خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن تاللانما(2)

يوللانغان ۋاقتى:25-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى ، ئۇنى ماڭا بەرگەن يار ئىدى ، قىلىچىمدىن ئايرىلار بولدۇم ، نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەم

قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى ،
ئۇنى ماڭا بەرگەن يار ئىدى ،
قىلىچىمدىن ئايرىلار بولدۇم ،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .

يات قىلىچلار قانىغا زار ئەمدى ،
يات قىلىچتىن قانىم خار ئەمدى .
باشقىلارغا يار بولدى ئۇ قىز ،
قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى .

بولدى يېتەر تەلمۈرمەڭ ئايغا

بولدى يېتەر تەلمۈرمەڭ ئايغا ،
ھە،بىلىمەن ئاي بەكمۇ گۈزەل،
تويۇپ بولماس بۇنداق چىرايغا.

يېتەر ئەمدى تەلمۈرمەڭ كۆككە ،
گەرچە قىزغۇچ يۇلتۇزلار،
سىرداش كەبى بولسىمۇ يۈرەككە .

بولدى دىمەڭ، ئۇ ھىلال پاتار ،
ئۇ كىشنىگەن ساپ-سېرىق تۇلپار،
تۇمانلاردەك يېيىلىپ ياتار .

يەرگە قاراڭ خۇددى شۇ چاغدا ،
يۇلتۇزلاردەك يۇمران مايسىلار ،
باش كۆتۈرۈپ ئۈنۈپ چىقماقتا .

دېرزىنىڭ پەردىسدىكى قارنى

دېرىزنىڭ پەردىسدىكى قارنى ،
كۈزىتىدۇ تۆۋەندىكى گۈل.
تاشقىرىدا ياققان چاغدا قار،
ئۆيدە كىتاپ ئوقۇغىن ماقۇل .

تاشقىرىدا ياققان چاغدا قار ،
بۇ ئوي سۈرۈپ ئېڭرىماق دىمەك.
ۋە چىراغنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ ،
ئاپئاق شامنى ياندۇرماق كېرەك .

تاشقىرىدا ياققان چاغدا قار ،
كوچىدىكى چىراغدەك پارلاپ .
قانداق ياخشى مەيۈس ،بەختىيار ،
قىز كېلىشنى ئولتۇرساڭ پايلاپ .

قانداق ياخشى كۈزەتسەڭ تۇيۇپ،
تاشقرىدا ياققان ئاق قارنى .
ھېچ بولمىسا ئالدىڭغا قويۇپ ،
ئۆتكۈر شاراپ ،بىر بۇردا ناننى .

بىراق نىچۈن چىدىماس يۈرەك ،
كىينىمەن ئاستا بىمادار .
قىيىن ئىكەن ئۆيدە ئولتۇرماق ،
تاشقرىدا ياققان چاغدا قار .

ئادەملەر

بۇ ئادەملەر ھەسرەتكە تولۇپ ،
قانداق ئويلار سۈرۈپ ماڭىدۇ ؟
تاڭنى ئېلىپ كەلمەكچى بولۇپ ،
تۈن قوينىدا يۈرۈپ ماڭىدۇ ؟

بۇ ئادەملەر يۈرىكى كۆيۈپ ،
قاي مەنزىلنى كۆزلەپ ماڭىدۇ ؟
ئۇلار ئاسان يوللارنى قويۇپ ،
-خەلقىم دەيدۇ ،بوزلاپ ماڭىدۇ .

بۇ ئادەملەر كۆكسى-بوغۇزدىن،
كۆزلىرىدىن نىچۈن ئاقار قان ؟
بۇ ئادەملەر تۆككەن قانلاردىن ،
تۈن قوينىدا كۆكۈرىدۇ تاڭ !

مىرتىمىر خاتىرىسگە
-مىرتىمىر ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى

شەھەر ئۆزرە يېغىۋاتىدۇ قار ،
تۇيار ئىدۇق سوغۇق تەپتىنى .
ئۇزاقلاردا كەزمەكتە باھار ،
بىز يوقۇتۇپ قويغاندا سېنى .

يىغىلاشتۇق ،جىددى ۋە مەھزۇن ،
كۆپەيمەكتە سەزدىم دوسىتلارنى .
كۈي ئاقماقتا غەم كەبى ئۇزۇن ،
قوزغاتقانچە دىلدىن ھېسلارنى .

دەپىنىدىن قايىتتۇق مۈكچۈيۈپ،
ئېزەر ئىدى كۆرۈنمەس تاۋۇت.
قار سۈيىدە يۈزلەرنى يۇيۇپ ،
شىۋىرلىدۇق" يۈرەك ئەستە تۇت''

شەھەر ئۆزرە يېغىۋاتىدۇ قار ،
تۇيار ئىدۇق سوغۇق تەپتىنى .
ئۇزاقلاردا كەزمەكتە باھار ،
بىز يوقۇتۇپ قويغاندا سېنى .

شۇندا كىمدۇر، كىم ئۇ ئەستە يوق ،
دىدى غەمكىن ئەكىنىچە باش :
-مېيىتىنى كۆتەرگەن چاغدا ،
كۆزلىرىدە كۆردۈم تامچە ياش .

ئاھ! دوسىتلىرىم يۈرەك سەزمەكتە ،
ئۇ كۈزۈتەر ئەمدى بىزلەرنى.
كۆزىدە ياش ئۇ يىغلار ئىدى ،
-قىيناپ قويدۇم دەيدۇ سىزلەرنى .

تەبەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان


تەبەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان ،
يادىمدىدۇر خەندان كۆزلىرىڭ .
كۈلۈشىڭنى ئەسلەيمەن بۇئان ،
ئۇنتۇلغاندۇر يالغان سۆزلىرىڭ .

ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىدەك قىزىل ،
ئالۋۇن ئىدى تەبەسسۇمىڭ ھەم .
-ئەي كۆزلىرى خەندان ئۇرغان قىز ،
سەندىن ماڭا قالدى پەقەت غەم .

مەن بىلىمەن ئەڭ ئاخىرقى دەملەر ،
ھالسىزلارچە ئۇزاتسام قولۇم .
سېنىڭ،سېنىڭ تەبەسسۇمىڭ ئىچرە ،
كۆزلىرىمگە باقىدۇ ئۆلۈم .

سۆز قۇشتۇر

سۆز-قۇشتۇر،
ئاۋايلا ئۇنى .
ئاۋايلا، كۆكسىڭنى سەن قىلغىن ئۇۋا .
قانىتنى سىلا، ئەركىلە،
ئۆز قېنىڭدىن ئۈچۈرگىن قۇشقا .

شېئىر-ئۇچۇۋاتقان قۇشقا ئوخشايدۇ ،
قۇياشقا تەلپۈنەر ئۇ ئۇچۇپ-ئۇچۇپ.
شېئىرنىڭ تۆت سەتىرى-
قەپەز بولمىقى،
ئاسمان بولمىقى
مۈمكىن سۆز ئۈچۈن ...

جىملىق

دەرىتلىرىمنى ئېيىتسام تۈنلىرى ،
-جىم ئولتۇرۇڭ دەيدۇ خوتۇنۇم.
ناخشا ئېيىتسام ناۋالار قىلسام ،
-جىم بولۇڭ دەپ ۋاقىرار خوشنام .
جاراڭلىسا قولۇمدا كېشەن ،
-جىم بول دەيدۇ،قەھىرلىك دۈشمەن .
گۈلزار ئارا سايىرسا بۇلبۇل ،
-جىم بول دەيدۇ سۇلغان ئەتىرگۇل .
ئۇسۇل ئويناپ، ناخشىلار ئېيىتسا ،
-جىم ئولتۇرغىنا دەيمەن بالامغا .
جىم بولساڭچۇ دەپ ۋاقىرماقتىمەن ،
دىلىمدىكى يىغا-نالەمغا .
جىملىق مېنىڭ ئۆمرۈم-ھاياتىم ،
جىملىق مېنىڭ ئاخىرقى پەريادىم .
جىملىق بىلەن چۈشكەن بەسمۇ-بەس !
پەقەت يۈرەك ،
يۈرەك جىم ئەمەس ...

مەن سۆيۈمەن

مەن سۆيۈمەن شىۋىرلار ئايال
كىرلىرىڭنى يۇيۇپ بېرىمەن.
دەزماللايمەن كۆينەكلىرىڭنى،
سېنى قۇچقان قوللىرىم بىلەن.
پەقەت بىر كۈن يېنىڭدا يېتىپ،
جىملايغانچە شىۋىرلايمەن بەس؛
يۈرىكىنىڭ ئاستىدا كىمدۇر،
خۇددى سەندەك ئالماقتا نەپەس.

ۋىدا

مەن سەندىن كەتمەك ئىستەيمەن،
يامغۇردەك ئەمەس ـ
يامغۇر يەنە قايتىپ كېلىدۇ.
شامالدەك ئەمەس ـ
شامال يەنە قايتىپ كېلىدۇ.
مەن سەندىن كەتمەك ئىستەيمەن
مۇھەببەت كەبى...


قار ياغقان ئاخشام
-رەئۇپ پەرفى شېئىرىغا نەزىرە


قار ياغقان ئاخشام،
شەھەرنى كەزسەڭ،
خىرە-شىرە كوچىلارنى كەزسەڭ.
قوللىرىڭنى يانجۇققا تىقىپ-
قار بولسا ئىرىسە لەۋلىرىڭدە جىم.
ئويلىساڭ يىراق-يىراقلاردا
قالغان كىمنىدۇر.
شۇ قارنى ئويلىساڭ قەلبىڭ ئەندىكسە.
شۇ چاغدا ئۆزۈڭ سۆيگەن قىزنى ئويلىساڭ،
شۇ چاغدا ئويلىساڭ ئاناڭنى.
قار بولسا تىنماستىن يېغىۋەرسە جىم،
جىملىقتا تىنمىسا قەدىمىڭ.
ئۆزۈڭمۇھەم قار ئۇچقۇنىدەك
سىڭىپ كەتسەڭ تۈننىڭ باغرىغا...
كىمگىدۇر يول بەرسەڭ،كىمگىدۇر سالام.






بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار