-
ھالاكەت ساندۇقى - [ئىسلام دۇنياسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38469334.html
قارىدۇق ساندۇققا سائەت-سائەتلاپ،
باسماقتا كۆڭۇلنى ھەركۈنى غەپلەت .
چىقتۇق چىكىنىپ ئسلام يولىدىن ،
شەيتان لەنىتى ئازدۇردى مىنى دەپ .شەيتاننىڭ بۇئشقا ئامالى بارمۇ ،
مۆئىمىننى توسۇشقا دەرمانى بارمۇ .
ھەركۈنى قاراشقا ئەشۇ ساندۇققا ،
ۋەياكى اللاھنىڭ پەرمانى بارمۇ .ئاللاھ بۇيرىغان بەش ۋاخ نامازدەك ،
ساندۇققا قاراشقا پەرىز بولدىمۇ .
ھەركۈنى قاراپ ئەشۇ ساندۇققا ،
ۋەياكى يەنجۇقلار پۇلغا تولدىمۇ .قاراپ ئولتۇرساق ئەشۇ ساندۇققا ،
نامازنىڭ ۋاقتى كەتتى قاياققا .
بىزنىڭ مۇشۇ ئاجىز تىنىمىز ،
چىداپ بۇلارمۇ دوزاخنىڭ ئوتىغا.ھەركۈنى قارىدۇق ئەشۇ ساندۇققا ،
سەزمەستىن ھەركۈنى چوقۇندۇق بۇتقا،
قانداقمۇ چىدار بىزنىڭ تىنىمىز .
ئاللاھ ياندۇرغان ئەشۇ چوڭ ئوتقا ،ھەربىر ئنساندا باردۇر بىر قەلىپ .
سىغماس ئۇنىڭغا ھەرخىل مۇھاببەت ،
سىغدۇرساڭ قەلبىڭگە ئبلىس شەيتاننى .
مەشھەرگاھ مەيدانىدا چىكىسەن ھەسرەت ،ساندۇققا قارىغان ئەزىز دوسلۇرۇم ،
ئاللاھنىڭ دىنىغا قايتىپ كىلىڭلار .
تاشلىنىپ قالغان قۇرئان كىتابنى ،
قايتىدىن يەنە ئوقۇپ كۆرۈڭلار .ئاللاھنىڭ بۇدىنى كەڭرىدۇر بىزگە.
بۇھايات باقى ئەمەس چەكلىكتۇر بىزگە،
كېلىڭلار دوسلۇرۇم ئسلام دىنىغا .
ئىگىمىز باشلىسۇن ئۆزىنىڭ بېغىغا ،ھىساپ ئۈچۈن ياغسا سورۇنغا،
ئازدۇرغان شەيتان كەتتى قاياققا .
گۇناھنى قىلغان ئنساننىڭ ئۆزى ،
قالدى ئاخىرى يەنا سوراققا.ساندۇققا قارىغان ئەزىز دوسلۇرۇم،
قانداق پايدا ئەپ كەلدى سىزگە.
قۇلاق سېلىپ ئاڭلايلى بىزمۇ،
ھەممىنى بىر-بىرلەپ دەپ بىرىڭ بىزگە.
كۆڭۈللەر ساندۇققا كەتمەكتە كۆنۈپ،
ھاي دىسەم نەچچىڭىز بەرماڭلەر ئۆلۈپ.
سۆزلىسەم سۆزلىرىم ياقماس قۇلاققا ،
شائىر دىگەن نام بىلەن قالدىم ئاتاققا .ئاخشاملىرى ئولتۇرساق قاراپ ساندۇققا،
سەھەرلىرى قوپماي ياتساق ياتاقتا .
قانداق جاۋاپ بىرىمىز دوسلار ،
ئىگەم اللا قىلغان سوراققا .ھەيدەپ ماڭسا بىزنى دوزاخقا ،
زابانىلار قىلىپ مالامەت .
بىز قارىغان ئەشۇ ساندۇقلار ،
قىلامدۇ بىزگە شۇچاغ شاپائەت .دوزاخ ئوتى كۆيسە گۆكىرەپ ،
يىلان،چايان كەلسە ھۆكىرەپ .
بىز قارىغان ئەشۇ ساندۇقلار ،
قىلامدۇ بىزگە شۇچاغ شاپائەت .زەققۇم دەرەخ كىرسە كانايغا،
قان- يىرىڭلار قىينايدۇ بىزنى.
بىز قارىغان ئەشۇ ساندۇقلار،
قىلامدۇ بىزگە شۇچاغ شاپائەت .سەھەر تۇرۇپ ئېلىپ تاھارەت ،
رەببىڭىزگە قىلىڭ ئىبادەت .
رازى قىلىپ رەھمان تەئەلانى ،
دوزاخ ئوتىدىن قېلىڭ سالامەت .
收藏到:Del.icio.us