«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى 2014-يىللىق خىزمەت پىلانى بويىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ تەستىقىغا ئاساسەن، ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەش؛ پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت فاڭجېنى ۋە نۆۋەتتىكى ئىجادىيەت ئاساسىي ملودىيەسىنى تەشۋىق قىلىش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش؛ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىدىغان، دەۋر روھىغا باي نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە «<تارىم> ژۇرنىلى نەشرىياتى 2014-يىللىق ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى» ئاچتى. يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى شائىرلار بولۇپ 150گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. يىغىنغا ئاتاقلىق شائىر، «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال رىياسەتچىلىك قىلدى. تۆۋەندە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەپسىلىي فىلىم خاتىرىسى بېرىلدى. فىلىمنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن بىرقانچە بۆلەك بويىچە يوللاندى. بىرىنچى قىسىم ئىككىنچى قىسىم ئۈچىنچى قىسىم تۆتىنچى قىسىم بەشىنچى قىسىم |