ئۇيغۇر تىلىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنماسلىقى قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا؟
مەلۇم بولۇشىچە، «قوش تىللىق مائارىپ» ئاتالغۇسى بىلەن چىرايلىق ماركا چاپلانغان ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي يولغا قويۇلغان يەككە تىللىق مائارىپ، يەنى خىتاي تىلىدىكى تاق لىنىيىلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
يېقىنقى كۆزىتىشلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئالىي مائارىپ ساھەسىدە خىتاي تىلىدىكى ئوقۇتۇشنىڭ مۇتلەق دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇلۇشى بىۋاسىتە ھالدا ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلارغا ئېغىر ھالدىكى چەكلىمە ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
گەرچە ئۇيغۇرلار 1949-يىلىدىن بۇيان خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئالىي مائارىپتا ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە مىللىي نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشتەك ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە بۇ ئەھۋالدا بېسىم خاراكتېرلىك جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىغان. ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلماسلىقتا ئىپادىلەنگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تەتقىقات باشقارمىلىرى بىردەك «يادرولۇق ئىلمىي ژۇرنال» دېگەن بەلگىلىمىنى چىقىرىپ ئۇيغۇرچە ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى تەتقىقات نەتىجىسى قاتارىدا ھېساب قىلمىغان. بەلكى خىتايچە ئېلان قىلىنغان ئادەتتىكى ماقالىلارغىمۇ يۇقىرى نومۇر بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈلگەن. ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلغان، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۇرسۇنئاي خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى.
ئۇ بۇ خىل تىل چەكلىمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىگە ئېلىپ كەلگەن پاسسىپ تەسىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ ئېچىنىشلىرىنىمۇ بىلدۈردى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تەتقىقاتلارغا قويۇلغان تىل چەكلىمىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىلمىي ژۇرناللىرى، مەكتەپ گېزىتلىرى ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېت نەشرىياتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈملىرىگە ئېغىر كرىزىسلارنى ئېلىپ كەلگەن.
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مىللىي تىل-يېزىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىدا ئۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سىياسىي ھوقۇقنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/uyghur-tili-06122013131234.html/u0612-qutlan.mp3
مەنبە:
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/uyghur-tili-06122013131234.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئۇيغۇر تىلىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنماسلىقى قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا؟