ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىندى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28- كۈنى 03:54   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان، 57 دۆلەت بىرلىكتە پىلانلىغان يېڭىچە كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئورگىنى بولغان ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسى 25-دېكابىر رەسمىي قۇرۇلدى. چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش جەريانى چەبدەس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خەلقئارادا خېلى زور ئېتىراپىغا ئېرىشىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

    بۇ بىر يىلدىكى بىر قانچە مۇھىم نۇقتىنى ئەسلىگەندە، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسى خەلقئارانىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تەرتىپ ۋە سىستېمىسى چىڭ، كىرىش ۋە چېكىنىش سالمىقى پۇختا بولغان ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش خىزمىتى ياخشى باشلىنىپ، مۇقىم ئىلگىرىلەپ، يىل ئاخىرىدا رەسمىي قۇرۇلدى.

    بۇ يىل 3-ئايدا، ئەنگلىيەنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا كىرىش ئىلتىماسىنى جاكارلىشىغا ئەگىشىپ، غەربتىكى خېلى كۆپ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن كىرىشكە جەلپ قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. سىنگاپوردىكى 22-مايدىكى سۆھبەت ۋەكىللىرى يىغىنىدا، «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسى نىزامنامىسى» ئوڭۇشلۇق ماقۇللاندى، بۇنىڭ بىلەن بۇ كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئورگىنىنىڭ قانۇنىي رامكىسى تۇرغۇزۇلدى. 29-ئىيۇن، «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسى نىزامنامىسى»نىڭ «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمى» بېيجىڭدا ئىمزالاندى. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئاز دېگەندە كېلىشمنى ئىمزالىغان ئون ئەزا دۆلەت تەستىقنامە تاپشۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەسلەپتە تاپشۇرۇلغان پاي دەسمايىسىنىڭ سوممىسى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پاي دەسمايىسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %50 تىن كەم بولماي، كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولدى. 25-دېكابىرغىچە، 17 مۇددىئالىق قۇرۇغۇچى ئەزا دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمىنى تەستىقلىدى ھەم تەستىقنامە تاپشۇردى، پاي يىغىندىسى %50.1 كە يېتىپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى. دۇنيا بانكىسىنىڭ بىر ئىقتىسادشۇناسى ماختاپ تۇرۇپ، جۇڭگو مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ كۆپ تەرەپلىك بىر پۇل مۇئامىلە ئورگىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىقتى، بۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ دېدى.

    شۇنى بايقىماق تەس ئەمەسكى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بارلىققا كېلىشنىڭ ئارقىسىدا، جۇڭگو ئۈنۈمى بىلەن جۇڭگو سالاپىتى گەۋدىلەندى. تەشەببۇس قىلغۇچى ۋە 1-چوڭ پايچىك بولغان جۇڭگو ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە، ھازىرقى خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن سەل ئوخشىمايدىغان قاراش ۋە ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

    پات ئارىدا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ باشلىقى بولىدىغان جىن لىچۈن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: قۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ تۇرۇۋالمىدى، بەلكى باشقا ھەر قايسى مۇددىئالىق قۇرۇغۇچى ئەزالار بىلەن «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمى» ۋە باشقا بانكا قانۇنى ھەم سىياسەت ھۆججەتلىرىنى بىرلىكتە كېڭەشتى، مۇشۇنداق ئاشكارا، ئېنىق، سىغدۇرۇشچان، دېموكراتىك كېڭىشىش ئۇسۇلى ئالاقىدار ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا سازاۋەر بولدى.

    ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى-خەلقئارا ئىقتىسادنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھات مۇساپىسىدا نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش. خۇددى نۇرغۇن چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر كۆرسەتكەندەك، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسى-ھازىرقى يەر شارى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىسىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تولۇقلىمىسى ھەم كۈچىيىشى بولۇپ، خەلقئارانىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە پائال تۆھپە قوشىدۇ.

    رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد تەھلىلچىسى ئالېكساندىر بوتاۋىن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ باشچىلىقىدىكى ئەسلىدىكى كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورگانلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئورگىنى كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ دەپ كۆرسەتتى. دۇنيا بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى زولىك ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسى ھازىرقى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان رىقابەتنى ساغلام ۋە قوزغىتىش رولىغا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ دەپ ھېسابلىدى.

    جۇڭگو رەھبەرلىرى قوزغاپ ۋە تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇغان ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسى-جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئيەتتىكى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى. ئاۋستىرالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى كېۋىن رۇد باھا بېرىپ، يەر شارىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئىقتىساد چوڭ دۆلىتى بولغان جۇڭگو ھازىرقى كۆپ تەرەپلىك تۈزۈلمىدە، بارغانسېرى ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇشى مۇمكىن، بۇ-ھازىرقى يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ، جۇڭگو دۇنياغا تېخىمۇ چوڭ ياردەم بېرىدۇ دېدى.

    قۇرۇش خىزمىتى پىلانىغا ئاساسەن، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى ۋە كېڭەش ھەم مۇدىرىيىتىنى قۇرۇلۇش يىغىنى كېلەر يىلى 16-يانۋاردىن 18-يانۋارغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدىكى قەرز پىلانى 2016-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەستىقلىنىشى مۇمكىن. يېڭى بىر يىلدا، بىزنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشقا داۋاملىق دېموكراتىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭى ئىستىل ئاتا قىلىشىنى كۈتۈشىمىزگە ئاساسىمىز بار.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى