-
كانادا تەسىراتلىرىم 2(خالىسە) - [چەتئەل تەسىراتلىرى]2009-02-05
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34639788.html
داۋامى:
1.چۈمبەللىك ئوقۇغۇچىلارنى كۆردۈم!
مونتىريالدىكى بەزى ئۈنۋىرسىتلارنىڭ ئاياللار مەسجىدتە ئەرەپ دۆلەتلىردىن كەلگەن چۈمبەللىك مۇسۇلمان ئاياللارنى كۆردۈم.ئۇلار يۈزلىرنى يۆگەپ ،ئۇزۇن ئابايىلارنى كىيىپ ،سومكىلىرنى ئىسىشىپ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.بەزىلىرنىڭ بالىلىرى بار ئاياللار بولۇپ،تاراۋۇ نامازلىرغا بالىلىرنى ئىلىپ كىلىدۇ.مەن تونۇيدىغان بىر ئايال بولۇپ ،ئۇ ئالجىرىيەلىك ئىدى.ئۈنۋىرسىتلاردىكى خىلمۇ خىل كىيىملىك ئادەملەرگە ھىچكىم ھەيران قالمايدۇ،ھىچكىم گەپ قىلمايدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ ئىختىياردىكى ئىش.
2.ھىچكىم باجدىن نېرى ئەمەس،شۇنداقتىمۇ كىشلەر ياخشى كۆرىدىغان دۆلەت
بۇ دۆلەتتە بىر دوللارلىق نەرسە سىتىۋالغاندىن تارتىپ ھەر قانداق نەرسىگە باج تۆلەيسىز.شۇنداقتىمۇ كىشىلەر يەنىلا بۇ دۆلەتنى ياخشى كۆرىدۇ.سەۋەبى پاراۋانلىقى ياخشىى ،بىر قانچە مىسىال (داۋالاش ھەقسىز،بالىلار تۇغۇلغاندىن 18 ياشقىچە ئايلىق كانادادىن پۇل بېرىلدۇ.يەنە شۇنىڭدەك نۇرغۇن ياردەم پۇللىرى كۆپ.ئادەملىرى ئاز،خىزمەت پۇرسىتى كۆپرەك.)نۇرغۇن ئەۋزەل شارائىتى بار.
3.پۇل تىجەش
بۇلار پۇللىرنى تىجەشنى ھەممە جەھەتكە ئىشلەتىدىكەن.بەزى كانادالىقلار ئامرىكا ماللىرىنى ئەرزان كۆرۈپ پىكاپلىرى بىلەن دۆلەت ئاتلاپ ئامرىكىغا بېرىپ نەرسە كېرەك سىتىۋالدۇ.سۇ- توك ئىدارىلىرمۇ سۇ -توك پۇلى تۆلەش تالۇنى بىلەن بىگە سىزگە پۇل ۋە ئىنىرگىيە تىجەش ئۇسۇلى يىزىلغان قەغەزلەرنى تەڭ ئەۋەتىپ بېرىدۇ.ھەر بىر ئائىلىگە باھاسى چۈشۈرۈلگەن ماللار ئىلان گىزىتلىرى ھەپتىدە كەلگەندىن سىرت ،تاللا بازارلانىڭ ئىسمىنى تورغا كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز،باھاسى چۈشكەن يىمەك-ئىچمەك،كىيىم-كىچەكلەرنىڭ ھەر ھەپتىلىك دىگۈدەك ئىلانى چىقىپ بولغىننى كۆرىسىز.«باي نەدە ۋاي شەھەردە.»-دەپ بىزنىڭ ۋەتەندىكى بەزى كىشىلەر چەتئەلنىڭ كىنولىرنى كۆرۈپلا، بۇلارنى پۇل دىگەننى تازا خەجلەيدۇ دەپ چەتئەل كىيىمى چەتئەل ماللىرىغا نۇرغۇن پۇل سەرىپ قىلىدۇ،بىراق بۇ يەردە كۆپىنچە مەسھۇلاتلارنىڭ جۇڭگودىن كىرگۈزۈلگەن ئىكەنلىكىنى ،ئادەملەرنىڭ ناھايىتى ئاددى-ساددا تىجىشلىك ياشايدىغىننى كۆرسىڭىز ھاڭ-تاڭ قالىسىز.
4.توختىماي كىلدىغان خەت -چەكلەر
بۇ دۆلەتتە مەيلى سۇ-توك پۇل تالۇنى،ياكى باج قەغەزلىرى،ياكى يانغۇن ھەققى،بالىڭىزنىڭ پۇلى،مەكتىپىدىن كەلگەن خەتلەر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەغەزلەر ھەپتىدە-ئايدا توختىماي كېلىپ تۇردۇ.بەزىلىرنى سىز ساقلاپ قويۇشىڭىز كېرەك.ئۇزاق ئۆتمەي خەت -چەكلىرىڭىز دۆۋلىنىپ كىتىدۇ.سوۋغاتلار كەلگەن بولسا پوچتالىيۇنلار ئۆيىڭىزگە ئەكىرىپ بېرىدۇ.بۇ يەرى كىشىنى خوش قىلدۇ.
5.تۇغۇلمىغان بالىنى يەسلىگە تىزىملاپ قويۇش
كانادانىڭ بەزى شەھەرلىردە يەسلى بەك قىس،شۇڭا بەزىدە بىر قانچە يەسلىگە بېرىپ :«بالام ئالتە ئايدىن كىيىن تۇغۇلدۇ،مەن بالام تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەندە يەسلىگە بەرمەكچى ئىدىم،ئىسمى پالانىخان»- دەپ تىزملىتش كېرككەن.بۇ ئادەمگە ھەيران قالارلىق بىلىندىكەن،بىراق بۇ يەردە شۇنداق ئۇقۇشۇش كېرەككەن.بەزى فىرانسۇس تىل مەكتەپلەرنىڭ يەسلىسى يىنىدا بىللىكەن.ئانىلىرى تىل ئۈگەنمەكچى بولسا، بالىلىرنى يىندىكى يەسلىگە تىزىملاتسا بولدىكەن.دەم ئىلىشتا بالىلىرنى كۆرۈپ تۇردۇ.
6.بالىلار ئۈچۈن
بۇ يەردە بالىلار نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ئىگە .تۇغۇلۇش بىلەن كانادالىق بولىدۇ.سېستىرالار يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى قانداق بېقىش توغرىسىدا تۇغۇتتىن ئىلگىرى ۋە كىيىن مۇلازىمەت ئورۇندا ،دوختۇرخانىدا ۋە (تۇغۇتتىن كىيىن)ئۆيىڭىزگە كىلىپ ئۈگىتىدۇ،كىتاپلارنى بېرىدۇ،مەسلىھەت تىلفۇن قىلسىڭىزمۇ بولدۇ. بوۋاقلارغا ھەقسىز ۋىتامىن ۋە ۋاكسىنا بېرىلدۇ.بوۋاققا قورامىغا يەتكىچە ھۆكۈمەتتىن پۇل بېرىدۇ.تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە بالىلىرغا سۈت پۇلى ،ئۇزۇقلۇق پۇلى قاتارلىق پۇللارنى ئايلىق قوشۇپ بېرىدۇ.بالىلارنى مەكتەپلەرگە ئايرىم ئاپتۇبۇستا ئاپىرىپ ۋە ئەكىلىپ قويىدۇ.مەھەلىلەردىكى ئائىلىكلەر باغچىلىرىغا يازدا ھەپتىدە مۇلازىمەتچىلەر كېلىپ بالىلارنى ھەر خىل ئويۇنلار بىلەن ھەقسىز ئوينىتىدىغان مۇلازىمەتلىرى بار.بالىلارغا يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوينىتىشنى ئاساس قىلىپ دەرىس ئۆتىدۇ.بالىلار ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى تۈزۈملىرى بار.
7.چەتئەللىكلەر بالا باقامدۇ ياكى ئىشىت باقامدۇ؟
بالىلارغا شۇنداق ياخشى سىياسەتلەر بولسىمۇ لىكىن بۇ يەردە يەنە بەزى كىشىلەر توي قىلىش ۋە بالا بېقىشنى ئاۋارچىلىق ئويلايدۇ.ئۇلار ئەركىن بولمىز دەپ كۆڭلى خالىغان ئادەم بىلەن بىللە تۇردۇ.سۇبھانەئاللا،يالغۇز قالغاندا ئىشىت باقىدۇ.بۇ يەردە ھايۋانات ماگزىنى، دوختۇرخانىسى ئومۇملاشقان ،تاللا بازارغا كىرسىڭىز مەخسۇس بىر قۇرنىڭ ھايۋاناتلار ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىز. ئاڭلىشىمچە ھايۋانات ماگزىندا ھەر خىل ئېھتىياجغا ماس ھايۋانلار باركەن.مەسلەن ئەما ئۈچۈن لازىملىق ئىشىت،...
بەزى كىشىلەر تۇغۇشنى ياخشى كۆرمىگەچ جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىن بالا ئەكەلدۇرۈپ باقىدىكەن.يوللاردا قارىسىڭىز چەتئەللىك ئەر-ئايالنىڭ خەن مىللەتلىك باللىرىنى ئىلىپ ماڭغىننى ئۇچىرتىپمۇ قالسىز.
8.تاماقخانا ۋە ئىچىملىكخانا
بۇ يەرلەردە تىم خورتۇن ،سېكىندى كاپ قاتارلىق قەھۋەخانىلار ئوموملاشقان بولۇپ،ئۇ يەردە ھىچنىمە ئىچمەي قول كومپىيۇتۇرڭىزنى ئەكىرىپ تورغا چىتىۋىلىپ 24 سائەت ئولتۇرسىڭىزمۇ ،ئۈگىنىش قىلسىڭىزمۇ ھىچكىم گەپ قىلمايدۇ.بۇنداق جايلاردا ئوقۇغۇچىلار خىلى كۆپ كىرىپ ئۈگىنىش قىلىدۇ.چەتئەللىكلەر ئاددى تاماق ۋە ئىچىملىكلەرنى ياخشى كۆرسە كېرەك.بىزنىڭ ۋەتەندىكىدە چوڭ رىستۇرانلارنى كۆپ ئۇچراتمىدىم.ھەممىسى ئوخشىشىپ كىتىدىكەن.ئاز تولا ئەرەپ، خەن رىستۇرانى بار.پىزا دۇكانلىرى بار.
9.قاتناش
مونتىريالدا مىترو شىمالى ئامرىكا بويىنچە ئەڭ كەڭ ئوموملاشقان،پىكاپىڭىز بولمىسا سەل ئاۋارچىلىق ھىس قىسىز،بىراق باشقا شەھەرلەردە پىكاپىڭىز بولمىسا ئۆزىڭىزنى توكودەك ھىس قىلىپ قالىسىز.بولۇپمۇ ئالدىراش خىزمەتچىلەر.ئاپتۇبۇس ۋاقىتلىرنىڭ كىدىغان ۋاقت جەدىۋەللىرى تارقىتىپ بېرىلدۇ ھەم بىكەتلەردە چاپلانغان،شۇ ۋاقتتا چىقسىڭىز ۋاقىت تىجىلدۇ.ئەڭ ياخشىسى پىكاپ بولغانغا يەتمەيدۇ.پىكاپلار ئەزان ھەم ئايغا بۆلەپ تۆلىسىڭىز بولدۇ.خالىسە يازمىسى
随机文章:
كانادالىقلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى1)( 2008-12-04كانادا تەسىراتلىرىmontreal 2008-11-26چەتئەلگە چىقماقچى بولغان ستۇدېنتلارغا 2008-11-15چەتئەلدىكى ساۋاقداشلارغا ئۇچۇق خەت 2008-10-23
收藏到:Del.icio.us
评论
يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى بېتى سىزنىڭ ئۇلىنىش قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا!
مەن يىڭى كەلگەن بولغاچ تىمام شۇنداق بۆلىنىپ يىزىلىۋاتىدۇ.كاللامغا كەلگەننى يازغاچ تۇردۇم ،ئۇنتۇپ قالماي كىين يازغۇم كەلمەي قالمىسۇن، باشقىلار بالدۇراق بىلسۇن دەپ،يەنە كاللامغا ئۇچۇرلار يۇغلانسا تامچە تامچە يىزىۋىرىمەن.ئىنشائاللا كۆل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.