تاڭ سەھەر تور خاتېرىسى قۇرۇلغىلى
    <<  تەۋھىد توغىرسىدا مۇھىم ھۆكۈملەر | باش بەت | كىچىك قارىيەنىڭ قىرائىتى ( سۈرەتلىك )  >>


  • ئىراندا 475 ئادەم يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تىزىملاتتى - [خەۋەر - ئۇچۇرلار]

    خەتكۈچ:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39304030.html

    ئىراندا 475 ئادەم يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تىزىملاتتى
     
            شىنخۇا تورى تېھران 10 – ماي تېلېگراممىسى : ئىران سايلام كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى دانىش 10 – ماي ، 9 – مايغىچە جەمئىي 475 ئادەمنىڭ 12– ئىيۇندىكى ئىراننىڭ 10 – نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتقانلىقىنى ، بۇ ساننىڭ 2005 – يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتقانلار سانىدىن % 53 ئاز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان .
          ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ Zhu Danesh  نىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، جەمئىي 433 نەپەر ئەر ، 42 نەپەر ئايال بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتقان ، تىزىملاتقانلار ئىچىدە ئەڭ چوڭى 86 ياش ، ئەڭ كىچىكى 19 ياش ئىكەن .
          ئىران قانۇنىغا ئاساسەن ، زۇڭتۇڭ نامزاتى چوقۇم ئىراننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇشى ، يېشى 18 ياشتىن ئاشقان ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ، ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قانۇنى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغان ھەمدە بەلگىلىك سىياسىي ۋە دىنىي ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان بولۇشى كېرەككەن .
          ئىراننىڭ 10 – نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى نامزاتىغا تىزىملاش خىزمىتى 5 – مايدىن 9 – مايغىچە ئېلىپ بېرىلغان . ئىراننىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى ئەخمىدى نىجاد ، سابىق زۇڭلى مۇساۋىي ، سابىق پارلامېنت باشلىقى كارۇبى ۋە سابىق ئىسلام ئىنقىلابى قوغداش ئەترىتىنىڭ قوماندانى ، دۆلەت مەنپەئەتىنى بەلگىلەش كومىتېتىنىڭ كاتىپى Rezaei بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتقان .
         ئىران ئاساسىي قانۇن ۋەسىيلىك كومىتېتى تىزىملاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىپ چىقىپ ، 21 – ماينىڭ ئالدى – كەينىدە نامزاتلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدىكەن .


    مەنبە : قاشتېشى

    收藏到:Del.icio.us




ساقلانمىلىرىم