ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

نەق پۇلنى باشقۇرۇش قانۇنى تېزدىن تۈزۈلسە

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 16- كۈنى 02:58   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ۋەكىل مۇختەبەر سادىق: نەق پۇلنى باشقۇرۇش قانۇنى تېزدىن تۈزۈلسە

    لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، سودا – سانائەت بانكىسى ئۈرۈمچى مېڭدې يولى تارماق بانكىسىنىڭ تىجارەت زالى دىرېكتورى مۇختەبەر سادىق 11 – مارت مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، نەق پۇل سودىسىدا قانۇن، بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ نۇرغۇن مەسىلە ساقلانماقتا. بۇ، كۆپ سوممىلىق نەق پۇلنى باشقۇرۇشتا بەلگىلىك يوچۇق بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    مۇختەبەر سادىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، مەملىكىتىمىزنىڭ چېگرا سودىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەل ئىچى تاشقى پېرېۋوت بازىرى (قارا بازار) ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، نەق پۇلنىڭ ‹‹تەن سىرتىدا ئايلىنىش›› ئەھۋالى شەكىللىنىپ، ‹‹يەر ئاستى سەرراپخانا››غا باغلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان. چېگرا سودىسىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى پېرېۋوت بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ‹‹يەر ئاستى سەرراپخانا››لارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، جەزمەن نەق پۇلنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ غەيرىي نەق پۇل سودىسىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۇل يۇيۇش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلاردىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىش كېرەك.

    مۇختەبەر سادىق مۇنداق دېدى: باج ئوغرىلاش ھادىسىسىمۇ نەق پۇل سودىسىنىڭ كۆپ مىقداردا مەۋجۇت بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئېلىمىزنىڭ باج يىغىشنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئاساسلىقى تالون باشقۇرۇش ئارقىلىق باج مەنبەسىنى ئىگىلەپ، باج ئېلىشتۇر. لېكىن نۇرغۇن كارخانا تاۋار ساتقان – سېتىۋالغاندا ئوبوروت ھالقىسى ۋە تاپاۋەت ھالقىسىدىكى باج ھېسابلاش ئاساسىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تالون كەسمەي، نەق پۇل سودىسى قىلىدۇ. شۇڭا نەق پۇلنى باشقۇرۇشنى جەزمەن كۈچەيتىپ، نەق پۇلسىز راسچوت قىلىشنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ ئېقىمى ئارقىلىق باج مەنبەسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەپ، باج يوچۇقىنى ئېتىش كېرەك.

    مۇختەبەر سادىق مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ‹‹نەق پۇل باشقۇرۇش ۋاقىتلىق نىزامى›› 1988 – يىلى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر ئۆزگەرتىلىپ باقمىدى، نىزامدىكى قىسمەن بەلگىلىمىلەر ھازىرقى بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ. مەسىلەن، ‹‹نىزام››دا پۇل يۇيۇش، تېررورلۇققا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار مەزمۇنلار يوق. بۇ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى قاتارلىقلارنى مەنبە بىلەن تەمىنلەپ، نۇرغۇن جىنايەتچىنى قانۇننىڭ يوچۇقىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.

    مۇختەبەر سادىق نەق پۇلنى باشقۇرۇشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نەق پۇلنى باشقۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈشنى تېزلىتىش، نەق پۇل راسچوت نىسبىتىنى ئازايتىش تەكلىپىنى بەردى.

    ‹‹بىز يەنە خەلقئارادىكى ئادەتلەرگە بويسۇنۇپ، پۇل يۇيۇش، تېررورلۇققا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇشنى نەق پۇلنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە كىرگۈزۈپ، نەق پۇلنى باشقۇرۇشنى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسى قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى يوقىتىشىمىز كېرەك››، دېدى مۇختەبەر سادىق.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە