• 2012年05月17日

    ئائىلىدە گۈل باققاندا يوپۇرماق سارغىيىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك ؟ - [ئونۋىرسال]

       ئائىلىدە گۈل باققاندا يوپۇرماق سارغىيىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ . بۇنىڭدىكى سەۋەپ تۆۋەندىكىچە :
    1. كۆپ سۇغىرىشتىن سارغىيىش : بۇ ئاساسەن گۈلنى كۆپ سۇغارغانلىقتىن تۇپراقتا كۆپلەپ سۇ يىغىلىپ ، نەملىكى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ . بۇنىڭ بىلەن تۇپراقنىقڭ ھاۋا ئۆتۈشچانلىقى ناچارلىشىدۇ ، ھەتتا بىر قىسىم يىلتىزلار چىرىيدۇ . بەزى يۇمران يوپۇرماقلار سارغىيىپ پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ ، يېڭى ئۇچلىرى سولىشىدۇ . شۇڭا ، سۇغىرىشنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش لازىم .
    2. كۆپ ئوغۇتلاشتىن سارغىيىش : بۇ ئاساسەن ئوزۇقلۇق كۆپ بولۇش سەۋەبىدىن قېرى يوپۇرماقنىڭ ئۇچى سارغىيىپ تۆكۈلىدۇ ، يېڭى چىققان يوپۇرماقنىڭ ئېتى قېلىن ، پارقىراق بولسىمۇ ، ئەمما يوپۇرماق يۈزى تەكشى بولمايدۇ . ئەگەر ئېسىل گۈل بولسا ، گۈل ئەتراپىغا يازلىق يېسىۋېلەك ياكى تۇرۇپ ئۇرۇقى تېرىپ ، مايسا ئۈنۈپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يۇلىۋەتسە ، ئوزۇقلۇقنى خورىتىدۇ .
    3. ئۇسسىغانلىقتىن سارغىيىش : ئۇزۇن مەزگىل قانغۇدەك سۇغارماسلىقتىن ياكى سۇسىزلىنىشتىن سارغىيىدۇ . گەرچە يېڭى يوپۇرماقنىڭ رەڭگى نورمال بولسىمۇ ، تۆۋەنكى قىسمىدىكى يوپۇرماقلار ئاستا - ئاستا ئۈستىگە قاراپ سارغىيىپ تۆكۈلىدۇ ياكى قېرىيدۇ . شۇڭا ۋاقتى - ۋاقتىدا سۇغىرىش لازىم .
    4. شورلىشىشتىن سارغىيىش : جەنۇبىي جۇڭگونىڭ گۈللىرى كىسلاتالىق تۇپراقنى خالايدۇ . ئەگەر تەشتەك توپىسىنىڭ ئىشقارلىقى يۇقىرى بولسا ، يوپۇرماقلىرى سارغىيىدۇ ، ھەتتا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ . تۇپراقنى ياخشىلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى : گۈرۈچ سۈيى ياكى يامغۇر سۈيى بىلەن سۇغىرىش .

    分享到: