• 2012年05月17日

    ئادەمنى ساراڭ قىلۋىتىدىغان ھېكايە - [ئەدەبىيات]

    بىر كىشى بولغان ئىكەن ، بىركۈنى ئۇ ئۈلۋالماقچى بولۇپتۇ ،ياشانغان بىر كىشى ئۇنى تۇسۇپ نىمىشقا
             ئۈلۋالماقچى ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. 
            - ئۆيۈمدە ئېغىر ئائىلە قىيىنچىلىقى بار شۇڭا ئۈلۋالىمەن . - 
                - ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق . قېنى دىگىنە قانداق قىيىنچىلىق ؟ 
             مەن بىر تۇل خوتۇننى ئالغان ، ئۇنىڭ بويىغا يەتكەن بىر قىزى بار ئىدى ، دادام ئايالىمنىڭ قىزىنى كۆرۈپ ئالىمەن دەپ تۇرۋالدى 
             شۇنىڭ بىلەن دادام قىزىمنىڭ ئىرى بولۇپ قالدى ، مەن بولسام دادامنىڭ قېينى ئاتىسى بولۇپ قالدىم  . ئايالىم بىر بالا تۇغدى 
            بۇ بالا دادامنىڭ نەۋىرىرسى بولدى  . ئۆز نۆۋىتىدە مىنىڭ بالام دادامنىڭ ئايالىنىڭ ئىنىسى بولدى . 
           ئەسلى ئۇ مىنىڭ تاغام بۇلۇشى كېرەك ئىدى . ئۇنى ئوغلۇم دىسەممۇ تاغام دىسەممۇ بولىدىغان بولۇپ قالدى ، 
            دادامنىڭ ئايالى بىر بالا تۇغقاندىن كىيىن  ئۇ بالا مىنىڭ ئىنم بولدى ، ھەم يەنە نەۋرەم بولدى ، چۈنكى ئۇ ئايالىمنىڭ نەۋرىسىدە 
           ئايالىم ئىنىمنىڭ چوڭ ئاپىسى بولغاندىن كىيىن ئايالىم مىنىڭمۇ چوڭ ئاپام بولۇپ قالدى ، ھەم مەن ئايالىمنىڭ نەۋرىسى بولۇپ 
            قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئايالىمنىڭ ئىرى ھەم نەۋرىسى بولۇپ قالدىم ، چۈنكى ئايالىم ئىنىڭنىڭ چوڭ ئاپىسىدە ! 
           شۇڭلاشقا مەن ئىنىڭنىڭ چوڭ دادىسى بولدۇم ، شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزۈمنىڭ چوڭ دادىسى ھەم نەۋرىسى بولدۇم .  
               گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ھېلىقى ياشانغان كىيى ئۇنى سۆزدىن توختىتىپ ، بولدى ! ئاللاھ ساڭا ۋە داداڭغا لەنەت قىلسۇن ! 
              ساراڭ بولۇپ ياشىغۇچە مەنمۇ سەن بىلەن ئۈلەپلاۋالاي !!!!!!!!!!!! 
            ئىسىڭلاردا بولسۇن بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى مەن ئەمەس   .      ئەسەر ھوقۇقى ئەسلى ئاپتۇرغا تەۋە !!!!!!!!
    分享到: