-
گوندۇراس ئارمىيە تەرەپ پايتەختنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالدى - [خەۋەر - ئۇچۇرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41711954.html
شىنخۇا تورى تېگۇسىگالپا 28 – ئىيۇن تېلېگراممىسى : 28 – ئىيۇن گوندۇراس ئارمىيە تەرەپنىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئاشكارلىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 9:00 ( بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:00 ) ئەتراپىدا ، ئارمىيە تەرەپ پايتەخت تېگۇسىگالپادىكى مۇھىم كوچىلارنى كونترول قىلىۋالغان ھەمدە پايتەخت بىلەن سىرتنىڭ قاتناش ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن .
گوندۇراس ئارمىيە تەرەپ برونېۋىك ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان چىقىرىپ ، پايتەخت كوچىلىرى ۋە ھاۋا بوشلۇقىنى چارلىغان . نۇرغۇن ئەسكەرلەر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ، پارلامېنت بىناسى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارغا يىغىلغان . زۇڭتۇڭ زېلايانىڭ قوللىغۇچىلىرى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئارمىيە تەرەپ بىلەن تىركەشكەن ھەمدە ئاپتوموبىل چاقلىرىنى كۆيدۈرگەن لېكىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن .
تېگۇسىگالپادىكى نۇرغۇن ئامما ئۆيىدىن تالاغا چىقمىغان . يۇقىرىدا ئېيتىلغان مۇھىم جايلاردىن باشقا ، كوچىلاردا ئاساسەن ئادەم يوق بولۇپ ، ماگزىنلارنىڭ كۆپىنچىسى تاقىۋېتىلگەن .
گوندۇراس زۇڭتۇڭى زېلايا 28 – ئىيۇن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئارمىيە تەرەپ تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان ھەمدە پايتەخت تېگۇسىگالپانىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئېلىپ بېرىلغان . گوندۇراستىكى ئۆزىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ئوفىتسېرنىڭ شىنخۇا تورى مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە ، زيلايا گوندۇراستىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئېلىپ بېرىلغان .
历史上的今天:
سىچۈەن ئۆلكىسى ميەنجۇ شەھىرىدە يەر تەۋرىدى 2009-06-3080ياشلىق بۇۋايغا مۈڭگۈز چىقتى 2009-06-30
收藏到:Del.icio.us