«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچىدە «تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى 2012-يىللىق ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى» ۋە «شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىپ، ژۇرنالنىڭ 2011-يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى، 2012-يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۆزىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ژۇرنالنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ئابدۇكېرىم راھمان قاتارلىق 13نەپەر مۇنەۋۋەر ئەدىبنى ھەم 2نەپەر مۇنەۋۋەر مۇھەررىرنى مۇكاپاتلىدى. تۆۋەندىكىسى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «سەنئەت گۈلزارى» پروگراممىسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن زىيارەت خاتىرىسى. «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى |