بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-04-07

    «تۇرا قوشىقى» توغرىسىدا - [تـــــارىــــــخ]

    مەن «دېڭىز ئۇنچىلىرى» دىگەن كىتاپنى كۈرۈۋېتىپ، قۇغۇرسۇر ئالتۇن نامىدىكى «تۇرا قوشىقى» دىگەن مەزمۇننى ئۇچۇرتۇپ قالدىم. كىتاپتا مۇنداق دىيىلگەن:

    قۇغۇرسۇر ئالتۇن مىلادىنىڭ 478_567 – يىللىرى ئارلىقىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى. ئۇ ھۈكۈمىران تەبىقىگە مەنسۇپ بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ، سىيانپى ۋە باشقا تۈركى قەبىلىلەر بىرلىشىپ قۇرغان شىمالى چى خانلىقىدا (550-577 يىللار) مەشھۇر دۆلەت ئەربابى بولغان. ھەربى، سىياسى، دىپلوماتىيە جەھەتتە داڭقى چىققان. قوغۇرسۇر ئالتۇننىڭ بىزگە يىتىپ كەلگەن بىردىن-بىر ئەسىرى «تورا قوشىقى» بۇلۇپ، ئۇنىڭدا شۇ دەۋىرلەردىكى شەرىقى ئۇيغۇرلارنىڭ چۇغاي تاغلىرى ئەتراپىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە ئوردۇس يايلىقىنىڭ گۈزەل تەبىئى مەنزىرىسى چۇڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا بۇ شىئېرنى «تۇرا قوشىقى» دىگەندىن كۈرە، «ئۇيغۇر قوشىقى» دەپ ئاتىسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ.

     

    چۇغاينىڭ تاغلىرى ئاستىدا ئاقار،

    تۇرالار دەرياسى ئويناپ-دولقۇنلاپ.

    ئاسماننىڭ گۈمبىزى بارگاھسىمان،

    تۇرىدۇ جىمىكى دالىنى قاپلاپ.

     

    شۇنچە كەڭ غۇبارسىز ساماۋى ئاسمان،

    دالىلار بىپايان، كۈرۈنمەيدۇ قاش.

    كۈرۈنۈپ قالىدۇ سانسىز چارۋا مال،

    شاماللا  يەلپۈسە، ئوتلار ئەگسە باش.

     

    شائىرنىڭ ئىسمى ئالتۇن بۇلۇپ، فامىلىسى قۇغۇرسۇر ئىدى. قۇغۇرسۇر ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى توققۇز ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قەبىلىسى تەركىۋىدە ئىدى. شائىر ئۈزۈنىڭ قايسى قەبىلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاتا-بۇۋىسىنى فامىلە قىلىپ كەلگەن ئۆز ئۇرۇقىنىڭ نامىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۈزىنى قۇغۇرسۇر ئالتۇن دەپ ئاتىغان. تارىخى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، شائىر «تۇرا قوشىقى» نى شىمالى چى خانلىقىنىڭ پادىشاھى گاۋخىڭ ئاغرىپ قالغاندا تۈركى تىلدا يازغان ئىكەن.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى