-
4. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنىڭ ئىملاسىنى ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە قوللىنىشقا ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ زۆرۈرىيەتتىن بۇ لايىھىنىڭمۇ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈپ چىقىلدى.
بۇ لايىھىنىڭ ئىملا قائىدىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ئوخشاش. ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى، يېزىلىش يۆنىلىشى بىلەن لاتىن يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى ۋە يېزىلىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەرنى بۇ لايىھە بىلەن ئىپادە قىلىشقا توغرا كەلگەندە (ياكى ئەكسىچە بولغاندا)، بەزىبىر ئىملا مەسىلىلىرىگە يولۇقۇشىمىز تەبىئىي. يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈلۈپ، پەرقلىق نۇقتىلار كۆرسىتىلدى.
بۇ لايىھىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلىنىدىغان نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:
1) سۆز تەركىبىدە ئالدىنقى بوغۇم ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلىشىپ، كېيىنكى بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان بولسا، بۇنداق بوغۇملارنى ئالدىنقى بوغۇمدىن ئايرىش ئۈچۈن ئالدىنقى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرىسىغا بوغۇم ئايرىش بەلگىسى«’» قويۇلىدۇ.
مەسىلەن:
tash'eynek, tel'et, qel'e, sen'et, ün'alghu, kir'alghu, yen'en, chang'en
2) سۆز تەركىبىدە ئىككى بوغۇمغا تەۋە «n» بىلەن «g» ۋە «n» بىلەن «gh» ھەرپلىرى قاتار كېلىپ قالغاندا، بۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن ئالدىنقى بوغۇمدىكى «n» تاۋۇشىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىغا بوغۇم ئايرىش بەلگىسى «’» قويۇلىدۇ.
مەسىلەن:
ten'ge, kün'ge, ögen'gen, qilin'ghan, qamchilan'ghan
3) جۈملىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.
مەسىلەن:
Jem'iyette xilmuxil kesp mewjut, muhimi kespni toghra tallash
4) كىشى ئىسىملىرى، يەر-جاي ناملىرى، ھەر خىل ماركا، مەھسۇلات ناملىرى، لوزۇنكا، ماۋزۇ، ئىدارە-ئورگان، تەشكىلات ناملىرى قاتارلىقلارنى بۇ لايىھە بىلەن يېزىشقا توغرا كەلسە، بۇ سۆزلەرنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ ياكى ھەممە ھەرپلىرىنى چوڭ ھەرپ بىلەن يازسىمۇ بولىدۇ.
باش ھەرپى چوڭ يېزىلغانلىرى:
Yüsüp Xas Hajip, SHinjang Uyghur Aptonom Rayoni, Birleshken Döletler Teshkilati, Mehmud Kashigheri Tughulghanliqining Ming Yilliqini Tebriklesh Yighini, SHinjang Xelq Neshriyati
ھەممە ھەرپلىرى چوڭ يېزىلغانلىرى:
YÜSÜP XAS HAJIP, SHINJANG UYGHUR APTONOM RAYONI, BIRLESHKEN DÖLETLER TESHKILATI, MEHMUD KASHIGHERI TUGHULGHANLIQINING MING YILLIQINI TEBRIKLESH YIGHINI, SHINJANG XELQ NESHRIYATI...
5) ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر چوڭ ھەرپ بىلەن ئۇلاپ يېزىلىدۇ.
مەسىلەن:
SM---santimëtir, BDT----- Birleshken Döletler Teshkilati
JXI---Jamaet Hewpsizlik Idarisi, SHUAR--- SHinjang Uyghur Aptonom Rayoni
6) بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ بىرىنچى ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.
مەسىلەن:
Obkom--- Oblastliq Komitët, Partkom---- Partiye Komitëti
7) پاراگراف بەلگىسى ساندىن كېيىن يېزىلىدۇ. پاراگراف بەلگىسىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ.
مەسىلەن:
1§. 2§. 3§. 4§. 5§. 6§. 7§.
8) تىنىش بەلگىلىرىدىن سوئال بەلگىسى «?»، پەش «,»، چېكىتلىك پەش «;» لەر بۇ لايىھىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە قوللىنىلىدۇ.
5. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا جايلىشىشى
بۇ لايىھىدىكى ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدا بولمىغان «ئۆ، ئۈ، ئې» (Ü, Ö Ë,) قاتارلىق ئۈچ ھەرپنىڭ كۇنۇپكىدىكى ئورنى ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
ئىنگلىزچىنىڭ خەلقئارلىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى (English international key board layout, 美国英语__国际) نى قاچىلاپ، تاللىغاندىن كېيىن «ئۆ، ئۈ، ئې» (Ë,Ü,Ö) ھەرپلىرىنى تۆۋەندىكى بىرىكمە كۇنۇپكىلارنى بېسىش ئارقىلىق چىقىرالايسىز.
Shift+"+U
Shift+"+E
Shift+"+O
6. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېكىستلەر بىلەن لاتىن ھەرپلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن تېكىستلەرنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش يۇمشاق ماتېرىيالى
بۇ يۇمشاق ماتېرىيال ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادە قىلىشتا ياكى لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى بۇ لايىھە بىلەن يېزىلغان تېكىستلەرنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاپتوماتىك ئايلاندۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق ماتېرىيال تېكىستلەرنىڭ مەيلى قايسى خىل ھەرپلەر بىلەن ئىپادە قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ئىملانىڭ توغرا، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ جايىدا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇلغان تېكىستنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.历史上的今天:
ئۇيغۇرچە تور دىسكىسى ھەقسىز ئىشلىتىڭ 2009/12/01ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ يېزىقىنى لاتىنچىدە ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ3 2009/12/01ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ يېزىقىنى لاتىنچىدە ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ2 2009/12/01ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ يېزىقىنى لاتىنچىدە ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ1 2009/12/01随机文章:
بىر قىسىم يېڭى ئاتالغۇلار 2009/12/18ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ يېزىقىنى لاتىنچىدە ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ3 2009/12/01ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ئەرەب-ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ كىرمە سۆزلەر1 2009/11/18