بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-04-07

    "سارت" دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا - [ئــاتــالـغۇلار]

    بىزگە مەلۇمكى، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان قېرىداش مىللەتلەر شۇنداقلا مۇڭغۇللارنىڭ بىر قىسمى، ئادەتتە دېھقانچىلق، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللۇنىدىغان، شەھەرلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركى خەلىقلەرنى «سارت» دەپ ئاتىشىدۇ. ئۆتمۈشتىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى نورمال بولمىغان مىللى مۇناسىبەتلەر تۈپەيلىدىن، گويا بۇ سۆز ھاقارەت قىلىنغاندەك، كەمسىتىلگەندەك خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويغان. ئەمىلىيەتتە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك خەلقىنىڭ تىرىشچان، مەرىپەتپەرۋەر ئالاھىيدىلىكىگە ماس ياخشى سۆزدۇر. ئۇيغۇرلار قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىقتىكى ماھارىتى بىلەن تۈركى خەلىقلەر ۋە باشقا چارۋىچى خەلىقلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. 1985- يىلى بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان خەلىقئارا نۇپۇزغا ئىگە بىلىملەر قامۇسى - «ئوكيانۇس» نىڭ 2-قىسىم 2362- بېتىدە ئىزاھلىغىنىدەك، مۇڭغۇل ئىمپېريىسى دەۋرىدە كەڭ قوللىنىلغان "سارت" دىگەن بۇ سۆز مۇڭغۇل سۈزى بۇلۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى "دانىشمەن"، "ئەقىلدار"، "ئالىيجاناپ"، "مەنسەپدار"، "سودا ئىشلىرىنى بىجىرگۈچى"، "سودىگەر" دىگەندەك مەنىلەردە بۇلۇپ، ئەينى چاغلاردا يۇقىرى تەبىقىنى كۆرسەتكەن.


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى