-
2012年05月17日
تېتىتقۇ سېلىشقا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر - [ساغلاملىق]
1. سوغۇق سەيگە تېتىتقۇ سېلىشقا بولمايدۇ. تېمپېراتۇرا 80 سېلسىيە گرادۇس - 100 سېلسىيە گرادۇسقا چىققاندا ئاندىن تېتىتقۇنىڭ تەم تەڭشەش رولى بولىدۇ. سوغۇق سەينىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولغاچقا، تېتىتقۇنىڭ رولى بولمايلا قالماي، بەلكى يەنە ئەسلى ماتېرىيالغا يېپىشىۋېلىپ، سوغۇق سەينىڭ تەمىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
2. تاتلىق قورۇمىغا تېتىتقۇ سېلىشقا بولمايدۇ. پەقەت مۇۋاپىق قويۇقلۇقتىكى ناترىي ئىئونى بولغان شارائىتتىلا ئاندىن تېتىتقۇنىڭ تەم تەڭشەش رولى بولىدۇ. شۇڭا، تۇزلۇقراق قورۇمىلارغا تېتىتقۇ سالسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر تاتلىق قورۇمىغا تېتىتقۇ سالسا، قورۇمىنىڭ تەمىنى ياخشىلىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە قورۇمىنىڭ ئەسلى تەمىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، غەيرىي تەم پەيدا قىلىدۇ.
3. قىيمىغا تېتىتقۇ سېلىشقا بولمايدۇ. قىيمىغا تېتىتقۇ سالغاندىن كېيىن، دۈملەش، سۇدا پىشۇرۇش، قورۇش جەريانىدا تېمپېراتۇرا 100 سېلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، تېتىتقۇنىڭ تەمى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. تەم كىرگۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە كوكۇسلانغان ناترىي گىلۇتامات ھاسىل قىلىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.
4. گۆشلۈك قورۇمىغا تېتىتقۇ سېلىشقا بولمايدۇ. گۆش تەركىبىدە ئەسلىدىنلا گىلۇتامىك كىسلاتا بولۇپ، قورۇمىدىكى تۇز بىلەن بىرلىكتە قىزىغاندىن كېيىن، تېتىتقۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى - ناترىي گىلۇتامات ھاسىل قىلىدۇ. گۆش تۈرىدىن باشقا، يەنە تۇخۇم، موگۇ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارغىمۇ تېتىتقۇ سېلىشقا بولمايدۇ.
5. ئاچچىقسۇ قۇيۇلغان قورۇمىغا تېتىتقۇ سېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، تېتىتقۇ كىسلاتالىق شارائىتتا ئاسان ئېرىمەيدۇ، شۇنداقلا كىسلاتالىق دەرىجىسى بارغانسېرى ئېشىپ بارىدۇ، تەمىمۇ شۇنچە ناچار بولىدۇ. شۇڭا، چۈچۈمەل تەمدىكى قورۇمىلارغا تېتىتقۇ سېلىشقا بولمايدۇ历史上的今天:
ياغقاندا كۆڭۈلنىڭ سىم-سىم يامغۇرى 2012年05月17日شۇتىڭ شېئىرلىردىن تاللانما 2012年05月17日ئادەمنى ساراڭ قىلۋىتىدىغان ھېكايە 2012年05月17日خۇشال ياشاشنىڭ 12 سىرى 2012年05月17日
<< ئۆزىڭىزدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى بىلەمسىز ؟ | باش بەت | ئائىلىدە گۈل باققاندا يوپۇرماق سارغىيىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك ؟ >>