رۇس ۋە خىتاي تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى لۇغەت فوندىدىكى رىقابىتى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى
20-ئەسىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت فوندىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بىر دەۋر بولدى. چاغاتاي-تۈركىي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈشتىكى مۇرەككەپ جەرياندا ئەسلىدىكى ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدىن سۆز-ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش دەۋرى ئاخىرلىشىپ، رۇس ۋە خىتاي تىللىرىدىن سۆز-ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش دەۋرى باشلاندى.
چار رۇسىيە ۋە سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىپ بېرىشى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆز-ئاتالغۇلارمۇ كۆپىيىپ باردى.
يەنە بىر تەرەپتىن ھاكىمىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىكى بېسىم تۈپەيلى خىتاي تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن سۆز-ئاتالغۇلارمۇ كۈنسايىن ئاۋۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ 1949-يىلىدىن تاكى 1980-يىللارغىچە بولغان تارىخ بۆلىكىدە رۇس مەدەنىيىتى بىلەن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دولقۇنسىمان رىقابىتى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت فوندىدا ئەكس-ئەتتى. لوندوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى.
تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خىتاي تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەر ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى لۇغەت فوندىنىڭ تەخمىنەن 0.5 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. رۇس تىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆز-ئاتالغۇلارمۇ بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمىگەن.
ئەمما، 1930-يىللاردىن باشلاپ رۇس تىلىدىن كىرگەن سۆز-ئاتالغۇلار شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، 1940-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىلىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرناللاردا رۇس تىلىدىن كىرگەن سۆز ئاتالغۇلار خېلى سالماقنى ئىگىلىگەن.
1960-يىللاردىن باشلاپ خىتاي تىلىدىن كىرگەن سۆز-ئاتالغۇلار تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن. تىل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1950-يىللاردىن 1980-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇرچە سانلىرىدىن نۇسخا ئېلىپ ستاتىستىكا قىلىشىغا قارىغاندا 1958-يىلى ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلىدىن كىرگەن سۆز-ئاتالغۇلار ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ 10 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن. 1960-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىغا خىتاي تىلىدىن كىرگەن سۆز-ئاتالغۇلار ناھايىتى تېزلىك بىلەن كۆپىيىپ رۇس تىلىنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلىغان. 1971-يىلىغا بارغاندا «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرچە سانىنىڭ بىرىنچى بېتىدە ئۇچرايدىغان خىتايچىدىن كىرگەن سۆز-ئاتالغۇلار 7.4 پىرسەنتكە يەتكەن.
مەلۇمكى، 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت فوندىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن رۇس ۋە خىتاي تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىل مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى رىقابىتىنىڭ ئارقىسىغا روشەن ھالدا سىياسىي رىقابەتمۇ يوشۇرۇنغان.
1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە رۇس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق چەك قويۇلغان. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايچە پىنيىن ئاساسىدىكى يېڭى يېزىققا كۆچۈرگەن.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى 1955-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن بىر بۆلەك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش، خىتاي تىلىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خەۋەرنى ئاڭلاش:
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/rus-xitay-06132013145709.html/u0613-qutlan.mp3
مەنبە:
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/rus-xitay-06132013145709.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: رۇس ۋە خىتاي تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى لۇغەت فوندىدىكى رىقابىتى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى