ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

زەيتۇن يېغىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 09 - ئاينىڭ 10- كۈنى 08:59   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

                                                     

    زەيتۇن يېغىنى تاللاشتا ئالدى بىلەن تۇنجى قېتىم سوغۇق تارتىلغان ئالاھىدە دەرىجىلىك زەيتۇن يېغىنى تاللاش كېرەك، سوغۇق تارتىلغان ياغ دېگىنىمىز مايلىق زەيتۇن مېۋىسىنى ماشىنىدا بىۋاسىتە قىسىش ئارقىلىق چىقىرىلغان ياغنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق ياغ تەبىئىي ھەم ساپ بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە تەركىبلىرى ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا كۆرۈش، پۇراش ۋە تېتىش ئارقىلىق زەيتۇن يېغىنىڭ سۈپىتىنى پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. كۆرۈش دېگەندە، ئەلا سۈپەتلىك زەيتۇن يېغى سۈزۈك ۋە قويۇق بولۇپ، سارغۇچ يېشىل رەڭدە ياكى ئالتۇن سېرىق رەڭدە بولىدۇ، رەڭگى قانچە قېنىق بولسا سۈپىتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، ناچار زەيتۇن يېغىنىڭ رەڭگى تۇتۇق بولۇپ پارقىرىمايدۇ، بۇ تۇرۇپ قالغان ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھەم ئوكسىدلىنىشقا باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، رەڭگى سۇسلىرى چىككىلەنگەن ياغ ياكى تەڭشەلگەن ياغ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پۇراش دېگەندە، ئەلا سۈپەتلىك زەيتۇن يېغىنىڭ چۈچۈكبۇيا پۇرىقى، قايماق پۇرىقى، مېۋە پۇرىقى ۋە شاكىلات پۇرىقى قاتارلىق خۇشپۇرىقى بولىدۇ، ناچار زەيتۇن يېغىدا بولسا ئېچىش پۇرىقى، پاختىلىشىش، پاتقاق پۇرىقى ۋە مېتال پۇرىقى قاتارلىق غەيرىي پۇراقلار بولۇپ، سۈپىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ياكى ساقلىنىشنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. تېتىش دېگەندە، ئەلا سۈپەتلىك زەيتۇن يېغى يېيىشلىك بولۇپ، ئازراق ئاچچىق تەمى بولىدۇ، ناچار زەيتۇن يېغىنىڭ تەمى غەيرىي بولىدۇ ياكى ھېچقانداق تەمى بولمايدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە