بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-04-12

    مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ ، ئەمەلىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك - [نــەزەرىـيــە]

    مەۋقەنى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىسى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈم دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم يېتەكچى پىرىنسىپى.

    مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئەمەلىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.

    جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن تەڭ مەيدانغاكەلگەن، تەڭ راۋاجلانغان بولۇپ، تىپىك دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. 1979 – يىلى 7 – ئايدا ئېچىلغان 5 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – يىغىنىدا ‹‹سايلام قانۇنى››، ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››، ‹‹جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇنى›› قاتارلىق يەتتە قانۇن ماقۇللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتى 20 يىل توختاپ قالغاندىن كېيىن قايتا زور بۆسۈشكە ئېرىشتى، بۇ تىنچ، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەتنى قوغداش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى قانۇن – تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. 1993 – يىلى ‹‹دۆلىتىمىز بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويىدۇ››، ‹‹دۆلەت ئىقتىسادقا دائىر قانۇن تۇرغۇزۇشنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق تەڭشەشنى كۈچەيتىدۇ›› دېگەندەك مۇھىم مەزمۇنلار ‹‹ئاساسىي قانۇن››غا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى نامايان قىلىندى. بۇلاردا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىدىيەۋى لۇشيەندە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇلۇپ، مەۋقە دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيەتكە قويۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش دەۋر تەلىپىگە ماس كەلگەچكە، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

    مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئەمەلىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

    ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزگەرتىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىجتىمائىي ھەرىكەت بولۇپ، ئۆزگىرىپ تۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتى ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ماسلىشىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ئۆزگىرىش›› بىلەن ‹‹ئۆزگەرمەسلىك››نىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، تۆۋەندىكى پىرىنسىپنى ئىگىلەش كېرەك: ئەمەلىي تەجرىبە ھاسىل قىلغانلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىش كېرەك؛ ئەمەلىي تەجرىبە ھاسىل قىلمىغان، بەلگىلىمە چىقىرىش زۆرۈر بولغانلىرىغا پىرىنسىپاللىق بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۈچۈن ماكان قالدۇرۇش كېرەك؛ ئەمەلىي تەجرىبىسى يوق، ھەر تەرەپلىمە پىكرى بىردەك بولمىغانلارغا ھازىرچە بەلگىلىمە تۈزمەسلىك، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئاندىن مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

    مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئەمەلىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۆرنەك ئېلىش ئاساسىدا دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

    مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، قانۇن – تۈزۈم ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، چەت ئەلنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئىشلىرىدا ھەم جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش ھەم دۇنيا مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش كېرەك.

    جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. يېڭى تارىخىي پەللىگە قەدەم قويغاندا، قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇش، ئەمەلىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت قىممەتلىك تەجرىبىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇلۇپ، ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، قانۇننى تۈزىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەم يۈرۈشلۈك نىزاملارنى تۈزۈش تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلىدۇ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋە ئۇنى ياخشىلايدىغان، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قانۇن – نىزاملارنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈم دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

     

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى