تاڭ سەھەر تور خاتېرىسى قۇرۇلغىلى
    <<  بلوگداشلار كۆرۈشكە تىگىشلىك تېما | باش بەت | ھالاكەت ساندۇقى  >>

  • دەۋەتچى قېرىنداشلارغا كۆڭىلدىكى سۆزلەر - [ئىسلام دۇنياسى]

    خەتكۈچ:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38461085.html

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  ھەر ساھەدىكى دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان قېرىنداشلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ  خاتىرجەملىك ۋە پاك سالامى بولسۇن.

    مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم، قېرىنداشلارنىڭ دەۋەت ئېلىپ بېرىش  نەتىجىسىدە كۆرىنەرلىك ئۈنۈم گە ئېرىشكەن بولسىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشقان غەرىپ ئىدىيسىنىڭ تەسىردە مىللىتىمىز ئىچىدىكى كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيدىغان ياشلىرمىزنىڭ دىنىمىزگە بولغان چۈشەنچىسى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ بارماقتا.  بۇ ئادەمنى بىر ئاز ئويغا سالىدۇ. دىمىسىمۇ قېرىنداشلىرمىزنىڭ دەۋەت جەريانىدا بەزىبىر قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلار ئادەنى ھەقىقەتەن ئېچىندۈردۇ. بۇنداق مۇشكۇل يول ئالدىدا بۇنداق توسالغۇلارنىڭ بۇلىشى تەبئى ئەھۋال چۈنكى ھەقىقەت بار يەردە رەزىللىكمۇ باردە،
    ئى قېرىنداشلار!  ئىلگىركىلەرنىڭ ھەق دىن ئىسلام ئۈچۈن قانداق كۈرەش قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى.
    ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىسلامنىڭ تەرەققىياتىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ سائادىتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ئويلاپ كۈرەيلى.بەزى نادان خەلىقلەر ئۆزلىرنى ياتلارغا سېلىشتۈرۈپ، « ئىسلام» تەرەققى تېپىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلغان،دەپ بىلجىرلىشىۋاتىدۇ .  مۇنداق نادانلار ئەيىپ ۋە نۇخساننى ئۆزلىرنىڭ دىنسىزلىقىدىن كۆرسۇن. مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزغا ھاقارەت قىلىشقا قاراپ تۇرمايلى. نۇرغۇن كىشىلەر باركى ئۇلار ئۆزلىرنى مۇسۇلمان دەپ يۇرگەن بىلەن ئىسلامنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەي دىننىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغاشقىلا ھەممە كۆرگۈلۈكنى دىندىن كۆرۋاتىدۇ.ئەھلى ئىسلام ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىسلامغا بولغان ساداقىتى قەتئى سۇسلاشمىغان. ئۇلار ئىسلامغا ئوتلۇق قەلبى بىلەن قىزغىن مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەر قانداق ئىشتا ئىززەت ۋە شان-شەرەپكە ئىگە بولاتتى. كىيىنكىلەر ( بىزلەر) دىنغا بولغان ساداقىتىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويغانلىقىمىز ، ئىيمانىمىز سۇسلىشىپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن جىدەلخور،چىقىشالماسلىق،كۆرەلمەسلىك، ھەسەت قىلىش،ۋە بىر-بىرمىزگە ئورا كولاش  بىر- بىرىگە ئىشەنمەسلىكتەك ئەقىدىسىز ئىنسانلارغا ئايلىنىپ قېلىپ، قىلغان ئىشىمىز روناق تاپمايدىغان ، ياتلارنىڭ ئارقىسىدا قالىدىغان رۇدىپايلارغا ئايلىنىپ قالماقتىمىز، ھالبۇكى بۇ ئەيىپنى نادان خەلقىمىز ئسلامدىن كۆرۈپ دەۋەت ئىلىپ بېرىۋاتقان قېرىنداشلىرمىزغا تۇرلۈك توسالغۇلارنى كەلتۈرۈشنىڭ سىرتىدا
    دىنسىز خوجايىنلىرغا چېقىش ئارقىلىق ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارغا يۇلۇقتۇرماقتا.
    ئى ئسلام ئوغلانلىرى! نەزەر دائىرەڭلارنى توسىۇۋالغان غەپلەت پەردىسىنى ئېلىپ تاشلاپ ،پاك ۋە ھەق دىنىمىز ئىسلامنى ئۇمۇملاشتۇرۇش شەرپىگە ئىگە بولغان  سۈيۈملۈك يولباشچىمىز. مۇھەممەدون  رەسۇلۇللاھ ( س ئە ۋ ) ئۆز زامانىدا خەلىقنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش يۇلىدا  شۇنچە كۆپ جاپا-مۇشەققەتلەرگە چىداپ سەبر  قىلىپ، ئاخىرقى نۇسرەت ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان ئىدى بۇنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز. ئىسلامنى باشلامچىلىق بىلەن قۇبۇل قىلغان ساھابىلەرمۇ  مۇشرىكلارنىڭ مەسخىرسىگە، تۇرلۇك بېسىملىرىغا، ئازار-كۈلپەتلىرگە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس شەرىيئەت قانۇنلىرنى ئالەمگە يايغان ئىدى. تەلەپچان ۋە كۈرەشچان ئەجدادلىرمىز ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جانلىرنى پىدا قىلىپ چىقىشقان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلى- بىزنىڭ بەخىت سائادىتىمىز ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟ ھالبۇكى بىز دۇنيانىڭ قىزىقتۇرشىغا  ئالدىنىپ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئەمىر قىلغان مۇقەددەس مەجبۇريەتلەرنى بەجا كەلتۇرمەي يۈرسەك دىن دۈشمەنلىردىن ئازراق خەۋىپ كەلسىلا  دىنىمىزنى تاشلاپ بىرىشكە رازى بولساق، بۇ ھالدا قانداقمۇ مۇسۇلمان ھىساپلىنىمىز؟
    قېرىنداشلار ! بىز دەۋەتلرمىزنى پۇرسەت تاپساقلا ئادەم بار جايلاردا، ماشىنلاردا، ئاشىخانا دۇكانلاردا،ۋە ئېتىزلىقلاردا بولسىمۇ، بىر ئادەم بولسىمۇ سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ ؛ قۇرئان سۆرە ئال ئىمراننىڭ  109-ئايىتىدىكى  « ( ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! )  سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىكىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئەڭ ياخشى ئوممەتسىلەر.» دەپ سۈپەتلىگەندەك ياخشى ئۈممەت بۇلۇشقا تىرىشساق، ........ ۋە يەنە ئال ئىمران سۆرىسى104-ئايىتىدە ،« ئاراڭلارداخەيرىلىك  ئىشلارغا  دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن مەنئى قىلىدىغان،بىر جامائە بولسۇن، ئەنە شۇلار  مەخسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر»  دەيدۇ ، دىمەك بىزنى  داۋاملىق ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان  كىشلەردىن بۇلۇڭلار دىمەكچىكەن بىز توربەتلەرگىمۇ يوللاۋاتىمىز، دىمەكچىمەنكى: ئىسلامى بولمىغان توربەتلەرگىمۇ يوللاشنى داۋاملاشتۇرساق. چۈنكى ئۇ توربەتلەردە ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغان قېرىنداشلىرمىز كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. شۇلارمۇ بىلىپ قالسۇن، ...... ئىسلامى توربەتكىلا  ئىسلامى ماتىريال يوللىساق خۇددى مەسجىدنىڭ ئىچىدىلا سۆزلىگەندەك ، مەسجىدنىڭ سىرتىدا سۆزلەشنى خالىمىغاندەك بۇلۇپ قالىدىكەن،
    مەن بۇ يازمىدا كۆپ بىلجىرلاپ قويغان بولساممۇ ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر


    收藏到:Del.icio.us




ساقلانمىلىرىم