-
2011-04-04
ئاخىرقى چار پادىشاھنىڭ ئۆلىمى - [تـــــارىــــــخ]
لېنىن ئاخىرقى چار پادىشاھقا ئۆلۈم جازاسى بېرىش
توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرمىگەن
رۇسىيەنىڭ ئاخىرقى چارپادىشاھى نىكولايⅡ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى، بالىسى، دوختۇرى، چاكىرى، شۇنداقلا ئاشپىزىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى 1918 – يىلى 17 – ئىيۇل يېكاتېرىنبۇرگدا ئىجرا قىلىندى. تارىخشۇناسلار ئۇزاقتىن بۇيان، لېنىن ئاخىرقى چارپادىشاھ ئائىلىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش توغرىسىدا بىۋاسىتە بۇيرۇق چۈشۈرگەن، دەپ قارىغانىدى. لېكىن، رۇسىيە تەرەپنىڭ يېقىندا ئېيتىشىچە، لېنىننىڭ نىكولايⅡ ئائىلىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئىسپات يوق ئىكەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ئاخىرقى چارپادىشاھنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا مەسئۇل باش تەكشۈرگۈچىسى ۋلادىمىر سولوۋيوۋ 17 – يانۋار رۇسىيە ‹‹خەۋەرلەر›› گېزىتى مۇخبىرىغا: ‹‹تارىخشۇناس ۋە ئارخىپ باشقۇرغۇچى قاتارلىق نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر بۇ دېلونى ئۇزاق مۇددەت تەكشۈردى. ھازىر شۇنى ئىنتايىن مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئېيتالايمەنكى، لېنىن ياكى سۋېردلوۋ (سوۋېت رۇسىيەسى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى) نىڭ چارپادىشاھ ئائىلىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىجرا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك ھۆججەت يوق››، دېگەن.
رۇسىيە ‹‹موسكۋا ۋاقتى›› گېزىتىنىڭ 18 – يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە رەسمىي ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئاخىرقى چارپادىشاھ ئائىلىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى يەرلىكتىكى بولشېۋىكلار تەشكىلاتى قارار قىلغان. 1918 – يىلى 7 – ئايدا ئاقلار ئارمىيەسى يېكاتېرىنبۇرگقا قىستاپ كەلگەن جىددىي ئەھۋالدا، يەرلىكتىكى بولشېۋىكلار تەشكىلاتى توپىلاڭچىلارنىڭ نىكولايⅡ نى قۇتقۇزۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، موسكۋانىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپلا، چارپادىشاھ ئائىلىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش قارارى چىقارغان. يەرلىكتىكى چىكا (رۇسىيە ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش كومىسسارىياتى) نىڭ قوماندانى ياكوپ يۇلوۋسكىي 17 – ئىيۇل سەھەردە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئەترىتىنى باشلاپ بېرىپ، چارپادىشاھ ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە چاكارلىرىنى گەمىگە ئەكىرگەن. ئاندىن ئۇلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئېلان قىلغان ھەم دەرھال ئىجرا قىلغان. نىكولايⅡ بۇ ھۆكۈمدىن قاتتىق چۆچۈگەن. شاھىتلارنىڭ ئەسلىشىچە، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن نىكولايⅡ : «سىلەر نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟›› دېگەن.
سولوۋيوۋ مۇنداق دېدى: ‹‹لېنىن بىلەن سۋېردلوۋ يەرلىكتىكى بولشېۋىكلار تەشكىلاتىنىڭ چارپادىشاھقا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئالدىن بىلمىگەن، لېكىن، چارپادىشاھ ئائىلىسى ئەيىبلىنىشى كېرەك، دەپ قارىغان، لېنىن ۋە سۋېردلوۋ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن باشقىچە قاراشتا بولمىغان ھەم ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ بىرىنىمۇ جازالىمىغان››، دېدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولغان يۇلوۋسكىي يېكاتېرىنبۇرگ رايونلۇق چىكانىڭ مەسئۇلى بولغان.
收藏到:Del.icio.us