• شېئىر تىلىدا ۋىجدان سۆزلەيدۇ1

    ئەسەر تۈرى:ئەدەبىيات

    شېئىر تىلىدا ۋىجدان سۆزلەيدۇ

    چۈشتاق شېئىرىيەت مۇنبىرى ئىلاۋىسى: شائىر ئابلەت ئەخمەتنىڭ شائىر ئاكىمىز مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ئەپەندى بىلەن شېئىرىيەت ئۈستىدە ئېلىپ بارغان «شېئىر تىلىدا ۋىجدان سۆزلەيدۇ» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسى 2008-يىلى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. چۈشتاق شېئىرىيەت مۇنبىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ئەپەندى تەرىپىدىن مەزكۇر مۇنبەرگە يوللاندى. بىز مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ئەپەندىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە چۈشتاق شېئىرىيەت مۇنبىرى نامىدىن تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمىز. شۇنداقلا كەڭ شېئىر ئاشىنالىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك يازمىسى بىلەن مۇنبەرنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا كۈچ چىقىرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.


    شېئىر تىلىدا ۋىجدان سۆزلەيدۇ

     

    (ياش شائىر ئابلەت ئەخمەتنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب)



    سۇئال: سىز بىر دىنى ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئىكەنسىز قانداق سەۋەپلەر بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا مېڭىپ قالدىڭىز؟ تەپسىلى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
    جاۋاپ: مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت كوچىسىغا كىرىشىمنى ئۆزۈمنىڭ يەكۈنى بويىچە ئىككى تۈرلۈك سەۋەپتىن كۆرىمەن.بىرى مېنىڭ دادام كامال ئاخۇن تۆمۈرى(1906-1987)،گۇمىلىق ئىقتىدارلىق شائىر جېلىلى (1896-1937)نىڭ مۇنەۋۋەر شاگىرتى بولۇپ زامانىسىنىڭ شائىر،يازغۇچى،ئەدىبلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغانلىقى، شۇنداقلا ئىلىم تەھسىل قىلىش داۋامىدا كىلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپرەك ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىلىم ئەھلىگە ئىنتايىن چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدىغان، ئالاھىدە مۇھەببىتى بار كىشى بولغاچقا، ئۆزى چوڭراق بىرەر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانمىغان بولسىمۇ، زامانىسىنىڭ ساھىپ قەلەملىرى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەرەرلىك ئۇيۇشتۇرلىدىغان شېئىر مۇتالىيە سۆھبەتلىرىگە تەشەببۇسكار لىق بىلەن قاتنىشىپ ھەم ئۆيىمىزدە شېئىر مۇتالىيە مەجلىسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ دائىم شېئىرى تەربىيلىنىش موھىتىدا ياشايدىكەن. مەن ئەقلىمگە كەلگەن ئاشۇ مالىمانچىلىق يىللاردىمۇ پات- پات ئىلىم خۇمار دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ مەشرەپ ۋە نەۋائىينىڭ تاشكەنىتتە بېسىلغان كۆن تاشلىق شېئىرى توپلاملىرىنى مەخپىي ھالدا ئوقۇپ يۈرەتتى. مەن مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا، ئىجادىيەت يولىغا قەدەم بېسىشىمدا سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئىرسىيەتنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك دەپ تونۇسام، ئىككىنچىدىن، مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا مېڭىشىمغا ئوبيېكتىپ جەھەتتىن دارىلمۇ ئەللىمىندىكى مەتنىياز تۇرسۇن ئىسىملىك بىر مەكتەبدىشىمنىڭ پىشاڭلىق رول ئوينىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمەن.
    مەن ئۆزۈمنى ئىجادىيەت سېپىگە بەكمۇ كىچىكىپ كىرگەن كىشى ھىسابلايمەن. چۈنكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى يازغۇچى، شائىرلار 15،10 ياشلاردا ئىجادىيەتتە خېلى چوڭ مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشىپ بولغان دېيىلىدىكەن.بىراق، مەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە 20 ياشلاردىن ئاشقاندا ئىشتىياق باغلاپ،25 ياشقا كىرگەن يىلىم تۇنجى ئەسەر ئېلان قىلغانمەن.گەرچە مەن ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەد رەھىمنىڭ 1980-يىللىرى نەشىر قىلىنغان يېڭى يېزىق خەت شەكلىدىكى<<گۈلباھار>> ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى سېتىۋىلىپ ئوقۇغان، ئۇيغۇرخەلق مۇھەببەت قوشاقلىرىنى يادىلاپ، خاتىرىگە كۆچۈرگەن، ئۈمىدجان قەشقىرى ئىمزاسىدىكى <<كاككۇك قونغان تال>>،يەنە قايسىدۇر بىر ئىسىم بىلەن قولدىن-قولغا، خاتىرىدىن خاتىرىگە كۆچۈرۈلۈپ يۈرگەن<<ئاخىرقى سىناق>>، <<قىز قەلبى>> قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئوقۇپ ھەم خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ يۈرگەن بولساممۇ، ئاشۇنىڭغا ئوخشىتىپراق بىرەر نەرسە يېزىپ بېقىش خىيالىمغا كىرمەيتتى. مەن 1981-يىلى 7-ئايدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،9- ئايدا قاراقاش دارىلمۇئەللىمىن مەكتىبىگە قوبۇل قىلىندىم. 12- ئايدا بۇ مەكتەپكە خەلق ئوقۇتقۇچىلىقىدىن دۆلەت شىتاتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىققا ئۆتكۈزىلىدىغان بىر سىنىپ كۇرسانىت قوبۇل قىلىندى. مەن بۇ سىنىپتىكى يۇقۇردا نامىنى تىلغا ئالغان مەتنىياز تۇرسۇن ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ھەم قويۇق ئالاقىدە بولدۇم. ئۇ كىشى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قاتتىق ئىشتىياق باغلىغان ئوت يۈرەك ئادەم ئىكەن. بىز ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە ئۇ ماڭا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكى، بۇ ساھەدە بىرەر نەتىجە قازىنىپ بۇ ئالەمدىن كەتكەن كىشىنىڭ نامى تاكى قىيامەتكىچە ئۆچمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئەستايىدىل چۈشەندۈرەتتى. ئۇنىڭ زىرىكمەي چۈشەندۈرۈشى ۋە ھەر كۈنى كەچلىك مۇزاكىرىدىن كېيىن چوقۇم بىر پارچە شېئىر يازمىساق ياتاققا قايىتماسلىقتەك ئەستايىدىل مەشىقلەر سەۋەبىدىن ئانچە- مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يازالايدىغان ھالاتكە يەتكەن كۈنلەردە،<<خوتەن گېزىتى>> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى،شائىر تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم (ھازىر<<جۇڭگۇ مىللەتلىرى>> ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تۇرغۇن يىلتىز) بىلەن كېيىنچە شائىر ھەم يازغۇچى نەبىيجان مەخمۇت (ھازىر شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئىلمىي ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى)، شائىر جاببار رەھىم روھلان (ھازىر قاراقاش ناھىيىلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى تارىخ ماتىرىياللار ئىشخانىسىدا)، شائىر ئەسقەر مەمتىمىن (ھازىر <<خوتەن گېزىتى>> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە)، يازغۇچى توختىمۇھەممەد نۇرمۇھەممەد قاتارلىق شائىر، يازغۇچىلار بىلەن تونۇشتۇم ۋە ئۇلارنىڭ قوللاپ يول كۆرسېتىشى، يازغان مەشىق ئەسەرلىرىمنى ئايانماي ئۆزگەرتىپ يېتەكلىشى بىلەن مانا ھازىر سىزگە ئوخشاش يېتىلىۋاتقان ياش شائىرنىڭ نەزىرىگە ئېلىنىپ ھەمسۆھبەت بولۇش مۆھلىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ تۇرۇپتىمەن. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يۇقۇردا نامىنى قەيىت قىلىپ ئۆتكەن، مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا كىرىشىمگە بىردىن- بىر ئاساس سالغۇچى، ھازىر ئۆزى ئىقتىدارلىق ئوقۇرمەنگە ئايلىنىپ كەتكەن قەدىرلىك دوستۇم ھەم ئۇستاز سۈپەت بۇرادىرىم مەتنىياز تۇرسۇن قاتارلىق ئەدىبلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
    سۇئال: سىز ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئاساسلىق قىلىپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىسىز. ئۇزاق يىللىق شېئىرى ئىجادىيەت جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىڭىزدىن بىزنىمۇ بەھىرلەندۈرسىڭىز قانداق؟
    جاۋاپ:<<شېئىرىيەتنى سۆيۈش- توغرىلىق، دىيانەت، پاكلىق ۋە گۈزەللىكنى سۆيۈش دېمەكتۇر>> دەيدۇ، ئۆزبىك ئەدەبىياتى ئۈچۈن بارلىغىنى بىغىشلىغان مۇتەپەككۇر زات-ئىبراھىم ھەققولۇۋ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا مەن، شېئىر ئىشقىدا ۋۇجۇدۇمنى يېقىلغۇ ، يۈرىكىمنى گۇلخان قىلىپ تىنىچسىز ھالەتتە چاراقلاپ كۆيگۈچى ئاشىق- پەرۋانە. مەن شېئىرنى قېنىم ۋە جېنىم دەپ بىلىمەن ھەم شېئىرغا غېرىپنىڭ سەنەمگە كۆيگىنىدەك كۆيگەنلىكىم ھەم شېئىرنى چىن مېھرىم بىلەن سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن مېنىڭ ھەر بىر كۈنۈم ھەتتا ھەر بىر تۈنۈم شېئىرىيەتسىز ئۆتمەيدۇ. دائىم شېئىر بىلەن مۇڭدىشىپ ، شېئىر بىلەن سىردىشىپ ئۆتىمەن. شۇڭا شېئىر بىلەن ئەسرارلاشماي ئۆتكەن ۋاقتىم مەن ئۈچۈن بەختسىز مىنۇتلار بولۇپ تۇيۇلىدۇ . گەرچە شېئىر مىسرالىرىغا سىغدۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلغان ئوي- پىكىرلىرىمنى پىرۇزا شەكلىدە يېزىپ باققان بولساممۇ، بىراق، تۇيغۇمدا بىر پارچە ھېكايە،ھەتتا بىر پارچە پوۋېستتىن بىر كۇبلىت شېئىر قەدىرلىكتەك بىلىنىدۇ. بۇ مېنىڭ 25 يىللىق ئىجادىي ھاياتىمدا شېئىرى ئىجادىيەتنى ئاساس قىلىپ كەلگەنلىكىمنىڭ سەۋەبى. ئەندى شېئىرى ئىجادىيەت جەريانىدا توپلىغان<<تەجرىبە>> مەسىلىسىگە كەلسەم، مەندە ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرغىدەك ئالاھىدە تەجرىبە يوق دېگەندىن كۆرە، ئىجادىيەتتە بولۇپمۇ شېئىرى ئىجادىيەتتە ئىزچىللىقنى ساقلاش ھەم ئىلھام قۇشلىرىنىڭ ئۇۋىسىدىن چىقىپ كۆڭۈل ئاسمانىدا پەرۋاز قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماي،ئۆز- ئۆزىگە بولغان تەلەپنى كۈچەيتىش- شېئىر ئىجادىيىتىدە نەتىجىگە ئىرىشىشنىڭ ئاساسى دەپ قارايمەن.
    سۇئال: سىز شېئىر يېزىش جەريانىدا نىمىلەرگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىسىز؟
    جاۋاپ: مەن يىگىرمە بەش يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىمنىڭ ئالدىنقى ئون بەش يىلىدا ئاساسەن بىر يېڭى پىكىرنى يورۇتۇپ بېرىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىپ شېئىر يازغانلىقىم ئۈچۈن شېئىرنى ئەدەبىيات نەزىرىيىسى بويىچە<< مۇئەييەن تەرتىپتە گۇرۇپپىلىنىپ كەلگەن ۋەزىن،تۇراق قاپىيەلىرى بولسىلا شېئىر بولىدۇ>> دېگەن چۈشەنچىدە ھەر كۈنى كەم دېگەندە بىر پارچە كۆپ بولغاندا 3،4 پارچە شېئىر يېزىپ ئۈلگىرەتتىم. شۇڭا ئۇ چاغدا شېئىرغا قويىدىغان تەلىبىم؛ بىرەر پىكىرنى ئوقۇرمەنلەر ھېس قىلالىغۇدەك ھالدا يورۇتۇپ بېرەلىسەم بولدى دەپ قاراپ، شېئىرنىڭ باشقا خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ھېساپلاشمايتتىم. كېيىنكى ئون يىلدا بولسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرگە،بولۇپمۇ شېئىرلارغا قويىدىغان تەلىبى كۈنسايىن ئېشىپ بارغاچقا ئەندى شېئىرنى بۇرۇنقىدەك شېئىر يېزىش ئۈچۈنلا يازسام بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. چۈنكى 90- يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بىرقىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن <<گۇڭگا شېئىر>>، <<مۇدىرنېزىملىق شېئىر>> يەنە بىر نېمە شېئىر دەپ ئاتىلىپ، بەزىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، بەزىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە شېئىر ئىجادىيىتىدە مەيلى تىل يېڭىلىقى جەھەتتە بولسۇن ياكى پىكىر چوڭقۇرلىقى جەھەتتە بولسۇن تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز دەرىجىدە يېڭىلىنىش بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ شېئىر ئىجادىيىتى جەھەتتىكى ماھارەت مەسىلىسىدە ئۆزۈمنى بىر دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن، بىر نەچچە ئاي چوڭقۇر ئويلاندىم-دە، بۇ جەھەتتە ئۆزۈمنى خېلى قاتتىق چىنىقتۇردۇم. راست گەپنى قىلسام شۇچاغدا تاس- تاماس قالغان ئىدىم،ئىقتىدارسىز شائىرلىقتىن كۆرە،ئىقتىدارلىق ئوقۇرمەن بولۇپ كەتكىلى. يەنە شېئىرغا بولغان ئىشتىياق تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە شېئىر يېزىپ يۈرىيمەن. لىكىن كېيىنكى ئون يىلدا يازغان شېئىرلىرىمدا بارلىق زېھنى قۇۋۋىتىمنى ئىشقا سېلىپ ئوقۇرمەنلەرگە مۇئەييەن دەرىجىدە ئىستىتېك زوق ئاتا قىلالايدىغان شېئىرلارنى ئىجات قىلىش مۇددىئاسىدىن باشقا، يېزىۋاتقىنىم مەيلى بارماق ۋەزىنلىك شېئىر بولسۇن،ياكى ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر بولسۇن قاپىيەنى قويۇپ بېرىشتىن قاتتىق ساقلاندىم. يەنى شېئىر قاپىيەلىرىنىڭ توق بولۇشىنى ئۆزۈمگە مىزان قىلدىم. شۇ سەۋەپتىن بەزى غەزەللىرىم پەقەت ئۈچ بىيىت بىلەنلا تاماملاندى. بۇنى ئاچ قاپىيە ئارقىلىق ئۇزارتىشتىن ئەۋزەل دەپ تونۇدۇم. چۈنكى ئەدىبلەر ئېيىتقان:<<ياخشى تائام كەتسە كەتسۇن، قاپىيە كەتمىسۇن>> دەپ.
    سۇئال: يىقىنقى ئىككى،ئۈچ يىلدىن بېرى گېزىت- ژۇرناللاردىن شېئىرلىرىڭىزنى كەمدىن- كەم كۆرىدىغان بولۇپ قالدۇق. شېئىر ئىجادىيىتىڭىزدە سەل ئۈزۈلۈش بولۇپ قالدىمۇ- قانداق؟
    جاۋاپ: ئېيىتقىنىڭىز راست. مەن ئەسلىدىنلا ئىلھامى گال قەلەمكەشلەرنىڭ بىرى بولۇشتىن سىرىت، يۇقۇردا قەيىت قىلىپ ئۆتكىنىمدەك، شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن شېئىر يېزىشتا ئۆزۈمگە بولغان تەلەپنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىم ئۈچۈن بىرەر پارچە شېئىر ئىجات قىلىشىم تېخىمۇ قىينغا توختايدىغان بولدى. بىر پارچە شېئىرنى پۈتكۈزۈپ بولۇپ ئۇ شېئىرنى قايتا- قايتا مۇلاھىزە قىلىپ <<زادى مۇشۇ شېئىر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە قانچىلىك ئىستىتېك زوق بىغىشلىيالايمەن ياكى نېمە مەقسەتكە يېتىمەن؟>> دېگەننى كۆپ زىغىرلاپ كەتكەنلىكتىن يازغان شېئىرلىرىمنى مەتبۇئاتقا ئەۋەتىشىم ئىلگىركىگە قارىغاندا ئازراق بولىۋاتىدۇ. شۇڭا ئەۋەتىش ئاز بولغاندىكىن ئېلان قىلنىشمۇ كەم بولىدىكەن. مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا شېئىر ئىجادىيىتىمدە ئۈزۈلۈش بولمىغان بولسىمۇ مەتبۇئاتقا يوللىشىمدا جەزمەن ئۈزۈلۈش بولدى دېيىشكە بولىدۇ.
    سۇئال: سىز پۈتۈن ھاياتىڭىزنى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بىغىشلىغان پىداكار شائىر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن خالىس ھالدا ۋاقتىڭىز ھەم زېھنىڭىزنى سەرپ قىلىپ ياش ھەۋەسكارلارنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭىز بۇنى ئاۋارىچىلىق دەپ ئويلىمامسىز؟
    جاۋاپ: چىن گەپنى قىلسام سىز ئېيىتقاندەك، قولىغا يېڭىدىن قەلەم ئالغان ھەۋەسكارلارنى يېتەكلەش، تەربىيلەش، ئۇلارنىڭ شېئىرىيەتنىڭ قائىدە،قانۇنىيەتلىرىگە چۈشمەيدىغان يازمىلىرىنى تۈزىتىش، ئۆزگەرتىش ئىنتايىن جاپا- مۇشاقەتلىك بىر ئىش بولسىمۇ، مەن ئاشۇنداق ئاۋارىچىلىقنىمۇ ئۆزۈم ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك پائالىيەت دەپ تونۇيمەن. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:بىرى،مەن بىر نەچچە يىل بولسىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغانمەن.سىز بىلىسىز ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق- لىرىنى تەكشۈرۈپ كۆنۈپ قالىدىغان گەپكەن. ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى، مەن 1983-يىلى ئىيۇلدا دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ يۇرتىمىزغا كەلگىنىمدە ناھىيە تەۋەسىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان،مېنى يىتەكلەپ ئىجادىيىتىمگە يول كۆرسىتەلەيدىغان يازغۇچى، شائىرلاردىن ئابدۇقادىر سادىر قوشتاغ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى، ئىدىرىس مەتسېيىت زاڭگۇي يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى بولغانلىقى، ئارىلىقىمىز 60،50 كىلۇمىتېر كېلىدىغان مۇساپە بولغىنى ئۈچۈن يازمىلىرىمنى كۆرسېتىپ پىكىر ئالىدىغان يېتەكچىگە مۆھتاج بولغانلىقىم سەۋەپلىك خىزمىتىمنى ئىككى يېزىنىڭ بىرىگە يۆتكەپ بارماقچىمۇ بولغان تېخى.ئەھۋال شۇنداق بولغاچقا ئۆزۈم يېزىپ، ئۆزۈم تۈزىتىپ، يازغىنىمغا ئىشەنىچ قىلالماي كۆپ ئارىسالدى بولغان ئىدىم. شۇڭا ھازىر بىرەر ھەۋەسكار مېنى ئىزدەپ كەلسە ئاشۇ يىللاردىكى ئۆزۈم تارتقان قىيىنچىلىقلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ھەرقانچە ئالدىراش ئىشىم بولسىمۇ پۇرسەت چىقىرىپ ئۇلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتتە بولۇپ،توغرا يولغا يىتەكلەشنى بۇرچۇم دەپ بىلىمەن.
    سۇئال: خەلق ئېتىراپ قىلىدىغان شائىر بولۇش ئۈچۈن سىزنىڭچە قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
    جاۋاپ: شائىرلار شېئىرنى ئۆزى يېزىپ ئۆزى ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خەلق ئۈچۈن،يەنى خەلقنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يازىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. مېنىڭچە شائىرلىق قىسمىتىگە دۇچار بولغۇچى ھەربىر ھەۋەسمەن تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنسە ، تۇرمۇشنى ئاددى كۆز بىلەن ئەمەس شائىرلىق كۆزى بىلەن كۈزەتسە، كۈزىتىش ۋە ئۆگىنىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي ئۇنى تەتقىق قىلسا ، خەلقنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرى بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ ، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرسە، يازسا ئۆزگەرتسە، يەنە يازسا يەنە ئۆزگەرتسە ... قىسقىسى دائىم مەھلىيا ھالەتتە تۇرۇپ، شېئىرى تەربىيلىنىش ئىچىدە ياشىسا، چوقۇمكى خەلق ئۇنىڭغا ئۆزى ئارزۇ قىلغان شائىرلىق تاجىنى كەيگۈزمەي قالمايدۇ .
    بۇنىڭ مىسالى:ئۆزىنىڭ<<ئىز>>،<<ئويغانغان زېمىن>>ناملىق تارىخى رومانلىرى،<<قەشقەر كېچىسى>>، << يۈرەك مۇڭلىرى >>، <<تارىم بويلىرى>>،<< ئۆمۈر مەنزىللىرى>> قاتارلىق داستان ، شېئىر توپلاملىرى، ئەدەبىيات ۋە تىل تەتقىقاتىغا ئائىت سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر خەلقى قەلبىدىلا ئەمەس باشقا مىللەت خەلقلىرى قەلبىدىمۇ يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولغان، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى، ئەدىپ، يىتۈك ئالىم، تالانىتلىق يازغۇچى، ئىستىداتلىق شائىر مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ۋە <<شەرىق ناخشىسى>>،<<تىنىچلىق ناخشىسى>>، <<ۋەتېنىمنى كۈيلەيمەن>>،<< زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار>>،<<باھار ئىلھامى>>، <<يانتاق>>، <<تۆھمەت قۇربانى>> ناملىق شېئىر، داستانلار توپلاملىرى، بولۇپمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بىرى توختاۋسىز ياڭراپ كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ كېلىۋاتقان <<تۈگىمەس ناخشا>>سى بىلەن خەلق قەلبىدە پەخىرلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى، ئاتاقلىق شائىر تىيىپجان ئىلىيۇف، <<دېھقان بولماق تەس>>، <<دېھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش>>،<<دېھقان ھەيكىلى>>، <<كۆڭۈلدىكى گەپلەر>>، <<قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى>>،<<باھار>> ناملىق شېئىر،داستانلارنىڭ ئاپتورى،ئەل سۆيگەن شائىر روزى سايىت قاتارلىقلارنىڭ ئۇلۇغ خەلقىمىز تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ ۋە ھۆرمەتلىنىپ، خەلققە ئەڭ يىقىن، ئەڭ سۆيۈملىك شائىرلاردىن بولۇپ قېلىشى ھەرگىزمۇ تاساددىپىي يولۇقۇپ قالغان ئامەت بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا پۈتۈن مېھرى- مۇھەببىتىنى خەلققە ئاتاپ بارلىق زېھنى كۈچىنى، ئىجتىھاتىنى ئىشقا سېلىپ:
    ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم،
    تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.
    ۋەلېكىن، سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياھقا،
    ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ ، چېكەرسەن ئەلەم.
    - ئا.ئۆتكۈر
    شېئىر يازمىقىم ھەۋەستىن ئەمەس،
    مەن ئۈچۈن شېئىر ۋىجدان ئىشى بەس.
    پىكىر-يۈرىكىم، مىسرالار- تومۇر،
    ھەرىپلەر- قېنىم ۋەزىنلەر- نەپەس.
    - ت.ئىلىيۇف
    ئەل- ۋەتەننى ئويلاپ دېدىم نېمە دېسەم،
    ئېيىتقانلىرىم ۋىجدان سۆزى- ئەھدۇ- قەسەم،
    لەۋزىم ھالال،قەسىمىمگە كېپىل ئۆزەم،
    قانداق ئەرمەن<<كۆك يېقىلسا مانتا يىسەم!>>،
    ئويلاپ دېدىم،سۆزلىمىدىم قارىسىغا!...
    - روزى سايىت
    دېگەن ئەقىدە بويىچە قەلەم تۇتۇپ خەلقنى كۈيلىگەنلىگى، خەلق شادلانغانغا شادلىنىپ، خەلق قايغۇرغانغا قايغۇرغانلىغى، خەلق ئارىسىغا بولۇپمۇ ئاددى ئادەملەر ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ۋە ئۇلارغا مۇھەببەت باغلاپ، كەمتەرلىك بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگەنگەنلىگىدىن... ئومومەن بۇ شائىرلىرىمىزنىڭ خەلق بىلەن ئورتاق تىل تاپقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا ئىجات قىلىشتا ھەربىر مىسرا ئۈستىدە زىرىكمەي- تىرىكمەي ئىزدىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەپ، خەلققە يېقىشلىق ئەسەرلەرنى ئىجات قىلىپ، كىشىلەرگە يورۇغلۇق بېرىش مىنۇتلىرىدا كۆيۈپ تۈگىگەن شامغا ئوخشاش ئېقىپ پۈتكەنلىگىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىغىمىز لازىم، ئەلبەتتە.
    سۇئال: بەزى كىشىلەر ھازىرمۇ شېئىرلارنى ئەنئەنىۋى شېئىر،گۇڭگا شېئىر دەپ ئايرىپ يۈرىدىكەن. سىزنىڭچە گۇڭگا شېئىرلار ھازىرمۇ بارمۇ؟ ئۇ شېئىرلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا سەلبى تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟ سىزمۇ گۇڭگا شېئىر يېزىپ باققانمۇ؟
    جاۋاپ: مەن شېئىرلارنى ئۇنداق تۈرلەرگە ئايرىپ يۈرۈشنى خالىمايمەن. چۈنكى شېئىر ئەزەلدىن <<گۇڭگا>> بولىدۇ دەپ قارايمەن. بۇ ھەقتە جاھان نەسىرچىلىرىنىڭ ئاتاقلىق پىشىۋاسى، لىۋاننىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى جېبران خېلىل جېبرانمۇ<<شېئىر ئىپادە قىلنىدىغان پىكىر ئەمەس، بەلكى يارا ئېغىزىدىن ياكى كۈلكە ئېغىزىدىن ئۇرغۇپ چىققان ناخشىدۇر>> دېگەن ئىدى. مەسىلەن:
    ئاھ ئۇرارمەن،ئاھ ئۇرارمەن،
    ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى.
    كۆز يېشىم دەريا بولۇپ،
    بىلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.
    دېگەن خەلق قوشېقىنى كىم گۇڭگا ئەمەس دېيەلەيدۇ.
    سۇئال: <<ئىلھامغا باي كېچىلەر>> تىمېسى ئاستىدىكى بىر تۈركۈم شېئىرلىرىڭىز 6- نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئىكەن. شۇ يىغىن جەريانىدا بىر مۇنچە تەۋەررۈك شائىر،يازغۇچىلىرىمىز بىلەن دىدارلىشىپ، غەنىمەت دەملەرنى شۇلار بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارغا چۆمۈلگەن ئىكەنسىز، كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيەت داۋامىدا ئۇلارنىڭ سىزگە قايسى تەرەپلىرى بەكرەك تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارايسىز؟
    جاۋاپ:<<تارىم>>ژۇرنىلىنىڭ 1994-يىللىق 4-سانىدا ئىلان قىلىنغان<<ئىلھامغا باي كېچىلەر>> ماۋزۇسى ئاستىدىكى بىر گۇرۇپپا شېئىرىمنىڭ 6-نۆۋەتلىك<<شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى>> غا، <<يېڭى قاشتېشى>> ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان<<ئەقىدە ئىگىلسە، يۈرىكىم كۆيۈك>> تېما ئاستىدىكى بىر گۇرۇپپا شېئىرىمنىڭ 15-نۆۋەتلىك<<شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى>> غا ئىرىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن غولجىدا چاقىرىلغان <<شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى>> نى تارقىتىش ۋە 2-قېتىملىق يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا قاتنىشىش جەريانىدا، نادىر ئەسەرلىرى بىلەن مېنىڭ قەلبىمدە يۈكسەك ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان پىشقەدەم يازغۇچى،شائىرلاردىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، تۇرغۇن ئالماس، مەتتۇرسۇن باھاۋىدۇن، مەمتىمىن ھوشۇر، مامۇت زايىت، ئوسمانجان ساۋۇت، قۇربان بارات، مۇھەممەدجان راشىدىن، شۈكۈر يالقىن، مۇھەممەدجان سادىق، مۇھەممەد شاۋۇدۇن، توختاش بەكرى، جالالىدىن بەھرام،مويدىن سايىت. ياش ۋە ئوتتۇرا ياش يازغۇچى،شائىرلاردىن مۇھەممەد باغراش، پەخىردىن مۇسا، قاسىم سىدىق، ئابلەت ئابدۇللا،ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن،شاكىرجان ئېلاجى، بەگمەت يۈسۈپ، ئابدۇۋايىت ئوسمان، توختى نەمتۇللا، ئەدەبىي تەنقىدچى مۇھەممەد پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، تىلشۇناس مەمتىمىن يۈسۈپ قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىش، تونۇشۇش، ھەمسۆھبەت بولۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن ئىدىم. ئاشۇ ئىككى قېتىملىق مۇھاكىمە ۋە سۆھبەتلەر جەريانىدا ئۇلار تىلىدىن شىپاھلىق يامغۇردەك تامچىلاپ تۇرغان: <<رەسسام بويېقى بىلەن، سازەندە بارمىقى بىلەن،شائىر خىيال بايلىقى بىلەن سەنئەتكاردۇر. _ئا.ئۆتكۈر>>،<<ھۆنەر تەكرارلىنىدىغان ئەمگەك شۇڭا ئۇنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ. ئەمما سەنئەت(ئەدەبىيات) تەكرارلانمايدىغان،يەنى يېڭىدىن- يېڭى خۇسۇسىيەتلەر بىلەن ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان ئەمگەك بولغاچقا شاگىرت قوبۇل قىلىپ ئۆگەتكىلى بولمايدۇ . _ م. ھوشۇر>> ، <<شائىر ئۆز خەلقىدىن ئالغىنىنى يەنە ئۆز خەلقىگە قايتۇرىدىغان قەرىزدار. _م.راشىدىن>>، <<ئۆزىنى- ئۆزى ئىزاھلىيالمىغان شېئىرىيەت-ئۆزىنى يوقاتقان شېئىرىيەتتۇر. _ قاسىم سىدىق>> دېگەنگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئائىت ۋەزنى ئېغىر،كىشىنىڭ كۆڭۈل باغلىرىنى سۇغىرىپ ياشناتقۇچى ھېكمەتلىك سۆزلىرى،ئەخلاقى پەزىلىتى، يۈرۈش- تۇرۇشتىكى سالماق ھەرىكەتلىرى، گەپ- سۆزلىرىدىكى سىپايىلىق مېنىڭ كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىمدا ماڭا ئەينەكلىك رولىنى ئۆتەپ،مەن ئۈچۈن ھەردەم ئەقىل بۇلىقى بولۇپ كەلدى. ھازىر مەن ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق ئېسىل پەزىلىتىنى ئەسلىگېنىمدە ئاشۇ پىشىۋالىرىمىزنىڭ ئالدى ئوندىن ئارتۇق، كەينىمۇ بىرەر، ئىككى پارچىدىن توپلام چىقىرىپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى نەزىرىدىلا ئەمەس، باشقا مىللەت ئوقۇرمەنلىرى قەلبىدىمۇ تىگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان ئەدبلەر تۇرۇپ ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك كەمتەر، سەمىمىيلىكى مېنى ئاتاقلىق شائىر تىيىپجان ئىلىيۇفنىڭ:
    ئېگىلىدىكەن ئالماشاخلىرى،
    مېۋىسى قانچە ئوخشىغانسىرى.
    كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق،
    سەتلىشىدىكەن غادايغانسىرى.
    دېگەن رۇبائىيسىنىڭ مەنا چوڭقۇرلىقىغا تاشلايدۇ.





    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.بلوگىڭىزغا ناھايىتى ياخشى تېمىلارنى يوللاپسىز.بىراق ئۇيغۇرچە نورمال كۆرسىتىشتە،تەرجىمە قىلىشتا نۇرغۇن مەسىلىلەر باركەن. ئاتكاچىلىق بولسىمۇ سىزگە ياردەم كېرەك بولسا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلاي.مەن ياساشنى ئانچە-مۇنچە ئۇقساممۇ ،يېزىقچىلىققا ئېپىم يوق.خالىسىڭىز ھەمكارلىشايلى.ئىش بولسا غايە بلوگىغا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.ئادرىسى: http://ghaye.blogbus.com