-
دېڭىز قاراقچىلىقى بولسا قەدىمىي بولغان جىنايى كەسپ. كېمىلەر دېڭىزدا قاتنىغاندىن تارتىپلا دېڭىز قاراقچىلىق ھەركەتلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. بولۇپمۇ دېڭىز قاتناش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان 16-ئەسىردىن كېيىن، سودا پائالىيىتى جانلانغان دېڭىز بويى رايونلىرىدا دېڭىز قاراقچىلىرى پەيدا بولۇپ تۇرغان. بۇ كەسپنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى قاراقچىلار ئاساسەن يالغۇز ھەركەت قىلماي كوللىكتىپ بۇلاڭچىلىق ئېلىپ بارىدۇ.
تۆۋەندىكىسى تارىختىكى ئەڭ داڭلىق 10 دېڭىز قاراقچىسى.
1. قارا ساقال دېڭىز قاراقچىسى
قارا ساقال دېڭىز قاراقچىسىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئېدۋارد . تېچ Edward Teach بولۇپ، ئىسپانىيە خان جەمەتى ئارىسىدىكى تەخت تالىشىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە قوراللىق كېمە ئارقىلىق بۇلاڭچىلىق ئېلىپ بارغان. كېيىنچە ئۇ 18-ئەسىردىكى كارىپ دېڭىز رايونىدا سېسىق نام پۇر كەتكەن داڭلىق قاراقچى بولۇپ قالغان. "قارا ساقال" بۇ لەقەمنىڭ ئۇنىڭغا قويۇلىشى ئۇنىڭ رەتسىز، قويۇق قارا ساقىلىنىڭ بولغانلىقىدۇر. "قارا ساقال" راۋاج تاپقان مەزگىلىدە ئۇنىڭ تۆت كېمىدىن تەركىپ تاپقان كېمە ئەترىتى بولغان، ئىچىدە "قىساسكار ئايال پادىشاھ" ناملىق كېمە باشلامچى كېمە بولغان. كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ قارا ساقالنىڭ قارا نيىتىمۇ ئېشىپ بارغان. ئۇ ھۆكۈمەت قوشۇنى تۇرۇشلۇق پورتلاغا ھۇجۇم قىلىپ شۇ يەردە مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرماقچى بولغان. قارا ساقال تاللىغان ئورۇن شۇ چاغدا بوستۇن،نيۇيورك،فىلادىلفىيەدىن قالسىلا 4-ئورۇندا تۇرىدىغان چارستون پورتى ئىدى. 1718-يىلى قارا ساقال كېمە ئەترىتىنى باشلاپ، چارستون پورتىنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان. بۇ تېخى ئامېرىكا دۆلىتى قۇرۇلمىغان چاغ ئىدى. ئەنگىليە دېڭىز ئارمىيسىنىڭمۇ قوغدايدىغان كېمىلىرى يوق بولغاچقا، قاراساقالنىڭ مۇھاسىرىسى غەلبىلىك بولۇپ، بەش دانە سودا كېمىسىنى ئولجا ئېلىپ، كېمىدىكى بايلىقلارنى بولىغان ۋە نەچچە ئادەمنى ئەسىرگە ئالغان. بۇ ئەسىرلەر ئىچىدە چارستوندىكى داڭلىق مىليونىرنىڭ ئوغلىمۇ بارئىكەن.
2. ئايال قاراقچى -ئەننى بوننىي
ئەننى. بوننىي Anne Bonny تارىختىكى ئەڭ داڭلىق ئايال دېڭىز قاراقچىسى. ئۇ ئەسلى بىر ئېكىنزار خوجاينىنىڭ قىزى ئىكەن. 18-ئەسرنىڭ باشلىرىدا ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، شۇ چاغدىكى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ كاتېبىشى "پاختا چاپان جېك" كە قوشۇلغان. بىر قېتىم ئۇلار ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلغاندا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ئېغىر يارىدار بولغان ھەمدە ئەسىرگە چۈشكەن.1720-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى يامايكدىكى سانتىياگو دىراۋىگا سوتى ھۆكۈم چىقىرىپ ئەننىي ۋە ئۇنىڭ قولچۇماقلىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
3. قاراقچى شاھزادە - قارا سام
ساموئىل بېللامى Samuel Bellamy ئاران 28 يىل ياشىغان . لېكىن ئۇنىڭ بۇ قىسقىغىنە قاراقچىلىق ھاياتىدىكى "قارا سام" دىگەن نامى پۈتكۈل يېڭى قۇرۇقلۇق قاراقچىلىرى ئارىسىدا مەشھور بولغان، ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن "قاراقچى شاھزادە" دىگەن دەپ ئاتالغان. ساموئىل بېللامى 18-ئەسىردە ۋېنسۇئىلادىكى La Blanquilla ئارىلىدا ئۆزىنىڭ قاراقچىلىق بازىسىنى قۇرغان ھەمدە نۇرغۇن ئالتۇن -كۈمۈشلەر، ئۈنچە-مارجانلارنى توپلىغان. بۇ بايلىقلار 1984-يىلى بايقالغان بولۇپ، ۋېنسۇئىلا ھۆكۈمەت تەرەپ 2007-يىلى 6-ئايدىن تارتىپ بۇ ئۈنچە مەرۋايىتلارنى دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىك ئەسلىھەلىرىگە ئىشلەتكەن. شۇ چاغدا La Blanquilla ئارىلىنىڭ كۆز يەتكۈدەك جايلىرىدا كېمىلەر قاتنىمغان. بۇ باربادوس ۋە فىرانسىيە ئىشخالىيتىدىكى مارتىنىڭ ئارىلىنىڭ قانۇنىدىن قېچىپ يۇرگەن كىشلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى يوشۇرۇندىغان ئورۇن ئىكەن.
4. جۇڭگولۇق ئايال دېڭىز قاراقچىسى جېڭ شىشى
دېڭىز قاراقچىلىقى ئەۋج ئالغان زامانلاردا، ئەڭ داڭلىق جۇڭگولۇق قاراقچى - جىڭ شىشى بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى پاھىشە. 1801-يىلى قاراقچى جىڭ يى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ شۇ چاغدىكى ھوقۇقى ئەڭ يوقىرى ئايال دېڭىز قاراقچىسىغا ئايلانغان. ئۇ قۇدرەت تاپقان مەزگىللەردە ئۇنىڭ كونتىروللىقىدا يۈزدىن ئارتۇق قاراقچىلىق كېمىسى بولغان.1811-يىلى جېڭ شىشى ئوردىغا تەسلىم بولغان. شۇ چاغدا ئۇ 1200 توپ زەمبىرەك، 270 نەچچە كېمە، 16مىڭ ئادىمى بىلەن تەسلىم بولغان. چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا چىيەنزۇڭلۇق ئۇنۋانى بەرگەن. شۇ چاغدا تەسلىم بولۇشقا قارشى تۇرغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇ تەسلىم بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ شىياڭگاڭ ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى قېلىپ قالغان ئون مىڭدەك ئەگەشكۈچىسى ئىزچىل تەسلىم بولماي كەلگەن.
5.بارزولومېۋ روبېرىت
بارزولومىۋ روبېرىت Bartholomew Roberts دېڭىز قاراقچىلىقى ئەۋج ئالغان مەزگىللەردە ئەڭ مۇۋاپىققىيەت قازانغان داڭلىق دېڭىز قاراقچىسى. ئۇنىڭ كونتىرول قىلىش دائىرىسى ئافرىقا بويلىرىدىن تارتىپ كارىپ دېڭىزى رايونلىرىغىچە بولغان. ئۇنىڭ قاراقچىلىق كېمىلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 400گە يەتكەن. روبېرىت رەھىمسىزلىكى بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، كېمە بۇلاپ بولغاندىن كېيىن بىر ئادەمنىمۇ تىرىك قويمايدىكەن.ئۇ 37 ياشقا كىرگەندە قاراقچىلىق بىلەن شوغۇللانغان بولۇپ، 1719-يىلى قۇل يۆتكەش سودىسىغا قاتناشقان.ئۇ دېۋىسنىڭ قاراقچىلىق كېمىسىگە قېتىلىپ نەچچە ھەپتىدىن كېيىن دېۋىسنى ئۆلتۈرۈپ،كاپىتانلىقنى قولغا كىرگۈزۋالغان. ئۇ ئۇرۇشقا ناھايىتى ماھىر بولۇپ،باشلامچى بولۇپ،دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلدىكەن. ئۇ ئەسەبىيلىك بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، ئۇ سودا كېمىلىرىنىلا بۇلاپ قالماي يەنە دېڭىز ئارمىيىسىنىمۇ بوش قويىۋەتمىگەن. ئۇىڭ باش كېمىسى "خان جەمەتى بايلىقى" ناملىق كېمە بولۇپ، بۇلاپ كەلگەن فىرانسىيە كېمىسى ئىكەن. ئۇ بىر ئۆمۈر ھاياتىدانەچچە يۈز كېمىنى بۇلىغان بولۇپ، ھەركەت قىلىش دائىرىسى بىرازىلىيە قىرغاقلىرىدىن تارتىپ يىراقتىكى نىيۇفائۇنلاند، شەرقى ئافىرىقا قىرغاقلىرىغىچە سوزۇلغان. بۇ جەھەتتە ئۇنى ھېنرى .مورگان بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ.
6. كاپىتان كىد
ئۇنىڭدىكى قوراللىق پۇقرا كېمىسى ياكى قاراقچىسى كېمىسىمۇ ؟ بۇ توغىرىلىق ۋېلىيام . كېدقا ئېنىق باھا بېرىلمىدى. ئەڭ دەسلەپتە كېد ئەنگىليە ھۆكۈمىتى ياللىغان قوراللىق پۇقرا كېمىسىنىڭ كاپىتانى ئىدى.كېيىن ئۇ 1701-يىلى قاراقچىلىق جىنايىتى بىلەن دارغا ئېسىلدى. ئاخىئولوگلار 2008-يىلى كارىپ دېڭىزىدىكى كاتارىنا ئارىلى ئەتراپىدىكى سۇ ئاستىدا زەمبىرەك ۋە كېمە لەڭگىرى قاتارلىقلارنىڭ قالدۇقلىرىنى تاپقان. بۇ قالدۇقلار 17-ئەسىردە قاراقچى شاھى دەپ ئاتالغان كاپىتان كېدنىڭ كېمىسىنىڭ بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ كېمىگە ئىلگىرى ناھايىتى كۆپ ئالتۇن -كۈمۈش، يىپەك بۇيۇملار قاچىلانغان ئىكەن. دۇنيادىكى نۇرغۇن بايلىق ئىزدىگۈچىلەر ھازىرغا قەدەر بۇ بايلىقلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان. كېمىنىڭ قالدۇقلىرى ناھايىتى ياخشى ساقلانغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ، ئارخىئولوگلار بايلىقنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمىگەن.
7. ھېنرى . مورگان
كاپىتان مورگان Henry Morgan نام ئىلگىرى قاراقچىلار كاتىباشلىرىنىڭ ۋەكىللىك نامى ئىدى. مورگان ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە قوراللىق پۇقرا كېمىسى بىلەن كارىپ دېڭىزىدا يۈرگەن، كېيىن ھەقىقىي قاراقچىغا ئايلانغان. ئۇ ئەينى چاغدا ئىسپانىيە مۇستەملىكىسى بولغان پاناما شەھىرىنى بۇلىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. 16 ياشلىق ياۋروپالىق داڭلىق قاراقچى خاررى ئەينى زاماندا كاپىتان مورگاننىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ، بۇ رىۋايەتلەردىكىدەك داڭلىق شەخس بىلەن خەتەرلىك ئىشلارنى قىلىش نىيىتىدە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز جەڭنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. قاراقچىلارنىڭ سان كاتارىنا ئارىلىدىكى باش تۇتۇقى ئىسپانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان، مورگان ئەتراپلىق قۇتقۇزۇش پىلانى تۈزگەن، خاررى بۇ قۇتقۇزۇشتا ناھايىتى ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاخىرى خەتەردىن قۇتۇلغان.
8. پاختا چاپان جېك
تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قاراقچىلار كېمىسى بايرىقىنى "پاختا چاپان جېك" تەشەببۇس قىلغان. ئۇ بۇنىڭدىن سىرت تىلغا ئالغۇدەك قاراقچىلىق ئىشلىرى قىلىپ باقمىغان. ئۇ قىلغان داڭلىق ئىش بولسا ئەنني بوننىي بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلىمى بولغان. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى جون. راكھام بولۇپ، ئۇنىڭ لەقىمى ئۇنىڭ دائىم سىزىقلىرى بار ئۇزۇن ئىشتان ۋە چاپان كەيگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ قاراقچىلىق ھاياتى چارلىز ۋايىننىڭ كېمىسىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش بىلەن باشلانغان. ۋاين بولسا بايلىق قاچىلانغان قاراقچى كېمىسنىڭ كاپىتانى بولۇپ، بىر قېتىم فىرانسىيەلىك ئەسكەر بىلەن بولغان دوئىلدا ئۇتتۇرۇپ قويغان. پاختا چاپان جېك ۋايننىڭ توخۇ يۈرەكلىكىگە غەزەپلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، ۋايىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنى كىچىك بىر كېمىگە ھەيدىۋەتكەن. خان جەمەتى باش تۇتۇقى روجىس دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىشتا،"پاختا چاپان" جېكنىڭ كېمىسىگە ھۇجۇم قىلغاندا ماررى بىلەن ئەننىيمۇ كېمىدە ئىكەن، شۇ چاغدا جېك مال قاچىلانغان ئامبارغا مۆكۈۋالغان ، لېكىن ماررى بىلەن ئەننىي ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بىلەن باتۇرلارچە جەڭ قىلغان.1720-يىلى ئۇ قولغا ئېلىنىپ ، دارغا ئېسىلغان ۋە جەسىتى سازايە قىلىنغان.
9.فىرانسىس.دېرىك
فىرانسس-دېرىك Francis Drake بىر تالاش تارتىش ئىچىدىكى شەخس. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر ئاقسۆڭەك، يەنە بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر قاراقچى. دېرىك ئەنگىلىيە دېۋونشىېردىكى بىركەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇ بىر شاگىرتتىن ماتروسلۇققا، كېيىن سودا كېمىسىنىڭ كاپىتانلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئورنى ۋە سەرگۈزەشتىسى ناھايىتى ئالاھىدە. 1568-يىلى دېرىك ۋە ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى جون. خاۋكىنس بەش قۇل توشۇيدىغان كېمىگە يىتەكچىلىك قىلىپ، مېكسىكىغا ماڭغان، لېكىن قارا بورانغا ئۇچىراپ ئىسپانىيە پورتىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان، بىراق ئىسپانلارنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئالدامچىلىقىدا ئۇلار جېنىدىن ئايرىلىشقا تاس قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئىسپانىيە كېمىلىرىدىن ئۆز ئېلىشقا نىيەت قىلغان. ئۇ كېمە ئەترىتىنى باشلاپ دۇنيانى ئايلىنىش سەپىرىنى قىلغان، كارىپ دېڭىزىدا قاراقچىلىق بىلەن شوغۇللانغان، قۇل سودىسى قىلغان. 1588-يىلى ئىسپانىيەنىڭ تەڭداشسىز دەپ قارىلىدىغان كېمە ئەترىتىنى مەغلۇپ قىلغان.
10. قىزىل ساقال ئاكا-ئۇكىلار
"قىزىل ساقال" بولسا ياۋروپالىقلارنىڭ تۈركىيىلىك ئاكا -ئۇكا دېڭىز قاراقچىسىغا قويغان لەقەم. 16-ئەسىردە "قىزىل ساقال"ئاكا-ئۇكىلار شىمالىي ئافرىقىنى بازا قىلىپ تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ كېمە ئەترىتىگە يىتەكچىلىك قىلىپ،ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى نۇرغۇن بازارلارنى بۇلاپ-تالىغان.
قوشۇق تەرجىمىسى
كېلىش مەنبەسى:
http://tech.sina.com.cn/d/2009-04-16/08363007839.shtml
مەنبەسى مانا历史上的今天:
دۇنيادىكى داڭلىق سائەت ماركىلىرى 2009-05-03بىكەتلەردىكى گوگىل ئېلانىنىڭ چىكىلىش باھاسى 2009-05-03随机文章:
1898-يىلىدىكى قەشقەر سۈرەتلىرى 2009-05-09سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار 2009-03-011870-يىللاردىكى يەكەن رەسىملىرى 2009-02-24شىنجاڭ يېقىنقى زامانىدىكى ئۈچ مۇستەبىت 2009-02-19
收藏到:Del.icio.us