-
تەۋھىد توغىرسىدا مۇھىم ھۆكۈملەر - [ئىسلام دۇنياسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39106296.html
تەۋھىد دىگەن نىمە ؟
تەۋھىد دىگەن سۆز لۇغەتتە " يالغۇز دەپ تۇنۇش " دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ ، شەرىئەتنىڭ بىلدۈرۈشىدە تەۋھىد دىمەك: ئاللاھ تائالانىڭ تەڭدىشى يوق ۋە ئوخشىشى يوق. ئاللاھنىڭ زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە قىلغان ئىشلىرىدىمۇ تەڭدىشى يوق ئالەمنى يارىتىشىدىمۇ شېرىكى يوق شۇڭا مەخلۇقاتلارنىڭ شەكسىز قۇلچىلىق قىلىشىغا، مۇھەببەت بىلەن يۈرەكنى باغلىشىغا پەقەت ئاللاھلا ھەقلىق دەپ ( ئۇننىڭدىن باشقىسى ھەرقانچە كاتتا بولۇپ كەتسىمۇ مەخلۇق دەپ تۇنۇپ ) ئەقىدە قىلىشتۇر.
ئاللاھ تائالاغا ھىچقانداق تەرەپتىن تەڭكەلگۈچى يوق دىگەن ھەققتە ئاللاھ تائالا سۈرە ئىخلاستا
{ دىگىن ئى مۇھەممەد! ئاللاھ يالغۇزدۇر. ئاللاھ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلغۇچىدۇر ( ھىچكىمنى ) تۇغمىدى ( ھىچكىمدىن ) تۇغۇلمىدى ئۇنىڭغا ھىچكىم تەڭداش بولالمىدى }
ئالەمنى تەربىيەت قىلىشتا ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقلىقى توغىرسىدا سۈرە رەئىدى دا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:
{ دىگىن ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ ئىگىسى كىم؟ ( جاۋابەن ) دىگىن ئاللاھ }
يەنە ئاللاھ يۇنۇس سۈرىسىدە:
{ دىگىن ئى مۇھەممەد! سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زىمىندىن رىزىق بەرگۈچى كىم؟ قۇلاقلارغا، كۆزلەرگە ( ئاڭلاش ۋە كۆرۈش )ئىمكانىيىتىنى كىم؟ تىرىكنى ئۈلۈكتىن، ئۈلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىدىغان كىم؟ ھەممە مەۋجۈداتنى پىلانلىق باشقۇرىۋاتقان كىم؟ ( دەپ سورىغىن ) ئۇلار جاۋاب بېرىپ " ئاللاھ " دەيدۇ. ( ھەممىنى قىلغۇچى ئاللاھ دەيدۇ )
ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتا شېرىك يوق دىگەن مەزمۇن توغۇرسىدا قۇرئان كەرىم مۇھەممەد سۈرىسىدە ئاللاھ ئېيتىدۇ
{ بىلگىنكى بىر ئاللاھدىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق! }
يەنە ئەنئام سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ.
{ دىگنى ئى مۇھەممەد! مېنىڭ نامىزىم ، قۇربانلىقىم ، تىرىكلىگىم ۋە ئۆلمىكىم ، جىمى ئالەمنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تائالا ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق ۋە مەن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجىسىدۇرمەن }
شۇ سەۋەبتىن تەۋھىد ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ :
بىرىنجى: ئاللاھ تائالانى زاتىدا بىر دەپ تۇنۇش..
ئىككىنجى: ئىسىملار ۋە سۈپەتلەردە ئاللاھ بىر ( ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى، سۈپەتلىرى ئاللاھنىڭ ئۆزىگىلا خاس، ھىچكىم ئاللاھقا ئوخشىمايدۇ ھەم ئوخشاپ قالسىمۇ قەتئى بولمايدۇ. ) دەپ تۇنۇش
ئۈچىنجى: جىمى مەۋجۇداتنى يارىتىش، رىزىق بىلەن تەمىنلىش، ئىگىدارچىلىق قىلىشتا يالغۇز ئاللاھ دەپ تۇنۇشتۇر، ئاللاھ تائالا رەبىبلىكتە ( يەنى يارىتىشتا ) يالغۇز دىگەننىڭ مەنىسى، ئاللاھ تائالا ھەممە مەخلۇقنى يارىتىشتا يالغۇز، رىزىق بېرىشتە يالغۇز، پۈتۈن مەخلۇقنى ھەممە مۈلۈكنى باشقۇرۇشتا يالغۇز دىمەكتۇر.
ئىلاھلىقىدا يالغۇز دىگەننىڭ مەنىسى: ھەممە مەخلۇقنىڭ ئىتائەت قىلىشىغا، ئىبادەت قىلىشىغا پەقەت ئاللاھلا ھەقلىق، باشقا كىشىگە ( ھىچقانداق مەخلۇققا ) چۇقۇنۇپ باش ئىگىشكە بولمايدۇ. دەپ تۇنۇش مەسىلەن: مالائىكلەرگە، پەيغەمبەرلەرگە، سالىھلار كامىل شەرەپلىك كىشى بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا كىم ۋە نىمە بولسا-بولسۇن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا بولمايدۇ. ...
يۇقۇردا ئاللاھ تائالانى زاتىدا سۈپەتلىرىدە ۋە ئىسىملىرىدا ئاللاھنىڭ يالغۇزلۇقى سۆزلەندى
تەۋھىد ئۈچ قىسىم بۇلۇپ
. 1-تەۋھىد رۇبۇبىييەت
2-تەۋھىد ئۇلۇھىييەت
3-تەۋھىد ئەسمائىي سىفەت
يۇقارقىلارنى تەپسىلى چۈشەندۇرۇش ئۈچۈن ماتىريال كۆرۈش ۋە لوغەتلەرگە سېلىشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ ، ھازىرچە مۇشىنچىلىكلا يوللىيالىدىم .
ئاللاھ خالىسا داۋامىنى ۋاقىت چىقىرىپ يەنە يوللارمەن
收藏到:Del.icio.us