇ كەسىپ بويىچە ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتىمەن.فورد فوندى ئاساسەن مەلۇم مەزگىللىك خىزمەت تەجىربىسى بار ھەم ئۆز كەسپى بويىچە ەلۇم كۆزگە كۆرۈۈنگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلەرگە بېرىلىدۇ<بۇ پەقەت مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم،باشقىلاردىن تېىمۇ ئېنىڭراق سۈرۈشتۇرۇپ بېقىڭ>
    سىزگە بولغان تەكلىپىم ئەگەر سىز مالايسىيەدە بىئولوگىيەدىن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالسىڭىز.ئۇنىڭدا بىۋاستە شىمالىي ئامرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن بىۋاستە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.ئامىرىكىغا نىسپەتەن ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم توفىل ياكى گىرى بېرىشىڭىز كېرەك.ئەگەر شۇنداق بولغان ھالەتتە گىرى ئىمتىھانىغا بالدۇرراق تەييارلىقنى باشلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.چۇنكى ئۇ توفىل ئىمتىھانىسىغا قەتئى ئوخشىمايدۇ...كانادادىكى ئەدەتتىكى مەكتەپلەرگە نىسبەتەن پەقەت توفىل ئىمتىھان نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەمما ھەر ۋاقىت شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئالىي مەكتەپتىكى ھەرقايسى ئاساسلىق پەنلەردىن ئالغان نەتىجىلىرىڭىز بۇ ئىمتىغانلاردىن كۆپ مۇھىم تۇرىدۇ.
    ئەگەر شۇ يەردە ئوقۇش پۇتتۇرۇپ ۋەتگە بېرىپ خىزمەتكە ئېرىشكەن تەغدىردىمۇ يىلىڭىزغا 100مىڭ خەلىق پۇلى تاپالىشىڭىز ناتايىن ،ئەگەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ قالسىڭىز يىللىقىغىز ئاز دىگەندىمۇ 100مىڭ خەلىق پۇلىدىن ئاشىدۇ ھەم كەلگۈسىڭىزگە تېخىمۇ يول ئېچىلىدۇ.بىۇ خىراجەت بىلەن سىز خاتىرجەم ئوقۇش پۇتتىرەلەيسىز.بولۇپمۇ بۇ ياققا كېلىپ ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتۇۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ يولدا مېڭىۋاتىدۇ..
    ئاسپىرانتلىقنى چوقۇم داڭلىق ئۇنىۋېرسىتدا ئوقۇش بەكمۇ زۆرۈر ئەمەس،ئەڭ مۇھىمى دوكتۇرلۇقنى ياخشى پىرافىسورنىڭ  يېتەكچىلىكىدە ، ياخشى ئۇنىۋېرىتىسدا ئوقۇش.قسىقىسى بىزنىڭ تەكىتلىمەكچى بولغىنىمىز بۇ تەرەپكە كېلىۋېلىش ئاندىن كېيىنكىنى ئۆز ئەھۋالىڭىزغا قاراپ بەلگىلەش..........

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، قانداق ئەھۋالىڭىز، بىلوگىڭىزدا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلار بار ئىكەن، شۇڭا بىلوگۇمغا ئۇلىنىش قىلىۋالدىم، سىزمۇ مېنى ئۇلىنىشقا قېتىۋالسىڭىزكەن...
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كانادادىكى بۇرادەرلەر قانداق ئەھۋالىڭلار ، مەن سىلەردىن بىرئىش خۇسۇسىدا مەسلىھەت سوراپ باقماقچىمەن ، مەن تولۇقسىزئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ،لىكىن دادام نىڭ ئوقۇشقا بىرتەرەپلىمە قارىشى بولغاچقا مىنى ھەرقانچە قىلساممۇ ئوقۇتمىدى . مىنىڭ بەكلا كانادا ياكى ئاۋستىرالىيەگە چىقىپ كەتكۈم بارئىدى .ھازىر ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋاتىمەن ، سىلەر جاۋاپ بىرىپ باقساڭلار، مەن بۇيەردە تېخنىك ئىشچىلارمەكتىپى ياكى ئوتتۇراتېخنىكۇمدا ئوقۇپ ( ماشىنا ئىلىكتىربىرگەۋدىلەشتۈرۈش ياكى كەپشەرلەش تېخنىكىسى دىگەندەك )ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېىنىكلىق ئۇنۋانى ئالسام ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن كانادادىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان كەسپى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئالى دەرىجىلك تېخنىكلىك ئۈچۈن ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسام بولامدۇ؟

    ئوقۇشتىن باشقا كاناداغا كۆچمەن بولۇپ بېرىشنىڭ قانداق ياخشى ئامالى باردۇ؟
    خاپابولماي مەسلىھەت بەرسەڭلار
    Anjur007回复dilixki说:
    ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام قېرىندېشىم. سىزنىڭ ئوقۇش ئىرادىڭىزلا بولسا ،ئاللا خالىسا چوقۇم مۇرادىڭىزغا يىتىسىز.بۇ كانادا ھەر قانداق بىر چەتئەللىك .وقۇغۇچىنىڭ كېلىپ ئوقۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. لېكىن ئوقۇش پۇلى مەسلىسىنى ھەل قىلاسىسىڭىز بولىدۇ ئەلۋەتتە.بۇ دۆلەتنىڭ ئوقۇش پۇلى ئامىركىدىن توۋەنرەك لېلىن بىزلەرگە نىسبەتەن خېلى كۆپ پۇل ئۇ.سىزگە تەكلىپىم كانادانىڭ تېخنىك كۆچمەن بولۇش ئۇچۇرلىرىغا قاراپ بېقىڭ.مەنمۇ يېقىندا دوستلارنىڭ تەلپىگە ئاساسەن بۇ توغۇرلۇق ئازراق ماتىريال توپلاي دەۋاتىمەن.ئاۋال خەنزۇچە تور بېكەتلەرگە كىرىپ ماتىريال كۆرۈپ بېقىڭ ..مېنىڭچە ئۇنىڭ تەلىپىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس.مەن بۇ يەردە تېخنىكومنى نېڧىت كەسپىدە ئوقۇپ كېيىن بۇ دۆلەتكە كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەرنىمۇ ئۇچراتتىم......سىزگە ئامەت تىلەيمەن..
    2009-04-02 11:58:50
  • ئەسسالامۇ ئەلەركۇم !
    سىزنى ئۇلىنىشقا قوشىۋالدىم ، مىنىمۇ قوشۋېلىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن !
    تۈركچە ئۆگىنىش بلوگىنىڭ ئادرىسى: http://lreanturkish.blogbus.com
    تۇغ ئادرىسى : http://lreanturkish.blogbus.com/files/12258205420.jpg