دولام مۇقامى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي مۇزىكا غەزىنىسىدىكى قىممەتلىك مىراسلارنىڭ بىرى. ئۇ پەقەت دولان ئۇيغۇرلىرى توپلىشىپ ياشىغان رايونلاردا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، باشقا يەرلىك مۇقام ياكى ياكى ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان، شالغۇتلاشمىغان، شۇڭلاشقا ئۇنىڭدا قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىك، مىللىي ئالاھىدىلىك ساقلىنىپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر مۇقاملىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە مۇزىكا تۈركۈملىرىدىن ھاسىل بولىدۇ. «ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۆزىنىڭ تارىخىي مەنبەلىرى ۋە دەسلەپكى ئېقىملىرى جەھەتتىن ئالغاندا، نوقۇل مۇزىكا ھادىسىسى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كەڭ مەنىدىكى فولكلور ھادىسىسى - ئەل ئارىسىدىكى ئېتنىك مەدەنىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن، راۋاجلانغان ۋە ئىجتىمائىي قىممەت تاپقان. مۇزىكا كۈيلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىن ئىبارەت. بۇ‹شېرىن مېۋە›ئۇيغۇر ئېتنىك مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ‹مېۋىلىك دەرەخ›شېخىدا ۋايىغا يەتكەن».
دولان مۇقامى - ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي كارتىنىسى بولۇپ، مۇقام-نەغمىلىرىنىڭ قەدىمىيلىكى، بىر قەدەر ئىپتىدائىيلىقى، يېزا-يايلاق تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە يەرلىك ئالاھىدىكى بىلەن خارەكتېرلىنىدۇ. دېمەك، ئۇ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە بۈگۈنكىدەك بىر پۈتۈن ھالەتكە كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
بىرىنچى، دولان مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن 12 مۇقامنىڭ بىرىنچى قىسمى - «چوڭ نەغمە» تۈسىدىكى يەرلىك مۇقام بولۇپ، دولان مەشرەپ-مۇقامى بىر قەدەر قەدىمكى ئۇيغۇر مۇقاملىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بىز ئۇنى 12 مۇقامنىڭ كونا مەنبەسى ۋە ئاساسلىق گەۋدىسى، دەپ ئېيتالايمىز. چۈنكى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ قەدىمكى شەكلى «چوڭ نەغمە» ئىدى. كېيىنكى دەۋرلەردە ئاندىن ئۇنىڭغا «داستان»، «مەشرەپ»لەر قوشۇلدى. «مەشرەپ» 12 مۇقامنىڭ پەرداز بېرىلمىگەن بىر قىسمى. ئۇنىڭ مېلودىيەسىنىڭ ئەسلي رىتىمى ۋە رىتىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوچۇق بولۇپ، ئۇدار شەكلى ئاساسەن داپنىڭ رىتىمى بىلەن تەڭ ماڭىدۇ. ھېچقايسىدا مەرغۇل بولمايدۇ. بۇ قىسمىدىكى بارلىق مۇزىكا ئاھاڭلىرى بىردەك «مەشرەپ»دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئاھاڭلىرى ئەسلىدە خەلق ئىچىدىكى بەزى «مەشرەپ»ئاھاڭلىرىدىن كەلگەن. «مەشرەپ»خەلق ئاممىسى ئىچىدىكى بىر خىل ئەنئەنىۋى خاراكتېرلىك كوللېكتىپ ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، «مەشرەپ»دەپ ئاتالغان بۇ مۇزىكا ئاشۇنداق ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان مۇزىكىنىڭ نامى بىلەن قالغان، ئۇسلۇبى جۇشقۇن، مەردانە بولۇپ، ئۇنىڭدا نازاكەتلىك، نەپىس، لىرىكىلىق ئاھاڭلار يوق.
ئىككىنچى، «12 مۇقام» ئاھاڭلىرى ئەجدادلىرىمىز دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا ئادەتلەنگەندىن كېيىنكى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللىنىپ قېلىپلاشقان مۇزىكا قامۇسىدۇر. «12 مۇقامنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى ۋە ئىجرا قىلىنىش جەريانلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن شەھەرلەشكەن مەدەنىيەتلىك مۇزىكىلىق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ». «شۇنىسى ئېنىقكى، شەھەرلەشكەن مەدەنىيەت بىلەن تېخى شەھەرلەشمىگەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن مەدەنىيەت ۋە ئارىلىق بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ خىل پەرق مۇزىكا سەنئىتىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك كۆرۈلىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مۇزىكىلىق قۇرۇلمىنىڭ ئاددىي ياكى مۇرەككەپلىكى، كۈي مېلودىيىسىنىڭ بىر خىللىقى ياكى كۆپ خىللىقى، تەڭكەش قىلىنىدىغان ساز-چالغۇچىلارغا بولغان تەلەپنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى (ئوركېستىرلىشىش دەرىجىسى) قاتارلىق تەرەپلەردە بۇ خىل پەرق روشەن ئەكس ئېتىدۇ».
جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، دولان مۇقاملىرىدىكى فورمانىيىلىك ئالاھىدىلىكنىڭ ئاھالىلەر مۇقىم ئولتۇراق ھالەتكە ئۆتكەن، نوپۇس كۆپەيگەن، دېھقانچىلىق ئىگىلىكى ئاساسىي ئورۇندا ئۆتكەن جەمئىيەتتە بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇنداق جەمئىيەت مۇھىتىدا بارلىق چالغۇلار ئورۇندايدىغان كۈي بىر خىللاشقان، ئاھاڭلار قېلىپلاشقان مۇزىكىلار شەكىللىنىدۇ، دولان مۇقاملىرىدىكى فورمانىيىلىك خۇسۇسىيەتنى ئولتۇراق ھالەتتىكى دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشتىن ئىلگىرىكى ئاھالىلەر «سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدىغان»، نوپۇس ئاز ۋە تارقاق ھالەتتىكى ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق دەۋرىدە شەكىللەنگەن، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئېھتىمال، ئۇ زامانلاردا ھەركىم ئۆزى خالىغان چالغۇلارنى ئۆگەنگەن ھەم ئۆز ئالدىغا ئاھاڭلارنى ئىجاد قىلغان، نەرسە ئالماشتۇرۇش، بىرگە ئوۋ قىلىش سەۋەبلىك جەم بولغان مەزگىللەردە بىرلىكتە نەغمە قىلىپ، ئىچ-پۇشۇقىنى چىقارغان بولۇشى، مۇشۇنداق پائالىيەتلەردە ھەركىم ئۆزى بىلگەن پەدىگە چالغان بولۇشى، مۇشۇ يوسۇندا داۋاملىشىش جەريانىدا ئاھاڭلار ماسلىشىپ، قېلىپلىشىپ، ئىستىخىيلىك يوسۇندا«فورمانىيىلىك» خۇسۇسىيەت شەكىللىنگەن بولۇشى مۇمكىن...دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشتىن ئىلگىرىكى ئوۋچىلىق-چارۋىچىلىق دەۋرىدە ياراتقان مۇزىكا مەدەنىيىتى كېيىنكى «12 مۇقام» نىڭ شەكىللىنىشىدە خېمىرتۇرۇچلىق رول ئوينىغان. مانا بۇ «دولان مۇقاملىرى‹12 مۇقام›نىڭ ئىپتىدائىي ئاساسى» دېگەن مەۋھۈم چۈشەنچىنىڭ دەسلەپكى يەشمىسى.
ئۈچىنچى، دولان مۇقان ئاھاڭلىرى بىلەن ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئاھاڭلىرى مۇئەييەن ئورتاقلىققا ئىگە. «مۇقام ئاھاڭلىرىنى ئورۇندىغاندا، مىللىي شېۋىنى تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن كۆپلىگەن زىننەتلىمە ئاۋازلار ئۇچرايدۇ. بۇ زىننەتلىمە ئاۋازلار چالغۇچىلارنىڭ سازنىڭ پەدىسىدە ئەسلىي ئاۋازدىن تېيىلدۇرۇش، دولقۇنلىتىش(تىترىتىش)، يۇقىرى-تۆۋەن سىيرىش ۋە تارتىشتەك چېلىش ماھارىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. بەزى ئاۋازلارنى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈش، چۈشۈرۈش ئارقىلىقمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ مۇقام ئاھاڭلىرىنىڭ مىللىي پۇرىقىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، ئاھاڭنىڭ مەھلىيا قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ ھەمدە مىللىي كۈي شەكلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرىدۇ. بۇ مۇقام ئاھاڭلىرىدىلا قوللىنىلىپ قالماي، پۈتۈن مىللىي خەلق ئاھاڭلىرىدىمۇ داۋاملىق قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئورتاق ئالاھىدىلىك».
تۆتىنچى، ئۇيغۇر 12 مۇقام تېكستلىرىدە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى، ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ۋە ئۇيغۇر چاغاتاي ئەدەبىي تىلى دەۋرىدىكى شېئىر-قوشاقلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قەدەر قەدىمىي ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوشاقلىرىغا يېقىن كېلىدىغان تېكىستلىرى دولان مۇقان تېكىستلىرى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ، دولان مۇقام تېكىستلىرىدىكى بىر قىسىم قوشاقلار ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرىدە ئۇچرايدۇ. ئوخشاشلا دولان مۇقام تېكىستلىرىدە يەنە ئۇيغۇر «12 مۇقام» غا سەپلەنگەن بەزى خەلق قوشاقلىرىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: «12 مۇقام» غا سەپلەنگەن بەزى خەلق قوشاقلىرىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: «12 مۇقام»نىڭ 2-مۇقامى «چەبىيات مۇقامى» نىڭ«جۇلا» سىغا سەپلەنگەن بۇ بىر كۇپلېت تېكىست «مارالبېشى نۇسخىسى» دىكى 1-مۇقام «زىل باياۋان» نىڭ «چېكىتمە» سىگە سەپلەنگەن:
يار دەپ مەن ئادا بولدۇم،
دەردكە مۇپتىلا بولدۇم.
بىر كۆرۈپ جامالىڭنى،
ئاشىق بىقارار بولدۇم.
بەشىنچى، دولان مۇقامى بىلەن 12 مۇقامنىڭ ئورتاقلىقىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى شۇكى، ھەر ئىككىسى شەكلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتىئىينەزەر، ئوخشاشلا 12 يۈرۈشتىن ئىبارەت سىستېمىغا ئىگە بولغان (دولان مۇقامىمۇ تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا ئىلگىرى 112 يۈرۈش بولۇپ، ھازىر بىر قەدەر سىستېمىلىق ساقلىنىپ قالغانلىرى 9 يۈرۈش مۇقامدۇر). ئۇنىڭ ئۈستىگە دولان مۇقاملىرى بىلەن 12 مۇقامنىڭ مۇقام ناملىرىدا ئوخشاشلىق مەۋجۈت. مەسىلەن: 12 مۇقامنىڭ «راك مۇقامى»، «مۇشاۋىرەك مۇقامى»، «ئۆزھال مۇقامى» ئوخشاشلا دولان مۇقاملىرى ئىچىدە «دولان راك مۇقامى» (چۆل باياۋان)، «دولان مۇشاۋىرەك مۇقامى» (ئۆتەڭ باياۋان)، «دولان ئۆزھال مۇقامى»(زىل باياۋان) دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ.
ئادىل مۇھەممەد تۇراننىڭ «مەكىت تارىخ-مەدەنىيىتى» (2) ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.(تامام)
ئالدىنقى بەت 1 2
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى