• 2012年05月21日

    يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەر - [ساغلاملىق]

    يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ كېسەللىك سەۋەبلىرى ئېنىق ئەمەس ،ئەمما تۆۋەندىكى ئامىللار يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: 1.ياش ئامىلى-يۇقىرى قان بېسمى كېسەللىكى ياشنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۆرلەپ بارىدۇ،بولۇپمۇ 40ياشتىن يۇقىرىلاردا يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ نىسىبىتى يۇقىرى بولىدۇ. 2.سېمىزلىك- يۇقىرى قان بېسمى كېسەللىكى ئۇرۇق كىشىلەرگە قارىغاندا سېمىزلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ. 3.ئاش تۇزى- ئاش تۇزىنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغانلاردا يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسىبىتى يۇقىرى ،ھەركۈنلۈك ئاش تۇزى ئىستېمال مىقدارى 2گرامدىن تۆۋەن بولغانلاردا يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ،ھەركۈنلۈك ئاش تۇزى ئىستېمال مىقدارى 3-4گرام ئەتراپىدا بولغانلاردا يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ كۆرىلىش نىسبىتى 3٪ئەتراپىدا بولىدۇ،ھەركۈنلۈك ئاش تۇزى ئىستېمال مىقدارى 4-15گرام ئەتراپىدا بولغانلاردا يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ كۆرىلىش نىسبىتى 33.15٪بولىدۇ،ھەركۈنلۈك ئاش تۇزى ئىستېمال مىقدارى20گرامدىن يۇقىرى بولغانلاردا يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى 50٪گە يېتىدۇ. 4.ئىرسىيەت -يېرىمدىن كۆپرەك يۇقىرى قان بېسىمى بېمارلىرىدا ئىرسىيەت ئامىلى بولىدۇ ،ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرىدە ياكى ھەر ئىككىلىسىدە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىك تارىخى بولىدۇ. 5.مۇھىت ۋە كەسىپ -شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا خىزمەت قىلغۇچى ۋە دائىم جىددىي كەيپىياتتا ئەقلىي خىزمەت قىلغۇچىلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسلى بىلەن ئاغرىش نسىبىتى يوقىرى بولىدۇ،شەھەردىكى شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا ياشىغان كىشىلەردە قان بېىسىم كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولىشى يېزىدا ياشىغان كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ .

    分享到: