ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەجدادلار مىراسى

دۇتار پېشۋاسى مۇساجان روزى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 16- كۈنى 02:52   |    ئاپتور : مۇيەسسەر ئاباھامىت  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    دۇتار پېشۋاسى مۇساجان روزىنىڭ دۇتار بىلەن ئورۇنلىغان ‹‹ھىجرانىڭمەن››، ‹‹ۋادەرىخا››، ‹‹سارىخان›› قاتارلىق ناخشىلىرى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە. بۇ پېشقەدەم مۇزىكا مائارىپچىسى، تۆھپىكار كومپوزىتور، دۇتار پېشۋاسى، ئەل سۆيگەن ناخشىچى، مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ پېشقەدەم ئىجراچىسى ئۇستاز بۇ يىل 90 ياشقا كىردى.

    مۇساجان روزى 1925 – يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ كۆنچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 5 – ئەۋلاد ئەلنەغمىچى. مۇساجان روزى دادىسىنىڭ تەسىرى بىلەن يەتتە يېشىدىن باشلاپ دۇتار، تەمبۇر، ساتار، چاڭ، ئىسكىرىپكا قاتارلىق چالغۇلارنى چېلىشنى ئۆگەنگەن. ئەينى چاغلاردىكى داڭلىق سازەندىلەردىن روزى تەمبۇر، ھۈسۈيىن تەمبۇر، ھېزىم موللا، ساۋۇت بىدىك، جانى يولداشوف قاتارلىقلاردىن ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك 12 مۇقامى››، ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنلاشنى ئۆگەنگەن. مۇساجان روزى 1944 – يىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلغان، مىللىي ئارمىيە سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلىگەن؛ 1946 – يىلىدىن باشلاپ غۇلجىدىكى روشەن مەكتىپىدە، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە، دۆربىلجىن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدە مۇزىكانت ۋە سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1950 – يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكەلگەن؛ 1951 – يىلى غەربىي شىمال سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مىللىي سەنئەت فاكۇلتېتىغا بېرىپ ئىشلىگەن. 1955 – يىلى سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىدا، 1958 – يىلىدىن 1989 – يىلى پېنسىيەگە چىققۇچە ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت مەكتىپى (ھازىرقى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى)دا ئىشلىگەن.

    مۇساجان روزى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا دۇتار، تەمبۇر، غېجەك، راۋاب، نەي قاتارلىق چالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تۇنجى دەرسلىك قوللانمىسىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇ سەنئەت مەكتىپىدە دۇتار، تەمبۇر، ساتار، غېجەك، چاڭ، ئىسكىرىپكا، نەي، داپ قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەھمەت ئۇنىڭغا باھا بېرىپ: ‹‹مۇساجان روزى ھەر قانداق سازنى قولىغا ئېلىپ سايرىتالايدىغان سەنئەتكار. بەزىدە بىز ئۇنىڭدا بىرەر سېھرىي كۈچ بارمىكىن دەپ قالاتتۇق، چۈنكى باشقىلار سازلىيالمىغان، تەڭشىيەلمىگەن سازلارنى مۇساجان روزى قولىغا ئالسا ئۇنىڭدىن مۇڭ تۆكۈلەتتى، ئۇ ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىدى. مەن سىزغان <مۇقام> ناملىق رەسىمدىكى بارماقلارنىڭ ھەممىسى مۇساجان روزىنىڭ بارمىقى، چۈنكى مەن بۇ ئەستايىدىل بارماقلاردىن ئۈلگە ئالغان، ئۇ بىر مېھنەت قىلمايدىغان كەمتەر سەنئەتكار. ھازىر خەلقنىڭ دەپ ئاتالغان نۇرغۇن ناخشا – مۇزىكىنى ئەمەلىيەتتە مۇساجان روزى ئىجاد قىلغان بولۇپ، شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇ ئۆزىنى تەشۋىق قىلمىغان ھەم تەشۋىق قىلىشنىمۇ خالىمىغان››، دېدى.

    مۇساجان روزى سەنئەت مائارىپىغا تۆھپە قوشۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى ئۆزگەرتىپ ياساش جەھەتتە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. ئۇ تەمبۇر، دۇتار، ساتار قاتارلىق چالغۇلارنى چېلىش داۋامىدا، بۇ چالغۇلاردىكى 18 تۈرلۈك سەۋەنلىكنى تېپىپ چىقىپ، ئۇزۇن – قىسقىلىقىدىكى نۇقساننى ئۆزگەرتكەن، خەرەكنىڭ ئېگىز – پەسلىكى، پەدە سانى، پەدە ئورنى، ھەتتا ياغاچ ماتېرىياللىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك ئىزدىنىپ، ئىسلاھ قىلىپ، دۇتار، تەمبۇرلارنىڭ مۇڭى ۋە جاراڭلىقلىقىنى، ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرغان. مۇساجان روزى بۇ ئەمگەكلىرىنى شەرھلەپ، ‹‹دۇتار ئىسلاھاتى ھەققىدە››، ‹‹تەمبۇر ئىسلاھاتى ھەققىدە››، ‹‹چالغۇ ئەسۋابلارغا كېرەكلىك ھەر خىل ماتېرىياللار ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش›› قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان.

    مۇساجان روزى ‹‹دۇتار پىرى›› دەپ نام ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: ‹‹بۇ، مېنىڭ بىر نەچچە ئۇستازدىن ئۆگەنگەنلىرىمنى نوتا ئۆگەنگەندىن كېيىن قېلىپلاشتۇرغانلىقىم ئۈچۈندۇر،›› دېدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىجادىي ناخشىلىرى مىللىي پۇرىقى كۈچلۈك، ئاممىباب، يېقىملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خەلق ئارىسىغا ئومۇملىشىپ كەتكەن.

    مۇساجان روزىنىڭ ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك 12 مۇقامى›› ھەققىدىمۇ بىلىمى چوڭقۇر. ئۇ ئىلىدا روزى تەمبۇر ئاچقان كۇرسلارغا قاتنىشىپ مۇقام ئۆگەنگەن؛ مۇقام ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان؛ قەشقەر، خوتەن، كۇچا، قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ، خەلق ناخشىلىرى ۋە ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك 12 مۇقامى››نىڭ جايلاردىكى ئوخشىمىغان ۋارىيانتلىرى بىلەن تونۇشقان.

    مۇساجان روزى ھازىر ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ ئۆزى بىر ئۆمۈر سۆيگەن كەسىپ ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى توختىتىپ قويماي، ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك 12 مۇقامى››نىڭ ئىلى ۋارىيانتى، ئىلى ئاھاڭلىرى ۋە ئىلى كىلاسسىك مۇزىكىلىرىنىڭ ئىجادچىلىرى ۋە رەتلىگۈچىلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپتۇ. ئۇ 1994 – يىلىدىن باشلاپ كورلا شەھىرىنىڭ بوستان يېزىسىدا 15 يىل تۇرۇپ، نۇرغۇن شاگىرت يېتىشتۈردى، كورلا خەلقىنىڭ ئىلى ناخشىلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى. مۇساجان روزى مۇنداق دېدى: ‹‹ھەر كۈنى سەھەردە قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۆرۈشنى بەك ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى ئىللىق قۇياش ماڭا ئىلھام ھەم ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىغا شاھىت، بۇ يىل 10 – ئاي كەلسە ئالتە قېتىملىق مەرىكىگە داخىل بولىمەن. مېنى خەلق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتۇردى، شۇڭا مەن ئۆز ئەمگەك مېۋىلىرىم بىلەن خەلقىمگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم، ئەۋلادلارغا چوقۇم مۇزىكا مائارىپى ۋە مىللىي مۇزىكا تەتقىقاتىغا ئائىت قىممەتلىك ماتېرىياللارنى قالدۇرۇپ كېتىشىم كېرەك››.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە