ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ، «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئائىت ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى.
«ئۇقتۇرۇش»تا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش، فوند تاپشۇرۇش چىقىم قىلىش، تىجارەتكە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش، قانۇنسىز قىلمىشى ئېنىق، ئىسپاتى تولۇق بولغان قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىش؛ ئورۇن ياكى شەخسكە چېتىشلىق سۇغۇرتا ئالدامچىلىق دېلولىرىنى ج خ ئورۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچىلىرى بايقالسا، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئالدامچىلىقىغا ئائىت دېلولارنى دەرھال تەكشۈرۈپ دېلو تۇرغۇزۇشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى
كەلپىن قاراكۆل تەبئىي مەنزىرىسى
گۈزەل ئۈرۈمچى