• تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا

    ئەسەر تۈرى:تارىخ

    تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا

    ( تارىخى خاتىرە)

    مۇھەممەد ئىمىن قۇربانى(1914-1990)-1935يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەر خەلقىگە غەيرى بىر خەۋەر يىتىپ كەلدى، ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى ئىدى ، بۇيرۇقتا مۇنداق دېيىلگەنىدى:"بۇرۇن قەشقەردە ئافاق خوجىنىڭ خىلى كۆپ يەر زىمىنلىرى بار بولۇپ ، ئۇنىڭ ھەر يىللىق ھوسۇللىرىدىن ئەۋلاتلىرى بەھرىمان بولۇپ كەلگەن ،لىكىن كىيىنكى كۈنلەردە شىئەندە ياشاپ كەلگەن بىر قىسىم ئەۋلاتلىرى شىنخەي ئىنقىلابى مەزگىلىدە يول توسۇلۇپ قىلىش سەۋەبىدىن 20 نەچچە يىللىق ئاشلىقتىن بەھرىمان بولالمىغان ، ئۇلار ھازىر تېگىشلىك ھەققىنى تەلەپ قىلىپ مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلدى . تەپتىش قىلىشىمىزچە ئافاق خوجىنىڭ زىمىنلىرى قەشقەردە بولۇپ ، يىللاردىن بىرى ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قەشقەر ۋىلايتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەسەررۇپ قىلىپ كەلگەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن قەشقەردىكى ئۇيۇشما مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئالالمىغان ھەققىلىرىنى بىرىشى لازىم".... بۇيرۇققا ئۆلكە رەئىسى لى يۇڭ تەستىق سالغانىدى .بۇ بۇيرۇق قەشقەر جەمىيىتىدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى ، چۈنكى ، ئۇلارنىڭ ئالىدىغىنى يىلىغا نەچچە ئون چارەك ئاش بولۇپ ، ئون نەچچە كىشىنىڭ يىگىرمە نەچچە يىلدا ئالىدىغىنى بىر قانچە مىڭ چارەك ئاشلىقتىن ئىبارەت ئىدى .بۇ ئاشلىقلارنى ھازىر بىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، چۈنكى، بۇنچە كۆپ ئاشلىق ئۇيۇشمىنىڭ ئامبىرىدا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . يىللاردىن بىرى ئافاق خوجىنىڭ نامىدىكى ۋەخپە زىمىنلار ھەر كىم- ھەر كىملەرنىڭ ئىلكىدە بولۇپ چىققان ھوسۇلنى ئەنە شۇلار ئىشلىتىپ كەلگەن ، ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يوق ، بار بولغاندىمۇ ئۇلار ئۆز ۋاختىدا ئېشلىتىپ كەتكەن ، كشىلەر يەپ‏-ئېچىپ تۈگەتكەن بۇنچە كۆپ ئاشلىقنى ئۇيۇشمىنىڭ قايتۇرۇپ بىرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بۇ ۋەخپە زېمىننى يىقىندىن بىرى ئۇيۇشما ئىگىلىگەن بولسىمۇ ، ئۇيۇشما تەمىنلەپ كىلىۋاتقان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، دارىلئاجىز ، دارىلتام ، قېرى-چۆرى ، مېيىپ ، يىتىملارنىڭ خىراجەتلىرى ئەنە شۇ يەرلەرنىڭ كىرىمىدن بىرىلىپ كىلىۋاتاتتى ۋە بۇندىن كىيىنمۇ يىتىم-يىسىرلارغا ئەنە شۇ كىرىمدىن تەمىنلەشكە توغرا كىلەتتى .مانا شۇ سەۋەپتىن قەشقەر جەمىيىتى بۇ ھەق تەلەپ داۋاسىنى رەت قىلدى . بۇ رەت قىلىش ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى ،"قايتۇرۇش كىرەك"دىگەن بىسىم كۈچەيگەنىدى . "ئۇيغۇر ئىلىدە زادى ئافاق خوجىنىڭ نىمىسى بار ئىدى"! دېگەن سۇئال قەشقەر خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى ئىدى .ئافاق خوجىنىڭ ھەق تەلەپ داۋاسى رەت قىلىنغاندىن كىيىن بۇ ھەقتە قەشقەردە چىقىدىغان "يېڭى ھايات" گېزىتى ئافاق خوجىنىڭ تەرجېمىھالى ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كۆرسەتكەن "خىزمەتلىرى" كەلتۈرۈپ بەرگەن قىرغىنچىلىقلىرى، خەلقنى ئۇزۇن يىللاپ نادانلىقتا ، خۇراپاتلىققا باشلىغان بىر "زات" ئىكەنلىكىنى ئاممىغا كەڭ تۈردە تونۇشتۇردى . زېمىن مەسىلىسىدە: ئافاق خوجىنىڭ زېمىنى ئەينى زاماندا زالىم ھۆكۈمەت بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ ، خەلققە ئالۋاڭ-ياساق سىلىپ توپلىغان زېمىن ئېكەنلىكىنى ، ھەرخىل ئالۋاڭ-ياساققا چىدىمىغان خەلق يەرلىرىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى ، ھەتتا بەزىلەر ئافاق خوجىغا يەرلىرىنى سېلىق ھىساۋىغا بىكارغا بىرىش بىلەن ئالۋاڭدىن قۇتۇلغانلىقىنى ، شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن يەرلەرنىڭ ئافاق خوجىغا مەنسۇپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ، ئافاق خوجىنىڭ مال-مۈلىكى جۈملىدىن يەر-زېمىنلىرى خەلقتىن تارتىۋىلىش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ، ئۇنىڭ بۇ زىمىندا مىراسى يوقلۇقىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇردى، بۇنى چۈشەنگەن خەلق:يەر-يەرلىكنىڭ ، نىمە ھەققى بار ياقا يۇرتلۇقنىڭ ، دىگەن "پەتىۋا"نى چىقىرىپ ئافاق خوجىنىڭ ئەۋلادىغا ھېچنىمە بەرمەيمىز ، دىيىشتى . بۇ ئىش ئافاق خوجا تەرەپدارلىرى بولغان بىر تۈكۈم ھوقوقدارلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتماي تۇرالمىدى . قەشقەردىكى ئافاق خوجىنى "پەيغەمبەر ئەۋلادى" دەيدىغان شۇم ئىغىزلار "غوجامنىڭ زېمىنىنى قايتۇرۇش كىرەك " دەپ جار سىلىپ ، مەخپى ھالدا ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇپ قەشقەردىكى -ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنى تاقىۋىتىشنى ياكى ئۇنىڭ ھېساۋاتىنى تەكشۈرۈشنى ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆتكۈزىۋىلىپ باشقۇرىشىنى تەلەپ قىلىشىپ ، ھەق تەلەپ داۋاسىنى ئاشكارا قوللىدى . قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى بۇ مىراس ئېتراپ قىلىنغاندا ، ئۇيۇشما تەمىنلەيدىغان يىتىم-يىسىرلەر ،ئىگە-چاقىسىز قالىدىغانلىقى توغۇرلۇق قايتا-قايتا ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ ، مىراسخورلارنى يۆلەشنى ئاساس قىلغان ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى ئۇيۇشمىنىڭ مالىيىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرىمىز ياكى ئۆتكۈزۈپ ئالىمىز ، دەپ بىسىم قىلغان بولسمۇ بۇ داۋا بىر يىلغىچە سۆرۈلۈپ كەتتى .ئاخىرى ئۈرۈمچى "شىنجاڭ گىزىتى" باش مۇھەررىرى مەنسۇر ئەپەندى )ۋەتەن ئوغلى( باشچىلىقىدىكى ھېساب تەكشۈرۈش كومىسسىيىسى قەشقەرگە ئەۋەتىلدى . لېكىن .ئۇلار قارشىلىققا ئۇچرىدى زورلۇق كۈچ قوللۇنۇش خەۋپى تۇغۇلغاندا ، بىر نەچچە قىتىم ئېچىلغان مەجلىسلەردە قەشقەرنىڭ قازىسى ، ئۆلىما ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈۋالغانلىقى ھەممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى . ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن تەكشۈرۈش كومىسسىيىسى تەرىپىدىن تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغانلىقتىن ، ئەمدى قەشقەر خەلقى ئالدىدا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كىرەكمۇ قانداق؟-دېگەن سۇئال تۇغۇلدى . خەلقنىڭ قان تەرىگە كەلگەن بۇ مەبلەغلەرنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى ھېچكىم خالىمايتتى . بۇ ھەقتە ھەيئەت تەشكىل قىلىندى ، بىر قانچە قېتىملاپ يىغىنلار ئېچىلدى ، كومىسسىيىگە ئەھۋال چۈشەندۈرۈلگەن بولسىمۇ ئۇلار ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرىۋەردى ، سۈركۈلۈش كۈچەيدى ، تالاش-تارتىشلار كۆپەيدى ، ئاخىرى ئىش خەتەرلىك باسقۇچقا كىلىپ قالدى .قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن گارنىزون قوماندانى ، ئۇيغۇر ئاتلىق -6دېۋىزىيىنىڭ قوماندانى مەھمۇت موھىتى بىر ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن يىغىنغا قاتنىشىپ خەلق تەرەپتە تۇرۇپ پىكىر قىلىش قارارىغا كەلدى: -ئەپەندىلەر- دىدى ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ -سىلەر ئۇيۇشمىمىزدىن راستىنلا ھېساب ئالامسىلەر؟ ئۇيۇشمىمىز مالىيىسىدىكى توپلانغان بارلىق مەبلەغ پۈتۈنلەي خەلقنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن بىرىلگەن ئۆشرە-زاكات ، ئىئانە ، مازار ۋە ۋەخپە كىرىمى قاتارلىقلاردىن كەلگەن . ئۇيۇشمىمىز بۇ كىرىم بىلەن نەچچە يۈزلىگەن قىرى ، مىيىپ ، ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرنى ئاساس قىلغان دارىلئاجىزنى ، نەچچە يۈزلىگەن يىتىمنى ئاساس قىلغان دارىلېتاملارنى باقىدۇ ، ئۇلارنى ئوقۇتىدۇ ، تەربىيلەيدۇ ، شەھەر ئەتراپىدىكى نەچچە يۈزلىگەن مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بۇ كىرىملەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ ، بۇ ھەقتە نەچچە قىتىملاپ چۈشۈندۈرسەك قۇلاق سالمىدىڭلار ،سىلەرنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ، جەمىيەتنىڭ ئۈمىدى ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئۈمىدى بولغان ياش غۇنچىلارغا ،ئاجىزلارغا سەرپ قىلىنىدىغان بۇ مەبلەغنى ئاشۇ مىراسخورلارغا ئەپ بىرىشىڭلارغا قەتئى قارشى تۇرىمەن " ،قەتئى قارشى تۇرىمەن . ئۇ يىغىندا سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرىۋالغان قازى رەئىس كاتتا ئۆلىما ئابدۇغوپۇر داموللىغا نەپرەت كۆزى بىلەن قارىدى-دە پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتتى -: سىلەر يەنە ھېساپ ئالامسىلەر ،ئەگەر يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار ھىسابنى مانا مۇشۇ بىرىدۇ !!!....مەھمۇت موھىتى بەتلەنگەن تاپانجىنى غەزەپ بىلەن شىرە ئۈستىگە تاشلىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى . ئۇ ئۆز ئىرادىسىدىن ۋاز كىچىپ مەجلىس زالىدىن چىقىپ كېتىۋاتقان "ھېسابچىلارغا" مەغرۇرلۇق بىلەن قاراپ تۇراتتى .مەھمۇت سىجاڭىنىڭ بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارلىشىشى ۋە خەلق تەرەپتە تۇرۇپ ھەققانىيەتنى ياقىلىشى ،كەڭ خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ، ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئۇيۇشما مالىيىسىدە ۋەقپىنى تۆلىگۈدەك ئىقتىساد بولمىغانلىقتىن تەپتىش كومىسسىيىسى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتتى. كىيىنكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا بۇ داۋامۇ بىسىلىپ قالدى