خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بانكا كارتىلىرى بىرلەشمە تەشكىلاتى 20 نەچچە سودا بانكىسى بىلەن بىرلىشىپ 12-دېكابىر بېيجىڭدا «بۇلۇت تېز تۆلەش»نى ئېلان قىلدى، بۇ دۆلەت ئىچى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم «بۇلۇت تېز تۆلەش»نى مەركەزلىك يولغا قويۇشى بولۇپ، تېخىمۇ بىخەتەر، قولاي كۆچمە چىقىم قىلىش دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. كىشىلەر بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا چىققاندا يانفوندىكى «بۇلۇت تېز تۆلەش» ئارقىلىق چىقىم قىلىپ، خەلقئارا ئىلغار پەن-تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن قولايلىق ۋە پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىدىن بەھرىلىنەيلەيدىغان بولدى.
ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «بۇلۇت تېز تۆلەش» مەھسۇلاتى خەلقئارادا بىرىنچى HCEۋە Tokenتېخنىكىسى ئاساسىدا كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ بىخەتەر، قولايلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، كەلگۈسى كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ ئاساسلىق تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن كېيىن، كارتا ئىگىسى پەقەت NFCئىقتىدارىغا ئىگە يانفون بىلەنلا يانفوننىڭ بانكا APPسىدە بىۋاسىتە «بۇلۇت تېز تۆلەش» كارتىسىغا ئېرىشەلەيدۇ. يانفون ئارقىلىق توردىكى جۇڭگو بانكا كارتىلىرى بىرلەشمە تەشكىلاتىنىڭ «تېز تۆلەش» بەلگىسى بار لىنىيەگە ئۇلاغلىق POSئاپپاراتىدا پۇل تۆلىيەلەيدۇ، توردىكى ئابونتلار جۇڭگو بانكا كارتىلىرى بىرلەشمە تەشكىلاتىنىڭ توردا پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىخەتەر پۇل تۆلىيەلەيدۇ.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
بەدىئىي سۈرەتلەر
كۈمۈش تۈسكە كىرگەن تەڭرىتاغ
سىرلىق قىياپەتتىكى گۈزەل توغراقلىق
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى