-
بۇ لايىھىنىڭ ئېلىپبە جەدۋېلى
ئىلمىيلىك جەھەتتە:
بۇ لايىھىدە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپ بەلگىلەشتىكى ئاساسىي پرىنسىپى بولغان بىر ھەرپ بىر تاۋۇشنى ئىپادىلەش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
تېخنىكىلىق جەھەتتە:
1) بۇ لايىھىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى 32 ھەرپنىڭ 29 ى كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇبكا تاختىسىدىكى 25 لاتىن ھەرپى بىلەن ئىپادىلىنىپ، قالغان ئۈچ ھەرپ (ئۆ، ئۈ، ئې، يەنى Ëë, Üü, Öö) لاتىن ھەرپلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىن تاللاندى.
2) بۇ لايىھىدىكى «ئا، ئە، ب، پ، ت، ج، چ، خ، د، ر، ز، س، ش، غ، ف، ق، ك، گ، ڭ، ل، م، ن، ھ، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ۋ، ئې، ئى، ي» قاتارلىق 31 تاۋۇشنى
«Aa, Ee,Bb, Pp, Tt, Jj, CH ch, Xx,Dd, Rr, Zz, Ss, SHsh, GHgh, Ff, Qq, Kk, Gg, NGng, Ll, Mm, Nn, Hh, Oo, Uu, Öö,Üü, Ww, Ëë, Ii, Yy»
قاتارلىق لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادە قىلىش خەلقئارادىكى كۆپ تىللاردا بىرقەدەر قېلىپلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولغاچقا، بۇ ھەرپلەر بىلەن يۇقىرىقى تاۋۇشلار ئىپادە قىلىندى. بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ لاتىن يېزىقىنى قوللىنىدىغان باشقا تىللارنى ئۆگىنىشىمىزگە، باشقىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىگە مەلۇم جەھەتتىن ياردىمى بولىدۇ.
3) «چ» بىلەن «غ» تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدا نىسبەتەن كۆپ قوللىنىدىغان تاۋۇش بولسىمۇ، «چ» تاۋۇشى ئۈچۈن »CH,ch» قوشما ھەرپى، «غ» تاۋۇشى ئۈچۈن «GH,gh قوشما ھەرپى ياسالدى. چۈنكى« يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلىگەندە، «چ» »ۋە «غ» تاۋۇشلرىنى CH,ch» ۋە «GH,gh قوشما ھەرپى بىلەن ئىپادە قىلىشقا ئادەتلەندى.« ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارادىمۇ يۇقىرىقى بەلگە بىلەن بۇ ئىككى تاۋۇشنى ئىپادە قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئادەت كۈچىگە ھۆرمەت قىلغان ۋە خەلقئارا بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان ئاساستا مۇشۇ قوشما ھەرپلەرنى تاللىدۇق.
4) بۇ لايىھىدە «ژ» ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپى ئۈچۈن «ZH,zh« قوشما ھەرپى ياسالدى. چۈنكى «ژ» ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىلىدىغان ھەرپ بولغاچقا، ئۇنىڭغا قوشما ھەرپ ياسالسا، ئىملا ۋە تەلەپپۇزدا باشقا ھەرپلەر بىلەن توقۇنۇشمايدۇ.
5) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئۆ، ئۈ، ئې» ھەرپلىرى ئۈچۈن لاتىن ھەرپلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىن «Ëë, Üü, Öö» ھەرپلىرىنى تاللىدۇق. چۈنكى خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيىدە ۋە باشقا بەزى يېزىقلاردا بۇ ھەرپلەر بىلەن يۇقىرىقى تاۋۇشلارنى ئىپادىلەش ئادەت بولغان.
بۇ لايىھىدىن ئۆرنەكYëqinda, bir zhurnaldin ëlimizning melum bir ölkiside yüz bergen ajayip tesirlik bir hëkayini oqup, ümidning adem üchün hemmidin muhim orunda turidighanliqini hës qilghandek boldum .
Aldinqi esirning 70-yillirida ëlimizning melum ölkisidiki chet, taghliq bir bazarda bir dëhqan ghelite bir xil këselge giriptar bolup qaptu. Dëhqanning kësilige nahiye we bazardiki doxturlar hëch amal qilalmaptu. CHünki, ular ezeldin bundaq këselni uchritip baqmighaniken, shuning bilen dëhqan ölkilik dohturxanigha bëriptu. Doxturlar uning kësilini tekshürüp körgendin këyin intayin heyran qaptu. CHünki, uning kësili az uchraydighan kësellik iken. Uni chet’eldin import qilin’ghan bir xil dora bilenla dawalighili bolidiken, lëkin tüp yiltizidin yoqatqili bolmaydiken, uning üstige bu xil këselge giriptar bolghan kishi köp bolghanda aran bir yërim yilla yashiyalaydiken. Tëximu epsuslinarliq yëri, bu dëhqan ölkilik dohturhanigha ketkende, uning yurtida yene alte adem bu xil këselge giriptar bolghan iken. Ularning hemmisi ghurbetchilikte kün ötküzidiken, hetta ölke merkizige bërishqa këtidighan yol kirasighimu chiqinalmaydiken历史上的今天:
ئۇيغۇرچە تور دىسكىسى ھەقسىز ئىشلىتىڭ 2009/12/01ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ يېزىقىنى لاتىنچىدە ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ4 2009/12/01ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ يېزىقىنى لاتىنچىدە ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ2 2009/12/01ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ يېزىقىنى لاتىنچىدە ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ1 2009/12/01随机文章:
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ يېزىقىنى لاتىنچىدە ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ2 2009/12/01ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۆزبېك تىلى دىئالىكتى 2009/11/18ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ئەرەب-ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ كىرمە سۆزلەر1 2009/11/18