ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەدەنىيەت ئىزنالىرى

ھېكايە فىلىم «نىساخان» ھەققىدە

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28- كۈنى 08:35   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    تېخى يېقىندىلا بەزى كىشىلەر ‹‹ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش شەيتاننىڭ ئىشى››، ‹‹ناخشا ئېيتىش ھارام›› دېگەندەك پەتىۋالارنى بازارغا سېلىپ،ناخشا، نەغمە – ناۋانى تۇرمۇشىمىزدىن سىقىپ چىقىرىشقا ئورۇندى. بۇ بىمەنە سەپسەتە، پەتىۋالار ئېزىتقۇ تۇماندەك بىر مەھەل بەزى كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، جەمئىيەتتە ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلدى. شۇ سەۋەبتىن كۆڭۈللۈك توي – مەرىكە، مەشرەپ ۋە باشقا ئاممىۋى پائالىيەتلەر تىلى تۇتۇلۇپ، گېلى بوغۇلغاندەك ئۈن – تىنسىز قېلىشقا، تويلار گاچا توي، مەشرەپلەر گاچا مەشرەپ، پائالىيەتلەر گاچا پائالىيەت بولۇپ قېلىشقا تاس قىلدى. بۇ ئاچچىق ئەمەلىيەت بىزگە ساۋاق بولۇپ، ناخشا، نەغمە – ناۋانىڭ تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى، ئۇنىڭ ئاش بىلەن تۇزدەك تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇتتى، ناخشىغا، ناخشىچىغا بولغان ھۆرمىتىمىز، مۇھەببىتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

    مەن شۇ سەۋەبتىن مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى، كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ پىر ئۇستازى نىساخان ئانىغا بېغىشلانغان ‹‹نىساخان›› ناملىق فىلىمنى قىزىقىش، ھۆرمەت – مۇھەببەت بىلەن كۆردۈم. نىساخان 85 يىللىق ھاياتىنىڭ 70 يىلىنى كۇچا ناخشىلىرىغا، كۇچانىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئاخىرقى نەپسىگە قەدەر داپ، دۇتارنى تەڭكەش قىلىپ ئاۋازىنى جاراڭلىتىپ، كۇچا ناخشىلىرىنى ياڭراتقان پىداكار سەنئەتكار. ناخشا، داپ، دۇتار نىساخاننىڭ سەنئەت ھاياتىنىڭ ھەمراھىلا ئەمەس، مۇھىمى ئۆمۈر بويى ئايرىلماس قورالى بولدى. ئۇ بۇ قۇرال بىلەن مەدەنىيەت سېپىدە ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىپ، مەدەنىيەت سېپىنىڭ سادىق جەڭچىسى، خەلقنىڭ سادىق كۈيچىسى بولدى.

    ناخشا ھېسسىياتنىڭ جاراڭلىتىشى، مۇھەببەت – نەپرەتنىڭ جاكاسى، ئۇ ئىنتايىن زور تەسىرچانلىققا ۋە ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە. ئۇنىڭ تەسىرچانلىقى بەزىدە مۆلچەرلىگۈسىز مەنىۋى قۇدرەت پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ قىممىتى ۋە رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئۇ گاھىدا كۆڭۈللەرنى يايرىتىدىغان شادلىق ئەلچىسى بولسا، گاھىدا ئوقيا، گاھىدا خەنجەر، گاھىدا قامچا، گاھىدا نەشتەر ۋە گاھىدا ئوت – يالقۇن بولىدۇ.

    نىساخاننىڭ 70 يىللىق سەنئەت ھاياتىدا ئېيتقان ناخشىسى ئاز ئەمەس، نىساخان فىلىمىدىكى بايانغا قارىغاندا، ئۆمۈر بويى ئېيتقان ۋە بىلىدىغان ناخشىسى 300دىن ئارتۇق ئىكەن. نىساخان بۇ ناخشىلىرى بىلەن ئەل – يۇرتنى، مېھر – مۇھەببەتنى، دوستلۇق – ئىناقلىقنى، بەخت – سائادەتنى، ئەمگەكنى، گۈزەل تۇرمۇشنى، كىشىلەرنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى، قىسقىسى، چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى، ئىلغارلىق، تەرەققىياتنى قىزغىن كۈيلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرى كۆڭۈللەرگە كۆتۈرەڭگۈ روھ، ئىلھام، كۈچلۈك مەدەت، ئۈمىد، ئىشەنچ ئاتا قىلىپ، خەلقىنىڭ قېنىغا قان، جېنىغا جان بولۇپ قوشۇلۇپ كەتكەن.

    نىساخاننىڭ مۇھەببەت – نەپرىتى ناھايىتى ئېنىق. ئۇنىڭ بىر مۇنچە ناخشىلىرى قالاقلىق، قاششاقلىق، خۇراپاتلىق ۋە نادانلىققا قامچا، نەشتەر بولغان. جاھالەتنىڭ ھامىلىرى، ئادالەتنىڭ دۈشمەنلىرىگە خەنجەر بولۇپ يۈرەككە سانجىلغان. فىلىمدە نىساخاننىڭ مەردانىلىك بىلەن مەمتىمىن غۇجىغا قارىتىپ يۈزمۇ يۈز ئېيتقان ناخشىسى بۇنىڭ مىسالى. نىساخان غۇجىنىڭ ئالدىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ، قىلچە ئىككىلەنمەي غۇجىغا بولغان غەزەپ – نەپرىتىنى كەسكىن ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلدى. شۇڭا غۇجىغا ئوخشاش لەنەتكەرلەر، مۇتەئەسسىپلەر، قالاقلىق، نادانلىققا ھاممىي دوست تارتىشىدىغان جاھالەتپەرەسلەر ھەر خىل يامان ئات، گۇناھلارنى ئارتىپ، نىساخانغا ئۆچمەنلىك قىلدى. ناخشىلىرىنى چەكلەپ قاتمۇ قات بېسىم ئىشلەتتى. نىساخان بۇنىڭغا تىز پۈكمىدى، ئىرادىسىدىن يانمىدى. ئۇ ئىلغار مەدەنىيەت مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇردى. ئەل – يۇرت ئۇنى قەدىرلەپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈردى. ناخشىلىرى ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، نىساخان ئەل بىلەن بىر جان، بىر تەن بولۇپ كەتتى. فىلىمدىكى بۇنىڭغا ئائىت تەپسىلاتلار تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق ۋە تۇرمۇش مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ياسالما، زورۇقۇپ توقۇلغان ئالامەتلەر يوق. فىلىمدىكى بۇ تەپسىلاتلار ۋە كۆرۈنۈشلەردىن نىساخاننىڭ ئىلغار مەدەنىيەت جەڭچىسىگە خاس قەھرىمانلىق ئوبرازىدىن سۆيۈنۈش بىلەن بىللە ناخشىدىن ئىبارەت مەنىۋى گۆھەرنى جان تىكىپ قوغدىغان تىز پۈكمەس سادىق جەڭچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. نىساخان كۆز ئالدىمىزدا تىللاردا داستان قىلىپ مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدىغان ئۇلۇغ ئانا، سۆيۈملۈك ئايال بولۇپ تۇيۇلىدۇ.

    نىساخاندەك ئۆمرىدە 70 يىل ناخشا ئېيتقان ناخشىچى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، نىساخاننى ئۇلۇغلاشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل شۇكى، ئۇ ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا ئەجدادلىرىمىز يارىتىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مىراس قالدۇرغان 300دىن ئارتۇق كۇچا خەلق ناخشىلىرىنى ساقلاپ، بۈگۈنكىلەرگە يەتكۈزگەن. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، نىساخاننى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى بۈگۈنكى دەۋرگە يەتكۈزگەن ئۇلۇغ تۆھپىكار دېيىشكە بولىدۇ.

    فىلىمدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن نىساخان روھى بىزگە شۇنى تونۇتتىكى، ئاتا – بوۋىلاردىن مىراس قالغان ناخشا تەۋەررۈك ئەڭگۈشتەر. ئۇنى قەدىرلەش كېرەك، ناخشا مىللەتنىڭ جېنى. ئۇ بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىدىغان ئېتىبارسىز نەرسە ئەمەس، ئۇنى قوغداش، سۆيۈش، قەدىرلەش، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. ‹‹نىساخان›› فىلىمىدە بۇ نۇقتا ئەۋلادلارغا قەيت قىلىنغان.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى