
-
ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىن مىلىيادىرلارغىچە - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]2010-10-01
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/76102070.html
ئالىي مەكتەپ ھاياتى- كۆپىنچىمىز ئۈچۈن كۆپلەپ دوست تۇتىدىغان، ئاتا-ئانىمىزدىن ئايرىلىپ ئەركىن ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىيدىغان ياكى مۇھەببەتلىشپ ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغان، ۋە ياكى 4-5 يىل كىتابتىن باشنى كۆتۈرمەي ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاپ، كۈتكەن يەرلىرىدىن چىقىپ، نومۇرنى ياخشى ئېلىپ مەكتەپ تارقاتقان تومۈر تامغا بېسىلغان ئۇنۋان كىنىشكىسى ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغان ئالامەت بىر ئۇنتۇلغۇسىز ھاياتتەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن كۆزىمىنى تور دۇنياسىغا تىكىپ، كىچە كىچىلەپ ئۆگىنىپ كېلىۋاتقان چەتئەل تىللارنى ئىشلىتىپ چەتئەل تور بىكەتلىرىدىن ئىزدەيدىغان بولساق، يەنە بەز ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغان ئوقۇغۇچىلار مىللىيونىير بولۇش ئارزۇيىنى ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىز ئويلايدىغان ئۆمۈرلۈك ئارزۇلىرىمىزنى نەچچە قاتلاشقا جۈرئەت قىلماقتا.
تۆۋەندە دۇنيادىكى مىلىيونېرلىق ھاياتىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش مەزگىلىدىلا ئىشقا ئاشۇرالىغان 10 باينى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
Mark Zuckerberg ئۆزىنىڭ دۇنياغا داڭلىق، ئەزا سانى ئەڭ يۇقىرى كۈندىلىك كۆرۈلۈش سانى دۇنيادا ئالدىنقى 4 تور بىكەتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان facebookتورىنى قۇرۇشنى خارۋاتتىكى كىچىككىنە ياتاق ئۆيىدىن باشلىغان.
ئۇنىڭ ھازىرقى مۈلۈكى 6 مىللىيارت ئامىركا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن.
2- Tripod ھازىرقى ئەڭ داڭلىق تور بوشلۇق تەمىنلەش شىركەتلىرىنىڭ بىرسى. بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى Collage Williams مەكتىپىنىڭ 2 ئوقۇغۇچىسى- Bo Peadoby بىلەن Brett Hershey . كېيىنچە ئۇلار شىركىتىنى پايچېك بازىرىدا 58 مىللىيون ئامېركا دوللىرىغا سېتىۋەتكەن.3-Fred ئەپەندى ئامىركىنىڭ leYa ئۇنىۋىرسىتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تېز يوللانما سانائىتىنىڭ سېستىمىلاشتۇرىلىشى ھەققىدە بىر ماقالە يازىدۇ. بۇ ماقالە ئۇنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى ئالدىن قاتاردا تۇرىدىغان تېز يوللانما شىركىتى Fedex نى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. Fedex ھەققىدا سىلەرمۇ كۆپ ئاڭلىغان بولىشىڭلار مۇمكىن. Fedex نىڭ ھازىرقى مەبلىغى 66 مىلىيارت ئامىرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. ھازىرغا قەدەر Fred ئەپەندى CEO لىدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە
4- Dell Micheal كومپىيوتېر سېتىش سودىسىنى Texas ئۇنىۋىرستىدىكى ياتاق ئۆيىدىن باشلىغان. ئۇنىڭ سودا باشلىغاندىكى دەسمىيسى $1000 بولۇپ، ھازىرقى تونۇلغان Dell كومپىيوتېرنىڭ قۇرغۇچىسى بولىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ بايلىقى 17 مىلىيارد دوللاردىن ئاشىدۇ.
5- ئۆمەر سۇلايمان مىئامى ئۇنىۋىرسىتىنىڭ ئىگىلىك تىكەش سىنىپىنى پۈتتۈرگەناىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ' كېرەكسىز ئەخلەتلەرنى يۆتكەش شىركىتى قۇرۇش پىلانى' نى دولەتلىك ئىگىلىك تىكلەش پىلانى چېمپىيون تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرىدۇ ۋە 10مىڭ دوللار مۇكاپات ئالىدۇ. كېيىن ئۇ Nick Fiendman بىلەن بىرلىشىپ College Hunks Hauling Junk ئەخلەت يۆتكەش شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ھازىر ئۇلانىڭ 21 تارماق شىركىتى ۋە 12 تارماق ئورنى بار.
收藏到:Del.icio.us