ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - ۋىلايەت ئوبلاستلار

قورغاس ناھىيەسى سىملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى دېھقان –چارۋىچىلار ئائىلىسىگە يەتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 12- كۈنى 09:57   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ماھىنۇر مۇھەممەدئەلى خەۋەر قىلىدۇ: قورغاس ناھىيەسى يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا، كەنتلەرنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

    قورغاس ناھىيەسى بۇلتۇر سىملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، 36 مىڭدىن كۆپرەك سۈنئىي ھەمراھتىن قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىسى، 16 يۈرۈش يەر يۈزى سىملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تارقىتىش سىستېمىسىنى ئورناتتى. ھازىر يېزىلاردىكى دېھقان – چارۋىچى ئائىلىلىرى سۈنئىي ھەمراھتىن قوبۇل قىلىش ۋە يەر يۈزىدىن قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق 78 قانالنى تاللاپ كۆرەلەيدىغان بولدى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە