ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - جەمئىيەت ۋە قانۇن

تىجارەت خاراكتېرلىك ئاپتوبوسلار بىلەن خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ئاپتوموبىللىرى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 16- كۈنى 02:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

    

    مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئالىي دەرىجىلىك تاشيول قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئەترەت 10-مارتتىن 15-مارتقىچە تىجارەت خاراكتېرلىك ئاپتوبوس (يۇلۇچىلار ئاپتوبوسى، سەيلىبۇس)، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ئاپتوموبىللىرىنىڭ تۆت تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن، پۈتكۈل ھەرىكەت «زېرەك كۆز» كونترول سىىتېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسلارنىڭ شوپۇرى قائىدىگە خىلاپ ھالدا تېلېفون سۆزلەشسە 50 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئىككى نومۇر تارتىلىدىكەن؛ خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ئاپتوموبىلغا توشۇش نازارەت سىستېمىسى سەپلەنمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا، قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئاپتوموبىلنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسىگە 10 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويىدىكەن. نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقان خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ئاپتوموبىللىرىغا 50 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

    ئالىي دەرىجىلىك تاشيول قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تۈزەش ھەرىكىتى مەزگىلىدە تىجارەت خاراكتېرلىك ئاپتوبۇس ۋە خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىللىرىدا ساقلىنىۋاتقان سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، بەلگىلىمە بويىچە بېزىندە تاقىماسلىق، موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى قەرەلىدە تەكشۈرتمەسلىك قاتارلىق قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرىدىكەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە