باش بەت  خەلقئارا خەۋەرلەر  دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى كومپىيۇتېر  ITخەۋەرلىرى رەسىملەر 


  • دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ فونتان دۈبەيدە ئىش باشلىدى. - [خەلقئارا خەۋەرلەر]

    2008-07-21

    دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ فونتان
     

    فونتاننىڭ ئېگىزلىكى150مىتىر،ئۇزۇنلىقى275مىتىر،1000خىل سۇ ئېتىلىپ چىقىش شەكلى بار.


     

    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فونتاننىڭ تەسۋىرى رەسىمى


    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فونتاننىڭ تەسۋىرى رەسىمى



    دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش بولغان ئېگىزلىكى818مېتىر كېلىدىغان«دۈبەي مۇنارى»قۇرۇلۇشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن باشلاپ،ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يەر مۆلۈك ماگىناتى ئەمار يەر مۆلۈك شىركىتى يېقىندا يەنە ئۆزلېرىنىڭ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئېگىز بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يېنىغا دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ فونتاننى ياساپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.مەزكور فونتاننىڭ ئېگىزلىكى150مىتىر،ئۇزۇنلىقى275مىتىر بۇلۇپ ئىككى دانە پۇتبول مەيدانىنىڭ چوڭلۇقىچىلىك چىقىدۇ،1000خىل شەكىلدە سۇ ئېتىپ چىقىرالايدۇ،قۇرۇلۇشقا كېتىدىغان مەبلەغ218مىليون ئامرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ،2009-يىلى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرىلىدۇ.قۇرۇلۇش تاماملانسا ئۇ دۈبەي شەھىرىنىڭ يەنە بىر سىمۋول خاراكتىرلىك مەنزىرە رايونى بۇلۇپ قالىدۇ،يىلدا تەخمىنەن10مىليوندەك ساياھەتچىنى جەلىپ قىلالايدۇ.نۆۋەتتە ئەمار شىركىتى بۇ فونتانغا مۇۋاپىق ئىسىمدىن بىرنى تېپىش ئۈچۈن ئىسىم تاللىماقتا،ئەگەر كىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىسىم تاللىنىپ قالسا شۇنىڭغا 27مىڭ225ئامرىكا دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.بۇ مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەر قانداق بىر پۇقراسى قاتنىشالايدىغان بۇلۇپ،پائالىيەت ۋاقتى7-ئاينىڭ1-كۈنىدىن9-ئاينىڭ15-كۈنىگىچە.
    جەمئىي20مىليارد ئامرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان«دۈبەي مۇنارى قايناق شەھەر رايونى»پىلانى «دۈبەي مۇنارى»،«دۈبەي مۇنارى سۈنئىي كۆلى»،«دۈبەي مۇنارى سودا سارىيى»،30مىڭ يۈرۈش ئولتۇراق ئۆي،9دانە مېھمانساراي،19دانە يۈرۈشلۈك ياتاق بىناسى ھەمدە6.2مو ئامما ئىشلىتەلەيدىغان يېشىللىق قاتارلىقلانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     


    دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش
    شىنخۇا تورى ئەبۇزەبى8-ئاپرېل تىلىگراممىسى:ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى«دېڭىز قۇلتۇقى ۋاقىت گىزىتى»نىڭ8-ئاپرېلىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،دۇبەي ئەمار ئۆي مۈلۈك شىركىتى ھازىر ياسىلىۋاتقان دۇبەي مۇنارىنىڭ ئاللىبۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇشقا ئايلانغانلىقىنى جاكارلىغان.
    ئەمار شىركىتى مۇنداق دىگەن:دۇبەي مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى ھازىر ئاللىبۇرۇن 629مىتىرغا يەتتى،ئېگىزلىكى628.9مىتىر كېلىدىغان ئامرىكا شىمالىي داكوتا شىتاتىدىكىKVLY-TVتىلىۋىزىيە تارقىتىش مۇنارىدىن ئېشىپ چۈشۈپ،دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇشقا ئايلاندى.KVLY-TVتىلىۋىزىيە تارقىتىش مۇنارى1963-يىلىدىن بۇيان دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش دىگەن نامنى ساقلاپ كەلگەنىدى.

    دۇبەي مۇنارى2004-يىلى9-ئايدا ئىش باشلىغان بۇلۇپ،رىقابەتچىلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،ئەمار شىركىتى ئىزچىل ھالدا دۇبەي مۇنارىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئېگىزلىكىنى سودا مەخپىيىتى سۈپىتىدە سىر ساقلاپ،سىرتقا ئاشكارىلىماي كەلگەنىدى.سىرتتىكىلەرنىڭ ھەرخىل پەرەز قىلىشلىرىمۇ ئەمار شىركىتىنىڭ ھېچقانداق پۇزىتسىيە بىلدۈرىشىگە ئېرىشەلمىگەنىدى.
    تەخمىنەن1مىليارد ئامرىكا دوللىرى مەبلەغ كېتىدىغان دۇبەي مۇنارى قۇرۇلۇش تاماملىغاندىن كىيىن،ئىتالىيىلىك داڭلىق لاھىيلىگۈچى ئامانى لاھىيلىگەن دۇنيادىكى تۈنجى ئامانى مېھمانسارىيى بۇ قۇرۇلۇشقا ئورۇنلىشىدۇ.دۇبەي مۇنارىغا ئېسىل ياتاق بىناسى،سودىدا ئىشلىتىدىغان ئىشخانا،كۆڭۈل ئېچىش مۇئەسسەسەلىرىدىن باشقا يەنە،124-قەۋىتىگە كۆزۈتىش سۇپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ،ساياھەتچىلەرنى440مىتىر ئېگىزلىكتىن دۇبەي شەھىرىنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.




    2008-يىلى4-ئاينىڭ باشلىرى،قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دۇبەي مۇنارى


    2008-يىلى4-ئاينىڭ باشلىرى،قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دۇبەي مۇنارى


    دۇبەي مۇنارىنىڭ تەسۋىرى رەسىمى


    دۇبەي مۇنارىنىڭ تەسۋىرى رەسىمى



    سەلكىن مۇنبىرىگە يوللاپ بولغان تېمام.
    http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-30590.html

    مەنبە:شىنخۇا تورى

    收藏到:Del.icio.us