تاڭ سەھەر بلوگى قۇرۇلغىلى

 

    <<  ياخشىلىققا تەۋىسىيە (بىر ھەدىس) | باش بەت | تۇرۇكلەر ۋەئۇلارنىڭ يۇرتى ۋە كىلىپ چىقىشى.  >>
    ئېلان ئورنى
  • 2009-04-06

    «ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى شىنجاڭ» - [مـاقـالىلـەر]

    خەتكۈچ:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37551987.html


    «ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى شىنجاڭ»
    ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر


    2009-يىلى 21-مارت سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»دە «ئافغانىستاندا ئۇرۇش توختىسىلا شىنجاڭدىكى تۇرلاردىن ئىس چىقىدۇ» ماۋزۇلۇق بىر ئوبزور ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن شىياڭگاڭدا چىقىدىغان «داگوڭباۋ» گېزىتىدە يەنە «ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى شىنجاڭ» ماۋزۇلۇق بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى.


    ئامېرىكا چارلاش قىسىملىرى ئافغانىستاننىڭ مەلۇم تاغلىق رايونىدا چارلاشتا.

    بۇ ئوبزورلار ناھايىتى تىزلا «دوۋېي خەۋەرلىرى»دە كۆچۈرۈپ بېسىلدى.

    يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان ئوبزورلاردا، «ئامېرىكا (NATO)ناتو قىسىملىرىغا تەمىنات يەتكۈزۈش ئۈچۈن، جۇڭگودىن ۋاخان(پامىردا) كارىدورىنى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشى مۇقەررەر» دەپ قارالغان. شۇنداقلا، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپى جۇڭگو ئۈچۈن قانداق ئاقىۋەت كەلتۈرۈدىغانلىقى ھەققىدە تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تەھلىللەردە يەنە، ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر ھالدا ئۇيغۇرلاردا تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى سۆزلىنىپ، بۇ ئارقىلىق مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.


    ئامېرىكا جۇڭگودىن ۋاخان كارىدورىنى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشى مۇقەررەر

    سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»دە ئېلان قىلنغان «ئافغانىستاندا ئۇرۇش توختىسىلا شىنجاڭدىكى تۇرلاردىن ئىس چىقىدۇ» دېگەن ئوبزوردا تەھلىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا جۇڭگودىن ۋاخان كارىدورىنى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشى مۇقەررەر.

    ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 2001-يىلىدىكى شىددەتلىك ھۇجۇمى تالىبانلارنى قاتتىق زەخمىلەندۈردى. تالىبانلار شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا ئىراقتا ئۇرۇش قىلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قايتىدىن جانلاندى ۋە تەدرىجى ھالدا ئۇ ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قايتىدىن ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ بولدى. بۇ جەرياندا، ئافغانىستاندىكى(NATO)ناتو قىسىملىرى، بۇلتۇر بىر يىلدىلا ئىراق ئۇرۇشىدىكىدىن كۆپرەك چىقىمغا ئۇچرىدى.

    ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئوباما پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنلا، ئافغانىستانغا يەنە 17مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىشنى جاكارلىدى. بۇ چاغدا قىرغىزىستان ئامېرىكىنى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى. بۇنىڭ بىلەن (NATO)ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى 37مىڭ ئەسكىرى (بۇنىڭ 34مىڭى ئامېرىكا ئەسكىرى)گە تەمىنات يەتكۈزۈش قىيىنلاشتى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئامېرىكا ئەمدى جۇڭگودىن ۋاخان كارىدورىنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.

    ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە يەنە، گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى بىلەن جۇڭگونىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇرۇش، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى ئافغانىستان بىلەن دىن، سىياسى، جۇغراپىيە ۋە تارىخ جەھەتلەردە زىچ مۇناسىۋىتى بار خوشنا دۆلەتلەرگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى. ئەمدى ئافغانىستاندا ئۇرۇش توختىسىلا، بۇ دۆلەتلەر بىلەن زىچ چېتىشلىقى بولغان جۇڭگونىڭ «شىنجاڭدىكى تۇرلاردىن ئىس چىقىشقا باشلايدۇ.»


    ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشى جۇڭگوغا بېسىم پەيدا قىلماقتا

    ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، تارىختا ئافغانىستان قىسىملىرىنىڭ قوراللىنىش ئەھۋالى ھەر قانچە ناچار بولغاندىمۇ، ھەر قانداق چەتئەل قىسىملىرى بۇ دۆلەتنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا تۇرالىغان ئەمەس.
    1840‏-يىلى ئەنگىلىيە تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا قارشى شەرق تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغىغان بىرلا ۋاقىتتا، ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن، جۇڭگونىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئافغانىستانغا 16مىڭ ئەسكەر چىقىرىپ كابۇلنى ئىشغال قىلغان ئىدى. ئەمما، 1842‏-يىلى بۇ رايوندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندە، مۇرەككەپ تاغ يوللىرىدا ئىنتايىن ئېغىر ھالاكەتكە ئۇچرىغان.

    1979‏-يىلى 12-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاننى بېسىۋېلىش ئۈچۈن 120مىڭ ئەسكەر چىقىرىپ، 60مىڭ يەرلىك قورچاق قىسىم بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇرەككەپ تاغلاردا يەرلىك پارتىزانلارنى يېڭەلمەي، 50مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىدىن ئايرىلدى. 1989‏-يىلىغا كەلگەندە، بۇ ئۇرۇش ئاخىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۇمران بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى.

    ھازىر ئافغانىستاندا تالىبانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئامېرىكا قىسىملىرى، تەمىنات مەسىلىسىدە جىددىي ئەھۋالغا يۈزلىنىپ، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاۋاتىدۇلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى بۇنداق ئۇرۇش ۋەزىيىتى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايونلاردا، جۇڭگونىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە ئىلھام بولۇپ، جۇڭگونىڭ بۇ رايونىدا ئېغىر دەرىجىدە تۇراقسىزلىق ۋە داۋالغۇش پەيدا قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ ھازىر جۇڭگوغا كېلىۋاتقان ھەربىي بېسىم. جۇڭگو ھازىر، خۇددى ئامېرىكا-ۋېتنام ئۇرۇشى ۋە جۇڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشى ۋاقتىدا پەيدا بولغاندەك جىددىي تۇراقسىزلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.


    جۇڭگو «ۋاخان كارىدورى»نى ئامېرىكىغا ئېچىۋەتسە، ھەر ئىككى ئېھتىماللىق جۇڭگو ئۈچۈن زىيانلىق.

    شاڭگاڭدا چىقىدىغان «داگوڭباۋ» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى شىنجاڭ» ماۋزۇلۇق ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، 1885‏-يىلى، چاررۇسىيە بىلەن ئەنگىلىيە ئوتتۇرا ئاسىيانى كونترول قىلىش ئۈچۈن «پامىر رايونىدا تەسىر دائىرە بەلگىلەش كېلىشىمى» ئىمزالىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاخان كارىدورىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇشتىن خالى بولىدىغان رايونى قىلىپ كې


    收藏到:Del.icio.us




Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

ساقلانمىلىرىم