-
2012年06月12日
ئۆلۈمدىن ئىلگىرىكى 1 سىكونت ئىچىدىكى 14 خىل تۇيغۇ - [ئونۋىرسال]
ئامېرىكىدىكى داڭلىق بىر پسىخىك رايموند مۇدى (Raymond A.Moody) دوكتۇر 150 ئۆلۈشكە ئازلا قالغان كىشىلەرنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرىنى ئېچىپ بەردى.
ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاش: ئۇ دوختۇر ياكى باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ فىزىئولوگىيەلىك زەئىپلىشىشى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن.
گەرچە، ئۆلۈپ كېتىشكە ئازلا قالغان كىشىنىڭ روھى ھالىتى ۋە ئۇنىڭ بۇ خىل سەزگۈرەشتىسىدىكى خاراكتېرىدە چوڭ پەرق بولسىمۇ، ئەمما مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدىغىنى، بۇ خىل ئۆلۈشكە ئازلا قېلىش تۇيغۇسىدا بولغان كىشىلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئورتاقلىق بار.
تۆۋەندە بىز ئۇلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ چىقىمىز:
1. ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاش
ئۇ دوختۇر ياكى باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ فىزىئولوگىيەلىك زەئىپلىشىشى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن.
2. ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان راھەتلىك
ئۆلۈپ كەتكىلى ئازلا قالغان كىشىدە دەسلەپتە تىنچ، ئادەمنى شاتلاندۇرىدىغان تۇيغۇ بولىدۇ. ئاۋۋال ئاغرىق ھېس قىلىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئاغرىق چاقماق تېزلىكىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ-دە، ئاندىن ئۆزىنى خۇددى قاراڭغۇدا لەيلىگەندەك ھېس قىلىپ، ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان راھەتلىك ئۇنى ئۆز قوينىغا ئالىدۇ.
3. غەلىتە ئاۋازنى ئاڭلاش
ئۆلۈپ كەتكىلى ئازلا قالغان كىشىدە غەلىتە بىر ئاۋاز تويۇقسىز پەيدا بولىدۇ. بىر ياش ئايال ئۇ خۇددى مۇزىكىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
4. قاراڭغۇ بوشلۇققا سۆرەپ كىرىش
بەزىلەر ئۆزىنىڭ تويۇقسىز قاراڭغۇ بوشلۇققا سۆرەپ كىرىلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. سىزدە ھېس تۇيغۇ بولۇشقا باشلايدۇ-دە، ئۇنىڭ خۇددى ھاۋا يوق سېلىندىرغا ئوخشايدىغانلىقىنى، تۇيغۇڭىزدا خۇددى بىر ئۆتكۈنچى ھالەتتەك تۇيغۇ، يەنى بىر تەرىپى رىئاللىق بىر تەرىپى پانىي دۇنيادەكلا تۇيغۇ بولىدۇ.
5. ئۆزىنىڭ تېنىنى ئۆزى كۆرۈش
ئۆزىنىڭ تېنىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئۆز تېنىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بىر سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىشى ئەسلەپ ئۆزىنىڭ تېنىدىن ئاجراپ كەتكەن بولۇپ، باشقا بىر بوشلۇقتا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ خۇددى بىر پارچە تۈككە ئوخشايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
6. سۆزىنى باشقىلار ئاڭلىيالماسلىق
ئۇلار ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشكە شۇنچە ئۇرۇنسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ. بىر ئايال ئۆزىنىڭ باشقىلارغا شۇنچە گەپ قىلسىمۇ ئەمما باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
7. توختىماستىن ئۆزىنىڭ تېنىگە كىرىپ-چىقىش
تېنىدىن ئايرىلغان ھالەتتە، ۋاقىتقا بولغان ھېس-تۇيغۇ يوقالغان. بەزىلەر ئەسلەپ: ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ توختىماستىن ئۆز تېنىگە كىرىپ-چىققانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
8. سەزگۈ ئەزالىرى ئەزەلدىن بۇنداق سەزگۈر بولۇپ باقمىغان
كۆرۈش، ئاڭلاش ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ سەزگۈر بولغان. بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق ئېنىق كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، كۆرۈش قۇۋۋىقىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
9. يەككە-يىگانە ھالەتتە بولۇپ باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىش
بۇ ۋاقىتتا، كۈچلۈك بولغان يالغۇزلۇق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. بىر ئەر ئەسلەپ: ئۆزىنىڭ ھەر قانچە قىلسىمۇ ئەمما باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ زاىيادە يالغۇزلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
10. ئەتراپىدا باشقىلارنىڭ ھەمراھى بولىدۇ
بۇ ۋاقىتتا، ئەتراپىدا باشقىلارنىڭ ھەمراھى پەيدا بولىدۇ. بۇ ھەمراھ بىر بولسا ئۇلارنىڭ ئۆلۈمدىن خاتېرجەم ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىدۇ ياكى ئۇلارغا تېخى ئۆلۈم قوڭغىرىقىنىڭ چېلىنمىغانلىقىنى، شۇڭا بىر ئاز ساقلىشىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
11. ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىدە نۇر پەيدا بولىدۇ
ئۆلۈپ كېتىشكە ئازلا قالغان ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىدە نۇر پەيدا بولىدۇ. بۇ نۇر مەلۇم بىر خىل ئىنسان تەبئىيىتىدە بولىدۇ. ھەقىقەتەن ئېنىق بولغان ئىنسان تەبئىيىتىدىكى نۇردۇر.
12. ھاياتلىقىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئەسلەپ چىقىش
بۇ ۋاقىتتا، ئۆلۈپ كەتكۈچى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا قارىتا پۈتكۈل خاراكتېرلىك ئەسلەش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل سەزگۈرەشتىنى باشتىن ئۆتكۈزگۈچىنىڭ تىلى بويىچە بايان قىلساق: بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە كىنو ئىكرانىدىن ئۆتكەندەك ئۆتىدۇ. ھەتتا رەسىملەرمۇ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ، بىر قىسىم ھېسسىيات ۋە تۇيغۇلارنى يېڭىباشتىن ھېس قىلىپ چىققىلى بولىدۇ.
13. «چىگرا» ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرۇش
بۇ ۋاقىتتا، كىشى «چىگرا» ياكى «گىرۋەك» دەپ ئاتىلىدىغان نەرسىگە يولۇقىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ مەلۇم جايغا بېرىشىڭىزنى تۇسۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ شەكلىگە نىسبەتەن كۆپ خىل ئىپادىلەشلەر بار بولۇپ، بىر بۆلەك سۇ، بىر توپ تۇمان، بىر قانات ئىشىك، بىر چىتلاق ۋە ياكى بىر سىزىق قاتارلىقلارغا ئوخشايدۇ.
14. ھاياتلىقنىڭ قايتىپ كېلىشى
ئەگەر تەلىيىڭىز كېلىپ قۇتقۇزۇپ قېلىنسىڭىز، ئۆلۈپ كېتىشكە ئازلا قېلىش تۇيغۇسى مەلۇم دەرىجىدە داۋاملاشقاندىن كېيىن، سىز چوقۇم «قايتىپ كېلىدۇ». ئەڭ دەسلەپتە، نۇرغۇن كىشىلەر تېزدىن تېنىگە قايتىشنى ئويلىسىمۇ، ئەمما ئۆلۈپ كېتىشكە ئاز قېلىش تۇيغۇسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتىش ئۈمىدىنى سىقىپ چىقىرىشقا باشلايدۇ، ئەگەر نۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يولۇقسا، بۇ خىل ھالەت تېخىمۇ جىددىي بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز راستىنلا «قايتىپ كېلىسىز». (چۈنكى سىز قۇتقۇزۇپ قېلىندىڭىز ئەمەسمۇ؟)
ئادەم بىر خىل روھقا ئالاھىدە بېقىنغۇچى جانلىق. ئادەم ئۆلۈپ قېلىشقا ئازلا قالغاندا، ئاجىز بىر نۇر ئۆلۈمنىڭ ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئادەم ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتى قايتىدىن باھالىنىدۇ. بۇ خىل باھالاش سىزنىڭ قانچىلىك باي-زەردار ئىكەنكىلىڭىز ياكى نوپۇزىڭىزنىڭ قانداقلىقىغا باقمايدۇ. بەلكى سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا باشقىلارغا قانچىلىك نەپ بەرگەنلىڭىز ۋە مېھرى-مۇھەببىتىڭىزنىڭ قانچىلىكلىكى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.历史上的今天:
كىتاب ئوقۇش دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ 2012年06月12日ئەرلەر ساغلاملىقدىكى ‹‹ 7 چوڭ قاتىل ›› نىڭ سىرى 2012年06月12日
<< ئەرلەر ساغلاملىقدىكى ‹‹ 7 چوڭ قاتىل ›› نىڭ سىرى | باش بەت | كۈندە ئۈچ پىيالە چاي ئىچسە، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ >>
ئىزدەش
سەھىپىلەر
يىڭى يازمىلار
- يىتىپ تۇرۇپ يانفۇن ئويناش زىيانلىق
- ئۇۋۇلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق كىسەل داۋالاشنى ئۈگۈنۈۋىلىڭ
- كىتاب ئوقۇش دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
- كۈندە ئۈچ پىيالە چاي ئىچسە، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
- ئۆلۈمدىن ئىلگىرىكى 1 سىكونت ئىچىدىكى 14 خىل تۇيغۇ
- ئەرلەر ساغلاملىقدىكى ‹‹ 7 چوڭ قاتىل ›› نىڭ سىرى
- سىزنى كېسەلدىن ساقلايدىغان يېمەكلىكلەر
- غەيرەتجان ئورۇنلىغان ناخشا
- ئۆپكىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئىقتىدارى
- نەپەسلىنىش سىستىمىسىنىڭ تۈزۈلىشى