• چەتكە چىقىش ئۈچۈن ئىشنى قانداق باشلاش كىرەك - [چەتئەلدە ئوقۇش]2008-12-23

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/32845483.html

    مەن ئامرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيمەن. ماڭا پات-پات ئۇيغۇر بالىلاردىن چەتكە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا مەسلەھەت سوايدىغان ئېلخەتلەر كېلىپ تۇرىدۇ. دائىم قايتا-قايتا جاۋاب يازغاندىن كۆرە، بىرپارچە ماقالە يىزىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم

    چەتكە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان بولسىڭىز، ياخشى ئويلاپسىز.  بۇ بىر تەس ئىش، لىكىن قىلغىلى بولمايغان ئىش ئەمەس. ئەلۋەتتە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە توغرا كىلىدۇ. لىكىن يەنە ئاللاغىمۇ باغلىق، ۋە ياكى خالىسىڭىزمەلۇم دەرىجىدە تالەيگە باغلىق دەپ  چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ 

    گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم. ئىشىنى قانداق باشلاش كىرەك؟

    ئالدى بىلەن ئىشىنى تىلى ئۆگىنىشتىن باشلاڭ

    مەيلى قايسى دۆلەتكە چىقماڭ،بىر تىل ئۆگىنىشكە توغرا كىلىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە توغرا كىلىدۇ. ئەگەر قايسى دۆلەتكە چىقىشنى قارار قىلمىغان بولسىڭىز ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىپ تۇرۇڭ. چۈنكى نۇرغۇن ئىگلىىز تىلى دۆلەت تىلى بولمىغان دۆلەتلەرمۇ، ئىنگىلىز تىلىدا ئاسپرانتلىق ئوقۇتۇشى ئىلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىڭىز ياخشى بولسا، ئىنلىز تىلىدىن

     TOEFL, GRE

    ئىمتىھانلارنى بىرىشكە تەييارلىق قىلىڭ. بۇ ئىمتىھانلارغا ئائىت ئۇچۇرلانى بىلمەكچى بولسىڭىز توردىن ئىزلەپ باقسىڭىز بولىدۇ. ياكى 

    http://www.ets.org

    گە قاراڭ 

    ئاندىن چەتكە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگەللەڭ. بۇ ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر خەنزۇتىلى ئاسىڭىز ياخشى بولسا، نۇرغۇنلىغان ياخشى خەنزۇ تىلىدىكى كىشىلەرنىڭ چەتكە چىقىشى ئۈچۈن مەخسۇس تور بىكەتلەرگە كىرىپ يازمىلارنى كۆرۈڭ. بۇتوربەتلەرگە كىرىپ ئالدى بىلەن  

    新手必看 

    دىگەندەك ئاساسى بىلىملەرنى تونۇشتۇرىدىغان يازمىلارنى كۆرۈشتىن باشلاڭ. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەجىربىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان يازمىلارمۇ پايدىلىق.  يەنە نۇرغۇن پايدىلىق يازمىلار بار. مەن ئۆزۈم بىلىدىغاندىن بۇ خىلدىكى تور بەتتىن بىر قانچىسىنى بار 

    http://www.taisha.org/

    http://bbs.gter.net/bbs/index.php

    بۇ توربەتلەردىن باشقا يەنە بەزى بۇخىلدىكى كىتاپلارمۇ بار. كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىىيدۇ.بۇ كىتاپلارنىڭ ئىلىكترونلۇق نۇسخىسىنى تاپالايسز. بۇ خىل كىتاپلاردىن مىنىڭ بىلىدىغانلىرىم

    飞跃手册,留学美国白皮书, 留学指导

    ئۇيغۇر تىلىدىمۇ بۇخىلدىكى توربەتلەر بار. بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرتىلى تور بەتلىرىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئوقۇش ئۇچۇرلىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. مە بىلىدىغانلاردىن

    http://www.meripet.com/

    http://www.bilik.cn/?dp-bbsforum-174.html

    بەزى چاغلاردا ئىمتىھانغا قانداق تىزىملىتىش، پۇلنى قانداق تاپشۇرۇش، دىگەندىك سوئاللار سورالغان ئىلخەتلەنى قوبۇل قىلىپ قالىمەن. بۇنداق سوئاللارغا مەنمۇ دەرماللىقتا جاۋاب بىرەلمەيمەن. چۈنكىم بۇ خىلىدىكى ئۇچۇرلار ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەن ئىمتىھان بەرگەن چاغدا بىر خىل ھازىر بولسا پۈتۈنلەي بىر خىل بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ خىلدىكى دائىم ئۆزگىرىپ ئۇچۇرلارنى يۇقۇردا كۆرسەتكىن خەنزۇ تىلىدىكى تورلاردىن ئىلىگەن ياخشى. چۈنكى بۇ تورلاردا ئۇچۇرلار ئەھۋالغا قارىتا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مىنڭچە ئەڭ ياخشىسى يەنىلا شۇ ئۇچۇرنىڭ مەنبەسىگە بىرىپ ئىگىلىگەن ياخشى. مەسلەن ئىمتىھانغا تىزىملىتىش دىگەندەك ئۇچۇرلارنى شۇ ئىمتىھان ئالغۇچى ئورگاننىڭ بىتىگە بىرىپ ئىگىلىگەن ياخشى. چۈنكى ئىككىنىچى قول ئۇچۇرلار خاتا بولۇپ قىلىشى مۇمكىن

     مىنىڭچە مۇشۇ ئىككى نۇقتا بىلەن ئىشىنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ پەقەت بىر باشلىنىش. كىيىن نەنە ئىمتىھانلارنى بىرىپ، مەكتەپلەرگە ئىلتىماس، پاسپورت بىجىرىش قاتارلىق ئىشلار بار. ئاللا خالاپ ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولۇپ قالسا، يەنە ۋىزا بىجىرىش، چەتكە چىقىش تەييارلىقلىرىمۇ بار. بۇلار كېيىنىكى گەپلەر. ئىنشا ئاللا، شۇنداق كۈنلەرنى سىزگە نىسىپ بولغاي

    سادىق بىلوگىدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى ئەمدى باشلىماقچى . چەتكە ئۇقۇشقا چىقىشقىغۇ پۇرسەت يوق .
    Anjur007回复كەسپى ساغلاملىق说:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم......بىزمۇ ئەسلى شۇ سىزدەك ئويلىغان كېيىنچە بارا بارا تىرىشىش ئارقىلىق مۇشۇ يەردە ئوقۇش ئارزۇيىنىزنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.....ئۇمۇدۋار بولۇڭ...ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ.!!!!!پات ئارىدا سىزنىىڭ ئۇتۇقىڭىزنى ئاڭلاشنى ئۇمۇد قىلىمىز........
    2009-01-18 06:29:15