-
كانادالىقلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى(2)2008-12-18
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
3-ئوقۇ -ئوقۇتۇشى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرى
logs/32638345.html
كانادا دۆلىتى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز لېكىن يەر بايلىقى كۆپ دۆلەت بولۇپ.بۇ دۆلەت ئۆز نوپۇسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.لېكىن ئەلۋەتتە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى كۆچمەن قوبۇل قىلىش تەلەپلىرىگە تولغان كىشىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ...بۇلاردىن سودىگەر ياكى بىرەر كەسىپ بويىچە ئۇنۋان ئالغان ۋە ياكى بىرەر ساھەدە ئۇتۇق قازانغان ،قىسقىسى مۇشۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغان كىشىلەرنى قوبۇل قىلىدىكەن...ئەلۋەتتە دۆلەتمۇ ئۇلارغا ھەرخىل شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىدۇ.كانادانىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى دۇنيادىكى خېلى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭمۇ ئالدىدا تۇرىدۇ.شۇڭلاشقا ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان كۆچمەنلەر بۇ دۆلەتكەimmigrant)كۆچمەن(بولۇشقا ئىلتىماس قىلىدۇ.....مېنىڭ بۇ ئىجدىمائى پاراۋانلىق ئىشلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىم بۇ دولەتنىڭ پۇخرالىق ھوقوقىغا ئېرىشكەن كىشىنىڭ بالىسى ھەم ئۆزلىرىمۇ باشقا كانادالىقلار ئېرىشكەن ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق بەھرىمان بولىدۇ.ئەگەر تۆۋەن كاپالەتلىك تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېلتىماس قىلسڭىز سىزنى تۇرمۇش خىراجىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ )بۇ پۇلمۇ خېلىلا يۇقىرى(..ئەگەر پەرزەنتىڭىز بار بولسا سۇت ھەققى ئۈچۈن ھەر ئېيىغا 1000$ئەتراپىدا پۇل بېرىدىكەن)قۇرامىغا يەتكەنگە قەدەر(...ئىش قىلىپ بۇ دۆلەت ئۆز پۇخرالىرىنىڭ مۇشۇنىڭدەك ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن 100%كاپالەتلىك قىلىدىكەن..تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش،تۇرمۇش خىراجەتلىرى پۇتۇنلەي ھۆكۈمەت ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.بۇلارنىڭ مائارىپقا كۆڭۈل بولىشى بەك يۇقىرى ئىكەن.شەھەرلەدىكى ئاممىۋى كۈتۈپخانىلار ياكى ئۇنۋىرسىتلارنىڭ كۈتۈپخانلىرىغا ھەرقانداق ئادەمنىڭ كىرىپ كىتابلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بار ئىكەن..بىزنىڭ مەكتەپكە ماڭىدىغان يولدىمۇ بىر كۈتۈبخانا بار بولۇپ ، مەن بۇ كۈتۈپخانىدىنمۇ بىر كارتا بېجىرگەن ئىدىم)پۈتۈنلەي ھەقسىز( ھەرقانداق ماتىرىيالنى ئارىيە ئېلىپ كۆورەلەيمەن ھەتتا بۇ كۈتۈپخانىدىكى كىنو پىلاستىنكىلىرىنىمۇ ئەپكېتىپ كۆرۈپ قايتۇرۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ.بۇلاردىن مەن بەكلا رازى بولدۇم بۇ دۆلەت كىشىلەرنىڭ ئومومى ساپاسىنى كۆتۈرۈشكە ھەقىقەتەنمۇ بەك كۆڭۈل بولىدىكەن.بۇلار 12 يىللىق ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنۋىرسىتقا كىرىدۇ.باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش دەرىسلىكى بىزنىڭ ۋەتەندىكى ئوقۇش دەرىسلىكلىرىمىزدىن خېلىلا ئاددى...باشلانغۇچ ۋە تولۇق ئوتتۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا بەكمۇ چوڭ بېسىم يوق..لېكىن ئۇنىۋىرسىتقا كىرگەندىن باشلاپ بۇلارنىڭ تىرىشچانلىرى ۋە ھورۇنلىرى 2تەرەپكە ئايرىلغىلى تۇرىدۇ...كۆپىنچە ئۇنىۋىرسىتقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ئىستىكى بىرقەدەر يۇقىرى ئوقۇغۇرچىلار بولۇپ ،خېلىلا تىرىشىپ ئۆگىنىدىكەن....بەزىلىرىنىڭ كىيىنىشلىرى ،قىلىقلىرىغا قاراپ مۇشۇلارمۇ ئوقۇغۇچىمىدۇ دەپ قالدىم لېكىن ئۆگىنىش ۋاقىتلىرىدا بىزدىن بالدۇر كۈتۈپخانىغا ئۈنۈپ بولىدۇ....ئۇنۋىرسىتلاردىكى ئوقۇغۇچىلار دەرىسلەرنى ئۆزى تاللاپ ئوقۇيدۇ..دەرس سائىتى ئاز لېكىن ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇق ئۈچۈن يېرىم كۈن كېتىدۇ..چۇنكى بىز ۋەتەندە ئوقۇتقۇچىلارغا ئەگىشىپ ماڭغان بىلەن بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلار دەرىسنى ئۆتۈپلا چىقىپ كېتىدۇ ئۇلارنى توسۇپ سۇئال سوراش مۇمكىن ئەمەس ھەتتا بەزى پىراففىسورلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولساق ئالدىن 2-3كۇن بۇرۇن تىزىملىتىپ قويۇپ كۆورشىمىز،ئۇلار ھەممىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى قىلىشىغا تاشلاپ بېرىدۇ.ئەگەر چۈشەنمىگەن بولساق كۈتۈپخانىدىكى ماتىرياللاردىن ياكى توردىن پايدىلىنىڭ جاۋاپ تاپىمىز ،تاپشۇرۇقلارمۇ شۇنداق بىر تاپشۇرۇقنى ئىشلەش ئۈچۈنمۇ خېلى جىڭ ماتىريال كۆرۈش كېرەك...مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلانى ئالدىغا ئىتتىرىش ۋە رىغبەتلەندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلاش تۇزۇملىرى بار.ئەگەر سىز ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز سىزنىڭ كەسپىڭىز بويىچە ھەرقايسى جايلاردا ئېچىلىۋاتقان يىغىنلارغا مەكتەپكە ۋاكالىتەن پۇتۇن چىقىمنى كۆۈرۈپ قاتناشتۇرىدۇ.سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىز ئۈچۈن پايدىلىقلار بولسا مەكتەپ سىزنى قوللايدۇ...بۇلارنى كېيىنچە ئايرىم تېما ئۈستىدە سۆزلەپ ئۆتىمەن...ئۇنىۋىرسىتلارنىڭ ئوقۇش پۇلىمۇ خېلى يۇقىرى بولغاچقا كۆپىنچە يەرلىك ئوقۇغۇچىلار ھۆكۈمەتتىن ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىپ تۆلەيدۇ.بۇلار كۆپىنچە نەرسىلەرنى)ماشىنا.ئۆي.ئۆي سايمانلىرى( شۇنداق قەرز قىلىپ ئېلىۋېرىدىكەن..international student)خەلقئارالىق ستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇش پۇلى يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنىڭ ئاساسەن 2 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ ..随机文章:
كانادالىقلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى1)( 2008-12-04چەتئەلگە چىقماقچى بولغان ستۇدېنتلارغا 2008-11-15(2)كاناداغا قاراپ يولغا چىقتىمAnjur007 2008-10-23(1)كاناداغا قاراپ يولغا چىقتىمAnjur007 2008-10-20
收藏到:Del.icio.us
评论