كارىۋاتنىڭ ئۇستىدە مەيلى ئوڭدىسىغا يىتىپ تۇرۇپ ياكى دۇم يىتىپ تۇرۇپ يانفۇن ئويناش بولسۇن ئىنتايىن زىيانلىق،بۇنداق قىلغاندا كۆزنىڭ بىرىكتۇرگۇچى پەردىسىگە خەۋىپ يىتىدۇ.يىتىپ تۇرۇپ يانفۇن ئويناش ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشقاندا كۆزگە قان تولۇپ قالىدۇ.قاپاق بىرىكتۇرگۇچى پەردىسگىمۇ ئاسانلا توپچىسىمان ئۆسۇكچە ئۆسۇپ قالىدۇ ھەمدە پۇۋەكچە شەكىللىنىپ قالىدۇ. دەسلەپتە بەلكىم كۆز قۇيرۇقى قىزىرىش ،نەملىشىش،چاپاق بولۇپ قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۇلىدۇ،ناۋادا دىققەت قىلمىغاندا بىرىكتۇرگۇچى پەردە توقۇلمىلىرىنىڭ ئاستا خاراكتىرلىك ياللۇغلىنىش خاراكتىرلىك كىسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ ئاستا خاراكتېرلىك بىرىكتۇرگۇچى ياللۇغىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. مۇتەخەسسىس تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى:كۆزنى ئارام ئالدۇرمىغانداكۆز چارچايدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە پۇتۇن زىھنى بىلەن بىرىلىپ يانفۇننىڭ ئىكرانىغا قارىغاندا يانفۇنننىڭ ئىكرانىدا توختىماي پەيدا بولغان ھەرخىل نۇرلار كۆزنى ئۇزلۇكسىز غىدىقلاپ كۆز قارىچۇقىنىڭ يۇزىدىكى ياش پەردىسى قەۋىتىنى زەخمىىلەندۇرىدۇ بۇنىڭ بىلەن كۆزنىڭ چارچىشىنى ھەمدە قۇرۇشىنى كۇچەيتىۋىتىدۇ،كۆز قىچىشىش،سانجىپ ئاغرىش،ياش ئىقىش، ھەتتا يورۇقلۇقتىن قورقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۇلىدۇ بۇ دەل كۆز قۇرغاقلىشىش كىسلىنىڭ ئالامەتلىرى ھىساپلىنىدۇ.