ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - جەمئىيەت ۋە قانۇن

قانۇننى تەشۋىق قىلىش ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 12- كۈنى 09:59   |    ئاپتور : مىلاقىز بەكرى  |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    ‹‹بۇ قېتىم يىغىنغا قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسى ئوقۇشلۇقىنى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قانۇن دەرسلىكى قىلىپ كىرگۈزۈش تەكلىپىنى سۇندۇم››، دېدى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭدىن كەلگەن ۋەكىل مۇختەبەر سادىق. بۇ تەكلىپنى مۇختەبەر سادىق بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە توپلىغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسىنى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشلۇقىغا كىرگۈزۈش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىمۇ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىش 2015 – يىلىدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇننى بىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىشىنىڭ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەردى، ئاشۇ قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، قانۇندىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق. ئاپتونوم رايونىمىزدا قانۇن ساۋاتلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقىنىغا 25 يىل بولدى، شۇنداقتىمۇ بىر قىسىم ياشلىرىمىز يەنىلا قانۇندىن بىخەۋەر يۈرمەكتە. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قانۇنغا دائىر ئوقۇشلۇق بولمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىن قانۇن ئېڭى تۇرغۇزۇلمايۋاتىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا جەمئىيەتكە چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئاسانلا قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىپ قالىدۇ. شۇڭا بىز قانۇننى تەشۋىق قىلىش قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارىماي، ھەممىمىز قانۇن تەشۋىقاتچىلىرىدىن بولۇشىمىز، قانۇن تەشۋىقاتىنى ئائىلىلەردىن، مەكتەپلەردىن باشلىشىمىز كېرەك.

    ۋەكىل ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا قانۇننى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئائىلىلەرنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىزلىققا يول قويمىغاندا، ئاندىن ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. مېنىڭچە، بۇنىڭدا يەنىلا ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ، قانۇن تەشۋىقاتىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا دىننىمۇ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كېرەك. دىننى بۇرمىلىغان، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ قانۇنسىزلىق قىلغانلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. دىنىي زاتلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرى قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشى ھەم قانۇن تەشۋىقاتچىلىرىدىن بولۇشى، ئاممىغا قانۇننى تەشۋىق قىلىشى، چۈشەندۈرۈشى، ئاممىنى قانۇنغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

    ۋەكىل ئادىل ھوشۇر مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، ھەر قايسى ساھەلەر قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسى قۇرۇلۇشى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشى، ئۆز سىستېمىسى بويىچە قانۇننى تەشۋىق قىلىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. كىشىلەر قانۇننى بىلگەندىلا، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قانۇنغا تايىنىدىغان، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىدىغان، مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغان بولىدۇ. شۇڭا ‹‹قانۇننى تەشۋىق قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز›› دەيدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز زۆرۈر.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە