فۇرقەت ۋە ئۇنىڭ "سەيدىڭ قويابەر سەيياد" مۇسەددەسى توغىرىسىد
يوللانغان ۋاقتى:11-01-2014
مەنبە: 未知
مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
فۇرقەت ۋە ئۇنىڭ سەيدىڭ قويابەر سەيياد مۇسەددەسى توغىرىسىدا تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر شائىر فۇرقەت 1858- يىلى قوقەندە تۇغۇلغان.
فۇرقەت ۋە ئۇنىڭ "سەيدىڭ قويابەر سەيياد" مۇسەددەسى توغىرىسىدا
تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر
شائىر فۇرقەت 1858- يىلى قوقەندە تۇغۇلغان. 1889- يىلى تاشكەنتكە كېلىپ ئىككى يىل ياشىغاندىن كېيىن 1891- يىلى سەمەرقەنت ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن. تۈ*ركىيە، يۇنانىستان، بولغارىيە، مىسىر قاتارلىق ئەللەردە بولۇپ، كېيىن ئەرەبىستان، ھېندۇستانلارغا بارغان. 1892- يىلى ياز پەسلىدە كەشمىر ئارقىلىق يەكەنگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ كەشمىردە يېڭىسارلىق "ھەيرانى" تەخەللۇسلۇق شائىر موللا سەئىدۇللا بىلەن تونۇشۇپ، يېقىن بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالغان. كەشمىردىن يەكەن دىيارىغا قاراپ ماڭغان سەپىرى ئۈستىدە شائىر موللا سەئىدۇللانىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىپ سەرگەردانلىقتا ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرى، بولۇپمۇ ئەينى زامان زوراۋانلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇنلۇقتا تارتقان كۈلپەتلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ تۇتقۇنلۇقتىكى بىچارە ھالىنى سۈرەتلەپ "سەيدىڭ قويابەر سەيياد" ناملىق مۇسەددەسىنى يازغان ۋە بىللە ئوقۇشۇپ، زامان زوراۋانلىرى ئۈستىدىكى شىكايەتلىرىنى بىلدۈرۈشكەن. ئەينى ۋاقىتنىڭ رىئال تۇرمۇش كارتىنىسى ماھىرلىق بىلەن سىزىپ بېرىلگەن بۇ مۇسەددەس خاتىرىدىن- خاتىرىگە ئۆتۈپ- تېزلا تارقاپ، مەشھۇر ئەسەرگە ئايلانغان.
شائىر فۇرقەت يەكەندە 17 يىل ياشاش جەريانىدا نۇرغۇن شېئىرى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغاندىن باشقا 1897- يىلى "پىسەئى ئەخبار" (ئالا- چىپار خەۋەرلەر)، 1899- يىلى "ياقۇپبەگ مەرھۇمنىڭ قولىغا چۈشكەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەھۋالاتى خۇسۇسىدا"، "قەشقەر ۋىلايىتىدىكى سارىتە خەلقلىرىنىڭ زىندەگانچىلىق (تىرىكچىلىك) ئەھۋالاتلىرى خۇسۇسىدا"، ناملىق ئىجتىمائى ھاياتقا دائىر ئوبزۇرلىرى، 1905- يىلى "ھېند نەيرەڭبازى ياركەنتتە" ناملىق فىليەتۇنى، 1906- يىلى "قەۋائىدى چىن ۋە ئۇمۇراتى سىياسى" (جۇڭگۇنىڭ قائىدە- يۇسۇنلىرى ۋە سىياسى ھايات) ناملىق ئىلمى ئەسىرى، 1905- يىلى"ئىلمى ئەشئارنىڭ قائىيدەئى ئەۋزانى" (شېئىرىيەت ئىلمىنىڭ قائىدە- مېزانلىرى) ناملىق ئىلمى ئەسىرى، "توي تەۋسىپى"، "ئەزا تەۋسىپى"، "گەپ تەۋسىپى" قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يازدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىندى. شائىر قەدىمى ياركەنت دىيارىدا 17 ييل ياشاپ 1909- يىلى 9- ئايدا شۇ يەردە ۋاپات بولدى.
تۆۋەندە "سەيدىڭ قويابەر سەيياد" نىڭ تولۇق ۋە توغرا تېكىستى (ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا) ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.
سەيدىڭ قويابەر سەيياد سەييارە ئىكەن مەندەك،
ئال دامىنى بوينىدىن بىچارە ئىكەن مەندەك،
ئۆز يارىنى تابماسدىن ئەۋۋارە ئىكەن مەندەك،
ئىقبالى نەگۈن بەختى ھەم قارە ئىكەن مەندەك،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى- باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك.
كەس رېشتەنىكىم قىلسۇن چەففەكلەر ئاتىب جەستە،
ھەجرىدە ئەلەم تارتىب بولدى جىگەرى خەستە،
تاغلارغە چىقىب بولسۇن يارى بىلە پەيۋەستە،
كىم قويمە بەلا دامى بىرلە ئانى پابەستە،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك.
بەش كۈن سېنىڭ دەۋرىڭدە بىچارە خىرام ئەتسۇن،
ئاھۇلەر ئىلە ئويناپ ئەيشىنى مۇدام ئەتسۇن،
يامغۇر سۈيى تولغەندە تاغ لالەنى جام ئەتسۇن،
ھەققىڭغە دۇئا ئەيلەب ئۆمرىنى تەمام ئەتسۇن،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك.
سەرگەشتە بۇ ۋادىيدە بىر باشىغە رەھىم ئەتكىل،
يوق تاقەتى بەندىڭگە بەرداشىغە رەھىم ئەتكىل،
يىغلاب سەڭا تىرمۇلۇر كۆز ياشىغە رەھىم ئەتكىل،
رەھىم ئەتمەسەڭ ئۆزىغە يولداشىغە رەھىم ئەتكىل،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك.
تاغدە ئاچىلىپ لالە يەر سەبزە بەھار ئولسە،
ئەخىر بۇ نېچۈك بىداد ئالەم ئەڭا تار ئولسە،
چىقماي دېسە جايىدىن ئۆزلەتتە فىگار ئولسە،
گەر چىقسە بەناگاھى دامىڭغە دۇچار ئولسە،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك.
بىچارەنى زۇلم ئەيلەپ قول بوينىنى باغلابسەن،
ھەر سارى چىگىب، سۆدرەب، ئۆلدۈرگەلى چاغلەپسەن،
كۆكسىنى جەفا بىرلە لالە كەبى داغلەبسەن،
سات مەڭا ئگەر قەسدىڭ ئالغۇچى سوراغلەبسەن،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى-باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك.
يوق ھۇشى پەرى تەككەن دىۋانەگە ئوخشايدۇر،
كۆز ياشى يەنە تولغان پەيمانەگە ئوخشايدۇر،
غەم سەلى بىلەن كۆڭلى ۋەيرانەگە ئوخشايدۇر،
فۇرقەتدە بۇ سەئىدىللا "ھەيرانە" گە ئوخشايدۇر،
ھېجران ئوقىدىن جىسمى كۆپ يارە ئىكەن مەندەك،
كۆيگەن جىگەرى- باغرى سەد پارە ئىكەن مەندەك."
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------