-
2011-04-12
ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە بايلىق تىجەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر - [نــەزەرىـيــە]
ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بايلىق
تېجەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر
مۇتەخەسسىسلەر ئېلىمىزنىڭ بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلات باھاسىنىڭ
ئىسلاھات يۈزلىنىشى ئۈستىدە توختالدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ گوچېڭ
12- بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىدا ئېلىمىزنىڭ بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلات باھاسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقى، بازارنىڭ تەمىنلەش – تەلەپ مۇناسىۋىتى، بايلىق قىس بولۇش دەرىجىسى ۋە مۇھىتنىڭ زىيانغا ئۇچراش تەننەرخىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلات باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
نېمە ئۈچۈن بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلات باھاسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ؟ ئىسلاھاتنىڭ يۈزلىنىشى ۋە تۈپ مەقسىتى نېمە؟ باھا ئىسلاھاتىنىڭ پۇرسىتى ۋە سالمىقىنى قانداق ئىگىلىگىلى بولىدۇ؟ مەن مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدىم.
باھانىڭ نامۇۋاپىق بولۇشىدا نۇقسانلار كۆپ
گوۋۇيۈەن تەرەققىيات – تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ جۈنكۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا كۆپىنچە تەبىئىي بايلىقنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىش مىقدارى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن، ھەتتا خېلىلا تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما باھاسى خەلقئارادىكى ئادەتتىكى سەۋىيەدىن تۆۋەن بولۇپ، ئېلىمىزدە بايلىقنىڭ قىسلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەن.
جاڭ جۈنكۇاڭ مۇنداق دېدى: بايلىق باھاسى تۆۋەن بولسا، يەرلىك ۋە كارخانىلارنىڭ بايلىققا تايىنىدىغان كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئاسانلا سەۋەب بولىدۇ. قىس بايلىق ھەددىدىن كۆپ ئىشلىتىلسە، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىنىڭ قىس بايلىقنى يۈزە ئىشلىتىشىگە ۋە بۇلغىمىنىڭ بىرقەدەر كۆپ چىقىرىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئىستېمال ھالقىسىدىن قارىغاندا، ئستېمالچىلارنىڭ قىس بايلىق ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى نامۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، سۇ بايلىقىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىسراپ قىلىش، گاز چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى شەخسىي ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىقلار. بۇنىڭدا ھەم بايلىق ئىسراپ بولىدۇ، ھەم مۇھىت بۇلغىنىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانىلار ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ نامۇۋاپىق ئىستېمالىغا باج ئالماسلىقى دۆلەتنىڭ مالىيە ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەپ، دۆلەتنىڭ مۇھىت سېلىنمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ».
بايلىق باھاسى ئىسلاھاتىنى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي
ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
ئېلىمىز يەنە يەر بايلىقى، سۇ بايلىقى، قېزىلما بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتى قاتارلىق ئامىللىق باھانىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
مالىيە مىنىستىرى شيې شۈرېن 3 – ئاينىڭ بېشىدا بۇ يىل بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بايلىق بېجى ئىسلاھاتى بايلىق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇشقا، بايلىقنى تېجەپ ئىشلىتىش، مۇھىت ئاسراشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار، بايلىق زىچ مەركەزلەشكەن رايونلارنىڭ مالىيە كىرىمىنى مۇناسىپ ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
ئىسلاھات ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى
مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ئالاقىدار ئىسلاھات مۇقەررەر يولغا قويۇلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇرسىتى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىسلاھات بىلەن پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
ئەمەلىيەتتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار باھا ئىسلاھاتى جەھەتتە پائال، مۇقىم پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئېنېرگىيە باھاسى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنىڭ ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ تەننەرخ ۋە يۇقتۇرما پۇل پاخاللىقى بېسىمى ئاشقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، مال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك رايونلاردىن تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقى مەھسۇلاتىنىڭ باھاسىنى تەڭشەشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسسىس جاڭ بىڭگۇڭ مۇنداق دېدى: بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلات غەيرىي رەسمىي ئاممىۋى بۇيۇم بولۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنى پۈتۈنلەي بازارلاشتۇرۇش پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىسىز. سۇ، توك، ماي، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلارغا قارىتا پەلەمپەيسىمان باھا ئىسلاھاتىنى پۇختا، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، ئومۇمىي بايلىق مەھسۇلاتىنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىمەيدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹خەلق تۇرمۇشى ۋە ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارغا قارىتا مالىيە ياردىمى بېرىش، باھادا ئېتىبار بېرىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ھەرخىل ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ مەھسۇلات باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us